تىرامپنىڭ چوڭ قىزى ئىۋانكانىڭ دادىسى ھەققىدىكى نۇتۇقى

تىرامپنىڭ چوڭ قىزى ئىۋانكانىڭ دادىسى ھەققىدىكى نۇتۇقى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ نىڭ چوڭ قىزى، «تىرامپ» گۇرۇھىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى ئىۋانكا تىرامپ 2016-يىلى 9-نويابىر زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان كۈنى كەچتە نۇتۇق سۆزلەپ، ئاتىسى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان ھەمدە ئاتىسىنىڭ قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، دۆلەت قارىشىنى تەپسىلىي شەرھىيەلىگەن. بۇ نۇتۇقنى بۈگۈنكى دەۋردىكى بىر نادىر نۇتۇق دېيىشكە بولىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپنىڭ چوڭ قىزى ئىۋانكانىڭ دادىسى ھەققىدىكى نۇتۇقى
سۆزلەنگەن ۋاقىت 2016-يىلى 9-نويابىر
خەنزۇچە نامى 特朗普大女儿演讲
سۆزلىگۈچى ئىۋانكا تىرامپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىرامپنىڭ چوڭ قىزى ئىۋانكانىڭ دادىسى ھەققىدىكى نۇتۇقىخەيرلىك كەچ! بىر يىل ئىلگىرى، ئۇ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، مەن ئاتامنى تونۇشتۇرغانىدىم. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆز ئۇسلۇبى بويىچە كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ-مەقسەتلىرى ئارقىلىق سىياسىي ساھەگە كىرىش ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلەپ، بىر-بىرىدىن ئىقتىدارلىق 16 نەپەر سايلام رىقابەتچىسىنى مەغلۇب قىلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، دونالد تىرامپ ئىزچىل خەلقنىڭ قەھرىمانى بولۇپ كەلدى. بۈگۈن كەچتە، ئۇ خەلقنىڭ زۇڭتۇڭىلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇرماقتا.

قۇرداشلىرىمغا ئوخشاشلا، مەن ئۆزۈمنى ھەرگىزمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ياكى دېموكراتلار پارتىيەسىگە تەۋە دەپ قارىمايمەن. مەن پارتىيە-گۇرۇھلار كۈرىشىدىن ھالقىپ كەتكەن، ئائىلەم ۋە دۆلەتكە پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقىغا ئاساسەن بېلەت تاشلىدىم. بەزىدە، بۇ بىر مۈشكۈل تاللاشتەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن، بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى. سىزدەك زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان كىشىنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ يەردە پەخىرلەنگەن ھالدا سىزگە شۇنداق دەيمەنكى، دونالد تىرامپ ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلەيدىغان كىشى بولالايدۇ.

بىز نەچچە ئون يىلدىمۇ كۆرەلمەيدىغان ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى ئاشۇ خىل پەقەت كەسىپ ئەھلى بولمىغان، پۈتۈن ھاياتىنى باشقىلارنىڭ قىلالمايدىغان ئىشلىرىغا بېغىشلىغان كىشىلەرلا روياپقا چىقىرالايدۇ. مېنىڭ ئاتام بىر جەڭگىۋار كىشى. دەسلەپتە سايلامدا قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، رىقابەتچىسى كۈچلۈك كېلىپ قالغاندا، ئۇ ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈش، جاپالىق تىرىشىش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، رىقابەتلەشكەنسېرى قەيسەرلىشىشتەك ئۇلۇغ رەھبەرلەرگە خاس ئىشلارنى قىلدى.

مەن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى، خادىملىرىنىڭ غېمىنى قىلغانلىقىنى، شىركەتلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرغانلىقىنى كۆرگەن، ھازىر مەن يەنە ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھېكايىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سايلام رىقابىتى روھىدۇر. بۇ يەنە بۇ پارتىيەنىڭ، ھەتتا بۇ دۆلەتنىڭ يەنە بىر قېتىم غەلىبە مېۋىسىنى تېتىپ، بۇ ئارقىلىق ھەممەيلەننى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى.

ئاتامنىڭ شان-شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان، ئەمما بۇ دەل مېنى تەربىيەلىگەن ئاتام بولىدۇ، بۇنىسى كىشىلەرگە ئايان ئەمەس. «تىرامپ» سارىيىدا ھازىر بىر ئىشخانىدا ئىشلەيمىز، مەن يەنە ئىلگىرى ئاتامنىڭ ئىشخانىسىدىكى شىرەنىڭ يېنىدىكى پولدا ئوينايتتىم، «لېگو» ۋە قۇرۇلۇشچىلار بىلەن مىكرو قۇرۇلۇشلارنى تىزىپ چىقاتتىم، لېكىن ئۇ سېمونت، پولات-تۆمۈر ۋە ئەينەكلەر بىلەن قۇرۇلۇشلارنى سالدى. ئاتام بىز قېرىنداش ئاچا-سىڭىللارنى ئاكتىپ قىممەت قاراش ۋە كۈچلۈك ئېتىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەربىيەلىگەن، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بىزگە قىلغان ئىشلىرىمىزدا قەتئىي ئىرادىلىك بولۇش، رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىدىن ھالقىشنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئۇ بىزگە نەزەر دائىرىمىز ۋە قايناق ھېسسىياتىمىزنى ئۇزاق مەزگىللىك خىزمىتىمىزگە قاراتساقلا، ھەممىنى قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە تەربىيە قىلاتتى.

ئاتامنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تالانتىنىڭ بىرى دەل كىشىلەر ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۇنى بايقىيالايدىغانلىقىدۇر. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىزدىمۇ شۇنداق بولغان. ئۇ بىزگە تىرىشمىساقلا، يۇشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنىڭمۇ ئىز-دېرەكسىزلا يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتى. ئۇ يەنە بىزگە خىزمەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى، بۇنىڭ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەربىيە قىلاتتى.

نۇرغۇن يىللاردىن بېرى، نۇرغۇن سورۇنلاردا ئاتامنىڭ گېزىتلاردىكى ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى يىرتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار ئادالەتسىزلىككە ياكى قىيىنچلىققا دۇچ كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىمزا قويۇشتا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس قەلىمى بىلەن ياردەمچىسىگە ئىككى ئىلىك خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بۇ كىشىنى تېپىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتى ھەمدە ئۇنى «تىرامپ» سارىيىدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلاتتى. ئۇ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق ئۇلارغا خىزمەت تېپىپ بېرەتتى ياكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئوڭشاپ قوياتتى. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىدىغاندا، ئۇلار ھەمىشە ئىلگىرى تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەن كىشىلەرگە ئوخشاش، تۇرمۇشىنىڭ توغرا بىر يولغا كىرگەنلىكىنى ھېس قىلاتتى.

ھاياتىمدا، ئۇنىڭ باشقىلارغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغانلىقىنى ۋە مەرد-سېخىيلىقىنى كۆرۈپ كەلدىم. بۇ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغىنىڭىزدا سىزنى قوللاشتىكى ئۇسۇلى. ئاتامدا كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان جەلپكارلىق ۋە ئىقتىدار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى مېھرىبانلىق ۋە ھېسداشلىققا تولغان، شۇڭا ئاتام بۇ دۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان رەھبەرگە ئايلىنالىغان.

ئاتامنىڭ ئادىللىق قارىشى ئېنىق بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر ئېتىقادى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ كەتكەن. مەن «تىرامپ» گۇرۇھىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇنىڭ بىر رەھبەر بولۇش شۈپىتى بىلەن، شىركەتكە قانداق باشچىلىق قىلىپ، كەسپىي ھاياتى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدىغان مۇھىم قارارلارنى قانداق روياپقا چىقارغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭدىن بىناكارلىق خىزمىتىگە ئالاقىدار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.

بىناكارلىق ئورنى نورمال يۈرۈشسىلا قابىلىيەتلىكلەر ئىشلىسە بولىدىغان جاي. بىناكارلىق كەسپىدە شۇ كىشىنىڭ ئىقتىدارى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇنى يۇشۇرۇۋېلىشقا ئامال يوق. بۇ ئىش مەيدانلىرىمۇ كىشى ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى چوڭ پېچ (ئوچاق)قا ئوخشايدۇ، ئۇ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، بىر نىشان ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. ئاتامنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىرقتىكى كىشىلەر دائىم بىرگە ئىشلەيدۇ. كۆزگە سىڭىپ قېلىشتىن بۇرۇن، سىزمۇ ئاياللارنى ئاندا-ساندا كۆرەلەيسىز.

ئاتام قابىلىيەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ بىر نەرسىگە قاراپلا، ھەقىقىي بىلىم ۋە ئىقتىدارىنى بىلەلەيدۇ. ئۇنىڭدا ئىرقىي كەمسىتىش ۋە جىنسىي بىتەرەپلىك خاھىشى يوق. ئۇ ئەڭ ياخشى كىشىلەرن تاللاپ ئىشقا قويۇشنى بىلىدۇ. گەپ ۋە ۋەدىلەر قۇلاققا خۇش ياقسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ كەسىپتە سىز بىنالىرىڭىزنى نامايان قىلالمىسىڭىز، سىزنى بىر قۇرۇلۇشچى دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئاتامنىڭ نامايان قىلغىنى پۈتۈن شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپ، پەقەت مەلۇم بىر كەسىپتىلا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما مېنىڭ ئاتام نۇرغۇن كەسىپلەردە ئۇتۇق قازانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ ئۇتۇقلىرى يۈكسەك پەللە يارىتىپ، نامى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان. بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى دەل زەن قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر بولغانلىقىدۇر. مىليونېر باش مۇدىرلار ھەمىشە خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز خىزمىتىگە قانداق پىكرىنىڭ بارلىقىنى سوراپ يۈرمەيدۇ. ئەمما ئاتام بۇنىڭ سىرتىدا، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتتە سىز ئۇنىڭ باشقۇرغۇچى، سىرچى، ئىنژېنېر، توكچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

دونالد تىرامپ مەسئۇل بولغاندا، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق ۋە ئېشىپ چۈشۈش ھەممىدىن مۇھىم. بۇ ئىزچىل «تىرامپ» گۇرۇھىنىڭ ئىدىيەسى بولۇپ كەلدى. شىركىتىمىزدە، ئايال باشقۇرغۇچىلار ئەرلەردىن كۆپ. ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوخشاش مائاش ئالىدۇ، ئانا بولغانلار يېتەرلىك غەمخورلۇققا ئېرىشەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمايدۇ. ئاياللارنىڭ سانى ئامېرىكىدىكى ئومۇمىي ئەمگەك كۈچىنىڭ % 46 نى ئىگىلەيدۇ، ئاياللار % 40 ئامېرىكا ئائىلىلىرىدە ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ كەلمەكتە.

2014-يىلى، ئەرلەر بىر دوللار تاپقاندا، ئاياللار 0.83 دوللار تاپاتتى، بالىلىرى يوق ئاياللار 0.94 دوللار تاپالايتتى، بالىلىق بولغان ئاياللار 0.77 دوللار تاپالايتتى. تەتقىقاتچىلار دىققەت قىلغىنىدەك، ئاياللار ئەمدى جىنس پەرقى سەۋەبلىك مائاشتا پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئانىلىق سالاھىيەتمۇ شۇنداق. زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتام ئاياللارنىڭ يەنىلا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولمايدىغان باسقۇچتىكى ئەمگەك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئەلا بالا تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەمدە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

تىرامپنىڭ چوڭ قىزى ئىۋانكانىڭ دادىسى ھەققىدىكى نۇتۇقىئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىشىنىڭ قىيىنلىقىنى بىلىمەن. مەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەندىمۇ تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئامېرىكا ئائىلىرى ياردەمگە مۇھتاج. بالىسى بار ئاياللارغا ياردەم بېرىش بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى يېڭى ئىش ئەمەس، بەلكى دائىملىق ئىش بولۇشى كېرەك. سىياسەتۋازلارنىڭ مائاش باراۋەرلىكى ھەققىدە گەپ ساتىدۇ، ئەمما ئاتام پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا ئۇنى ئىزچىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمەن.

ئامېرىكىلىقلارغا بۈگۈن زۆرۈر بولغىنى ئىقتىساد بولۇپ، كىشىلەرنى يەنە ئورنىدىن دەست تۇرغۇزۇش كېرەك. زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش ياساپ، ئۇلۇغ ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەربىر ئەۋلادقا ئالدىنقى ئەۋلادلاردىنمۇ بەكرەك يارقىن پۇرسەتلەرنى، يېڭى ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدۇ. دونالد تىرامپ قىلماقچى بولغان ئىشى بىلەن بۇ ئىشنى پۈتكۈزۈش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى چۈشىنىدۇ. ئاتام ماڭا: «بىر ئېگىز بىنا سېلىشتا، پەقەت ئاسماندىن ئېھتىيات قىلساڭلا بولدى» دەيتتى. بىر بىنا ئادەتتە قەۋەتمۇ قەۋەت قوپۇرۇلۇپ ئاندىن بەھەيۋەت نامايان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە رېكورت ياراتقان ئېگىزلىك، ناماياندە خاراكتېرلىك لايىھە بىلەن تېخىمۇ كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. ئەمەلىيەتچىل ئادەملەر بىلەن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، ئارزۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ ئادەتتە سۆزدە ئىشەنچىلىك، ھەرىكەتتە كەسكىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بىزنىڭ بۇ يىل بىر پۇرسىتىمىز بار، بىز بىر دۆلەتنىڭ ئارزۇ قىلىشقا، خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان مىراسىنى قايتا نامايان قىلىشىمىز كېرەك. تەلىيىمىزگە يارىشا، دونالد تىرامپ ئەزەلدىن بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ئىشنى قىلمىدى. مەن يەنىلا بالا بولغاچقا، ئاتام ماڭا: «ئىۋانكا، قانداقلا ئارزۇيۇڭ بولسا، نىشانىڭ چوقۇم ئۇلۇغۋار بولسۇن» دەيدۇ. زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاتام كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىمىسىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۇلۇغۋار نىشانلاردىن قورقۇپ قالماي، ئۇنى قەيسەرلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بارلىق ئامېرىكىلىقلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئاتام بىلەن بىرگە بولسىڭىز، مەڭگۈ ئۈمىدسىزلەنمەيسىز. ئۇ سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئېچىش سودىگىرى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، دونالد تىرامپ بوش قالغان ۋە ياغاچ تاختىلار بىلەن ئورالغان زاۋۇتلارنى كۆرۈشنى پەقەت خالىمايدۇ. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇش سەۋەبلىك قەرزگە بوغۇلۇپ يۈرگەنلىكىنى، ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ خىراجىتى سەۋەبلىك ئائىلىسىنى ياخشىلاشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبتىن ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ. باشقا سىياسەتۋازلار بۇنداق قىيىنچىلىقلارنى كۆرگەندە، بۇنداق ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۇچراتقاندا: «ساڭا ئەپسۇسلىنىمەن» دېيىشى مۇمكىن. ئەمما ئاتام: «سەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن» دېيەلەيدۇ.

بۇ دۆلەتتىكى ئىشچان قىز-يىگىتلەر ئاتامنى تولۇق ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇ بىر ئەزىمەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدۇ؛ ئۇ سەمىمىي، سادىق، ئۈمىدۋار، ئۇ ئامېرىكىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇ ئائىلىسىنى ۋە دۆلىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ھەممە ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىدۇ.

سىياسەتۋازلار ۋەدىگە ئېسىلىۋالىدۇ، باشقىلارغا نەتىجىسىگە قاراپ باھا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئاتامنى نەتىجىلىرىگە ئاساسەن تەنقىدلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ قېنىدا ئۇرغۇۋاتقان قىممەت قاراشلىرى بىلەن تىرامپنىڭ قىممەت قارىشىغا باھا بېرىڭلار. ئۇنىڭ بىنا قىلغان ئاسمان-پەلەك بىنالار، قۇرغان شىركەتلىرى ۋە ياراتقان سانسىزلىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا باھا بېرىڭلار. ئۇ بىر 18 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە باشچىلىق قىلىشقا سالاھىيىتى ئەڭ توشىدىغان كىشى.

ئاتام ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن ۋە ئىككى پارتىيەدىن كەلگەن ئەربابلارغا، شۇنداقلا بىر توپ يېڭى ئاقىللارغا مۇراجىئەت قىلىپ، يىيېڭى نەزەر بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى مەسىلىلىرىنى كۆزىتىپ، يېڭى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كېلىڭلار، 2017-يىلى 1-ئايدا، بارلىق ئىشلارغا يەنە ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ. بىزگە يەنە ئارزۇ-ئارمانلار يار بولىدۇ، نەزەر دائىرىمىز تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئامېرىكا خەلقىگە ئاتامدىنمۇ بەكرەك ئىشىنىدىغان يەنە بىر كىشى بولمىسا كېرەك. ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ سادىق يولباشچىڭلارغا ئايلانغۇسى.

بۇ بىر جەڭگىۋار، ئەمەلىيەتچىل كىشى، سىلەر ئۇنى ئۆزۈڭلارغا زۇڭتۇڭ قىلىپ تاللىدىڭلار. كىشىلەر ئادەم ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ تارىخىي پەيتتە بىر ئۇلۇغ بۇرچنى ئاتامدىن ئىبارەت بىر قالتىس كىشىگە تاپشۇردى.

مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر سۆيىمەن. بۈگۈن كەچتە، مەن ئەڭ ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىم بىلەن سىلەرگە ۋە بارلىق ئامېرىكىلىقلارغا ئاتام ۋە بىزنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىمىز دونالد تىرامپنى تونۇشتۇرىمەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#