جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى 1982–يىل 8–ئاينىڭ 23–كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó hǎi yáng huán jìng bǎo hù fǎ
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国海洋环境保护法
تۈزتىلگەن ۋاقتى 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1982–يىل 8–ئاينىڭ 23–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ، زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد ۋە جەمئيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى 1982–يىل 8–ئاينىڭ 23–كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

1999–يىل 12–ئاينىڭ 25–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن.

2013–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى) قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، دېڭىز–ئوكيان بايلىقىنى قوغداش، بۇلغىما زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى سۇ تەۋەلىكى، دېڭىز تەۋەلىكى، چېگراداش رايونى، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون، قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەلىكىگە تەتبىقلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە قاتناش، چارلاش، ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ساياھەت، پەن تەتقىقات پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى دېڭىز بويىدىكى قۇرۇقلۇقتا دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىشى شەرت.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى سىرتىدا تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى بۇلغىغانلارغىمۇ مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا دۆلەت نۇقتىلىق دېڭىزغا چىقىرىلىدىغان بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ھەمدە يولغا قويۇپ، دېڭىزغا چىقىرىلىدىغان ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئاساسلىق بۇلغىما مەنبەسىنىڭ چىقىرىلىشىنى كونترول قىلىش مىقدارىنى تەقسىملەيدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

4–ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى شۇنىڭدەك دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى بار.

5–ماددا مەملىكەتنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بولغان گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇرۇقلۇق بۇلغىمىلىرى ۋە دېڭىز قىرغىقىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تۈگىتىدىغان مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

دۆلەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كۆزىتىش، باھالاشنى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى تەشكىللەيدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان قۇرۇلۇشلىرى ۋە دېڭىز – ئوكيانغا تاشلاندۇق تۆكۈپ، مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تۈگىتىدىغان مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

دۆلەتنىڭ دېڭىز ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەۋەلىكىدىكى پورت رايونىنىڭ سۇ تەۋەسىدىكى ھەربىينىڭكىدىن باشقا كېمە–پاراخوتلار ۋە پورت رايونىنىڭ سۇ تەۋەلىكىنىڭ سىرتىدىكى بېلىقچىلىق ئىشلىرى ۋە ھەربىي كېمە–پاراخوتلارنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە بۇلغاش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە يۈرگەن، توختىغان ۋە مەشغۇلات قىلغان چەت ئەل كېمە–پاراخوتلىرى پەيدا قىلغان بۇلغاش ھادىسىسىنى كېمە–پاراخوتقا چىقىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. كېمە–پاراخوتلار پەيدا قىلغان بۇلغاش ھادىسىسى بېلىقچىلىققا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشتۇرۇش كېرەك.

دۆلەتنىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېلىقچىلىق پورتىنىڭ سۇ تەۋەسىدىكى ھەربىينىڭكىدىن باشقا كېمە–پاراخوتلار ۋە بېلىقچىلىق پورتىنىڭ سۇ تەۋەسى سىرتىدىكى بېلىقچىلىق كېمە–پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، بېلىقچىلىق قىلىنىدىغان سۇ تەۋەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇلغاش ھادىسىسىدىن باشقا بېلىقچىلىق بۇلغاش ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئارمىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ھەربىي كېمە–پاراخوتلارنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ ۋە بۇلغاش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

دېڭىز بويىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇنغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ.

 2–باب دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

6–ماددا دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونىنى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەتنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونىغا ئاساسەن، دېڭىز تەۋەسىدىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ.

7–ماددا دۆلەت دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونىغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش يىرىك پىلانى ۋە نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ.

نۇقتىلىق قوشنا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئالاقىدار دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى مۇھاپىزەت رايونى ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇپ، نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ رايون خاراكتېرلىك دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش يىرىك پىلانىنى، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش خىزمىتىنى ئىشلەشكە مەسئۇل قىلسا بولىدۇ.

8–ماددا رايون ھالقىغان دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىنى دېڭىز بويىدىكى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

تارماق ھالقىغان دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراشقا دائىر چوڭ–چوڭ خىزمەتلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ماسلاشتۇرىدۇ؛ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلالمىسا، گوۋۇيۈەن قارار چىقىرىدۇ.

9–ماددا دۆلەت دېڭىز–ئوكياننىڭ مۇھىت سۈپىتىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا قاراپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ.

دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە يەرلىكنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۈزسە بولىدۇ.

دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمە ۋە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېڭىز بويىغا يېقىن رايونلىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە قاراپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى بېكىتىدۇ ھەمدە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇناسىپ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە باشقۇرىدۇ.

10–ماددا دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈشتە، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى سۈپىتىنى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى قىلىش كېرەك. دۆلەت بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورناتقان ھەمدە يولغا قويغان نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەلىكىدە سۇ بۇلغىمىلىرىنى چىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈشتە، دېڭىزغا چىقىرىلىدىغان ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى مۇھىم ئاساس قىلىش كېرەك.

11–ماددا دېڭىزغا بىۋاسىتە بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

دېڭىزغا تاشلاندۇق تۆكۈشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۆكۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىنغان بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ۋە تۆكۈش ھەققىنى دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە ئىشلىتىش شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

12–ماددا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغان ۋە ياكى دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ زىيانغا ئۇچراتقانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئوڭشىشى كېرەك.

بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئوڭشاشتا گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق چېكى توغرىسىدىكى قارارغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

13–ماددا دۆلەت دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پەن–تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كەشپىياتىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان قالاق ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە قالاق ئۈسكۈنىلەرنى شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

كارخانىلار پاكىز ئېنېرگىيەنى ئاۋۋال ئىشلىتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، بۇلغىمىنى ئاز چىقىرىدىغان پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى قوللىنىپ، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

14–ماددا دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئۆلچەش، كۆزىتىش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كۆزىتىش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئۆلچەش، كۆزىتىش تورىنى بەرپا قىلىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى قەرەللىك باھالايدۇ، دېڭىز–ئوكياندا چارلاش–كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

مۇشۇ قانۇن بويىچە دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماقلار ئۆزىگە قاراشلىق سۇ تەۋەلىكىنى ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئۆلچەيدۇ ۋە كۆزىتىدۇ.

باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەملىكەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى كۆزىتىش تورىدىكى ئىش تەقسىماتى بويىچە، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا ئېغىزى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى ئۆلچەشكە ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەسئۇل بولىدۇ.

15–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مەملىكەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئاخباراتىغا كېرەكلىك دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئۆلچەش ماتېرىيالىنى بېرىشى كېرەك.

مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلارغا دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

16–ماددا دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت چىقارغان مۇھىت ئۆلچەش، كۆزىتىش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە، دېڭىز–ئوكيان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرى سىستېمىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

17–ماددا ھادىسە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان ياكى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغانلارنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماققا مەلۇم قىلىشى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بويسۇنۇشى شەرت.

دېڭىز بويىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغاندا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خەۋپنى تۈگىتىشى ياكى ئازايتىشى شەرت.

18–ماددا دۆلەت دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەتنىڭ زور دېڭىز–ئوكيان بۇلغىنىش ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزىدۇ.

دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دېڭىز–ئوكياندا نېفىت چارلاش–ئېچىش بويىچە دېڭىزدا نېفىت ئېقىپ كېتىش زور ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

دۆلەتنىڭ دېڭىز ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ دېڭىزدا پاراخوتتىن نېفىت ئېقىپ كېتىپ بۇلغاش زور ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

دېڭىز بويىدىكى دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىش زور ھادىسىسىنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغاش ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋە دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

دېڭىز بويىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىش زور ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانى بويىچە خەۋپنى تۈگىتىشى ياكى ئازايتىشى كېرەك.

19–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق دېڭىزدا بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلسا بولىدۇ، چارلاپ كۆزىتىش جەريانىدا دېڭىزدا بۇلغىنىش ھادىسىسى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەندە، توسۇشى ھەمدە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ، كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بۇلغىما چىقارغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

 تەكشۈرگۈچى ئورگان تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ۋە كەسپىي مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

 3–باب دېڭىز–ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش

20–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ مانگرو ئورمىنى، مارجان خادا تاشلىرى، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەر، ئارال، دېڭىز قولتۇقى، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا ئېغىزى، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ تەۋەسى قاتارلىق تىپىك، ۋەكىللىككە ئىگە دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى، ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى تەبىئىي يىغىلغان، تارقالغان رايونلارنى، مۇھىم ئىقتىسادىي قىممىتى بار دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى ياشاش رايونىنى شۇنىڭدەك زور ئىلمىي، مەدەنىيەت قىممىتى بار دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي تارىخىي ئىزنالارنى ۋە تەبىئىي مەنزىرىلەرنى قوغدىشى كېرەك.

مۇھىم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قىممىتى بار دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەسىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىرىنى ۋاقتىدا تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

21–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېڭىز–ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ئېھتىياجىغا قاراپ، دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى پىلانلىشى ۋە قۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز – ئوكيان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇشنى گوۋۇيۈەن تەستىقلايدۇ.

22–ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرى ھازىرلانغان رايونلاردا دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇش كېرەك:

(1) تىپىك دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي جۇغراپىيەلىك رايونى، ۋەكىللىككە ئىگە تەبىئىي ئېكولوگىيە رايونى شۇنىڭدەك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ قوغداش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي ئېكولوگىيە رايونى؛

(2) دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى تۈرى بەك مول رايون ياكى ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى تۈرى تەبىئىي يىغىلغان رايون؛

(3) ئالاھىدە قوغداش قىممىتى بار دېڭىز تەۋەسى، دېڭىز قىرغىقى، ئارال، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەر، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا ئېغىزى، دېڭىز قولتۇقى قاتارلىقلار؛

(4) زور ئىلمىي، مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي ئىزناسى بار رايون؛

(5) ئالاھىدە قوغداشقا تېگىشلىك باشقا رايونلار.

23–ماددا ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىتى، ئېكولوگىيە سىستېمىسى، جانلىقلار ۋە جانسىزلار بايلىقى بولغان ۋە دېڭىز–ئوكياندىن ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان رايونلاردا دېڭىز – ئوكيان ئالاھىدە مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇپ، ئۈنۈملۈك قوغداش تەدبىرى ۋە ئىلمىي ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئالاھىدە باشقۇرۇشقا بولىدۇ.

24–ماددا دېڭىز–ئوكيان بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشتا، دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونلىرىنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش كېرەك، دېڭىز–ئوكياننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

25–ماددا دېڭىز–ئوكيان ھايۋانات– ۆسۈملۈكلىرىنى كىرگۈزۈشتە ئىلمىي دەلىللەش، دېڭىز–ئوكياننىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

26–ماددا ئارالدىكى ۋە ئەتراپ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بايلىقنى ئېچىشتا، ئېكولوگىيەنى قاتتىق ئاسراش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك، ئارالنىڭ يەر شەكلى، ساھىل، يېپىنچا ئۆسۈملۈك شۇنىڭدەك ئارال ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

27–ماددا دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى، دېڭىز بويى ئىھاتە ئورمىنى، دېڭىز بويى شەھەر–بازار باغ ئورمىنى ۋە يېشىللىق بەرپا قىلىپ، دېڭىز قىرغىقىدىكى يالانغان ۋە دېڭىز سۈيى بېسىپ كىرگەن رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزىشى كېرەك.

دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى، دېڭىز بويى ئىھاتە ئورمىنى، دېڭىز بويى شەھەر–بازار باغ ئورمىنى ۋە يېشىللىقنى نابۇت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

28–ماددا دۆلەت ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، كۆپ خىل ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، دېڭىز–ئوكياننىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

دېڭىز سۈيى باقمىچىلىق مەيدانىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىش كېرەك.

دېڭىز سۈيى باقمىچىلىقىدا بېقىش زىچلىقىنى ئىلمىي بېكىتىپ ھەمدە مۇۋاپىق يەم بېرىپ، ئوغۇتلاپ، دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

4–باب قۇرۇقلۇق بۇلغىمىلىرىنىڭ دېڭىز–ئوكيان بۇلغىشى، زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

29–ماددا دېڭىز تەۋەلىكىگە قۇرۇقلۇق بۇلغىمىسى چىقىرىشتا دۆلەت ياكى يەرلىك بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

30–ماددا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى تاللاشتا، دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونى، دېڭىز سۈيىنىڭ دىنامىكىلىق شارائىتى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئىلمىي دەلىللىگەندىن كېيىن، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى، دېڭىز–ئوكيان، دېڭىز ئىشلىرى، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ تەۋەلىكى، دېڭىز ساھىلىدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونى ۋە باشقا ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلاردا يېڭىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشقا بولمايدۇ.

شارائىتى بار جايلار بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە قويۇپ، قىرغاقتىن يىراقلاشتۇرۇش كېرەك. قۇرۇقلۇق بۇلغىمىلىرىنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدە قىرغاقتىن يىراقلاشتۇرۇپ چىقىرىش ئېغىزىنى دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونى، دېڭىز سۈيىنىڭ دىنامىكىلىق شارائىتى ۋە دېڭىز ئاستى قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارغا قاراپ قويۇش كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

31–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تامىقى ۋە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا – ئېقىنلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا سۈيىنىڭ سۈپىتىنى ساقلىشى كېرەك.

32–ماددا قۇرۇقلۇق بۇلغىمىسى چىقىرىدىغان ئورۇنلار مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلكىدىكى قۇرۇقلۇق بۇلغىمىسى چىقىرىش ئەسلىھەسى، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە نورمال مەشغۇلات شارائىتىدا چىقىرىدىغان قۇرۇقلۇق بۇلغىمىسىنىڭ تۈرى، سانى ۋە قويۇقلۇقىنى ھەمدە دېڭىز – ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر تېخنىكا ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

چىقىرىلىدىغان قۇرۇقلۇق بۇلغىمىسىنىڭ تۈرى، سانى ۋە قويۇقلۇقىدا زور ئۆزگىرىش بولغاندا، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.

قۇرۇقلۇق بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى چۇۋۇيدىغان ياكى بىكار تاشلاپ قويىدىغانلار مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت.

33–ماددا دېڭىز تەۋەلىكىگە ماي، كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق، ئۆتكۈر زەھەرلىك كېرەكسىز سۇيۇقلۇقنى ۋە يۇقىرى، ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى رادىيوئاكتىپلىق كېرەكسىز سۇنى چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

دېڭىز تەۋەلىكىگە تۆۋەن سەۋىيەدىكى رادىيوئاكتىپلىق كېرەكسىز سۇ چىقىرىشقا قاتتىق چەك قويۇلىدۇ؛ چىقىرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، دۆلەتنىڭ رادىيوئاكتىپتىن مۇداپىئەلىنىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت.

دېڭىز تەۋەلىكىگە ئاسان پارچىلانمايدىغان ئورگانىك ماددا ۋە ئېغىر مېتاللىق كېرەكسىز سۇ چىقىرىشقا قاتتىق چەك قويۇلىدۇ.

34–ماددا تەركىبىدە پاتوگېن بولغان داۋالاش يۇندىسى، تۇرمۇش يۇندىسى ۋە سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، دېڭىزغا چىقىرىشقا بولىدۇ.

35–ماددا تەركىبىدە ئورگانىك ماددا ۋە ئوزۇقلۇق ماددا بولغان سانائەت كېرەكسىز سۈيى، تۇرمۇش يۇندىسىنى دېڭىز قولتۇقىغا، يېرىم يېپىق دېڭىزغا ۋە تازىلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولغان باشقا دېڭىز تەۋەلىكىگە چىقىرىشنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.

36–ماددا دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىسسىق كېرەكسىز سۇ چىقىرىشتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى بېلىقچىلىق سۇ تەۋەسى سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسسىقلىق بۇلغىنىشىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش شەرت.

37–ماددا دېڭىز بويىدىكى ئېتىزلىق، ئورمانلىققا خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش شەرت.

دېڭىز بويىدىكى ئېتىزلىق، ئورمانلىققا خىمىيەلىك ئوغۇتنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش خۇرۇجىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.

38–ماددا ساھىلدا قالدۇق رودا، داشقال، كۈل، ئەخلەت ۋە باشقا قاتتىق تاشلاندۇقنى تاشلايدىغان، دۆۋىلەيدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىدۇ.

39–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى سۇ تەۋەلىكى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەش مەنئى قىلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەيدىغانلار ئالدى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

40–ماددا دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەرنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى ياكى يۇندىنى بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىدىغان باشقا ئەسلىھەلەرنى پىلانلىق قۇرۇپ، شەھەر پاسكىنا سۈيىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

يۇندىنى دېڭىز–ئوكياندا بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

41–ماددا دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ياكى ئاتموسفېرا قاتلىمى ئارقىلىق كېلىپ چىققان دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىپ زىيانغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنى ئازايتىدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ.

 5–باب دېڭىز قىرغىقىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

42–ماددا دېڭىز قىرغىقىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى سېلىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قۇرۇلۇش مۇھىتىنى ئاسراش–باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن دېڭىز–ئوكيان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، دېڭىز ساھىلىدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونى، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ تەۋەسى ۋە باشقا ئالاھىدە مۇھاپىزەت رايونلىرىدا مۇھىتنى بۇلغايدىغان، مەنزىرىنى بۇزىدىغان دېڭىز قىرغىقى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى سېلىشقا ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

43–ماددا دېڭىز قىرغىقىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇشنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقاتى باسقۇچىدا دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشى، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتىغا قاراپ ئورۇننى مۇۋاپىق تاللاپ، مۇھىت تەسىرى دوكلاتى تەييارلىشى كېرەك. مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى، دېڭىز–ئوكيان، دېڭىز ئىشلىرى، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

44–ماددا دېڭىز قىرغىقىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ سېلىش، تەڭ ئىشلىتىش كېرەك. مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا، قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

45–ماددا دېڭىز بويىدىكى قۇرۇقلۇق تەۋەسىدە ئۈنۈملۈك تۈزەش تەدبىرى قوللىنىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان خىمىيەلىك بوتقا ئىشلەپ قەغەز ياساش، خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يولغا قويۇش، بوياش، كۆن–خۇرۇم ئىشلەش، ھەل بېرىش، ئېچىتىش، نېفىت ئايرىش، قىرغاقتا كېمە چۇۋۇش شۇنىڭدەك دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان باشقا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشلىرىنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

46–ماددا دېڭىز قىرغىقىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى سېلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ۋە دېڭىز–ئوكيان سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش شەرت.

دېڭىز قىرغىقىدا شېغىل ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. دېڭىز ساھىلىدە شېغىل، رۇدا ئېلىش ۋە قىرغاقتا قۇدۇق قېزىپ دېڭىز ئاستىدىكى قېزىلما بايلىقنى ئېچىشتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

6–باب دېڭىز–ئوكياندىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

 47–ماددا دېڭىز–ئوكيان قۇرۇلۇشى قىلىشتا، دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونى، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش يىرىك پىلانى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، مۇمكىنلىك تەتقىقاتى باسقۇچىدا، دېڭىز–ئوكيان مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەييارلاپ، ئۇنى دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېڭىز – ئوكيان مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى دېڭىز ئىشلىرى، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى شەرت.

48–ماددا دېڭىز–ئوكيان قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ ئىشلىتىش كېرەك. مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا، قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى چۇۋۇۋېتىش ياكى تاشلاپ قويۇشتا، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

49–ماددا دېڭىز–ئوكيان قۇرۇلۇشى قىلىشتا، تەركىبىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن رادىيوئاكتىپلىق ماددا بولغان ياكى ئاسان ئېرىيدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا بولغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

50–ماددا دېڭىز– وكيان قۇرۇلۇشى قىلىشتا، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۈنۈملۈك قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى قوغداش كېرەك.

دېڭىز–ئوكياندا نېفىت چارلاش – ئېچىش ۋە نېفىت يەتكۈزۈش جەريانىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش كېرەك.

51–ماددا دېڭىز–ئوكياندىكى بۇرغىلاش پاراخوتى، بۇرغىلاش سۇپىسى ۋە نېفىت ئېلىش سۇپىسىدىكى مايلىق يۇندى ۋە مايلىق ئارىلاشمىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزگەندىن كېيىن چىقىرىۋېتىش شەرت؛ قالدۇق ماي، كېرەكسىز ماينى يىغىۋېلىش شەرت، دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

بۇرغىلاشقا ئىشلىتىلگەن مايلىق لاي ۋە باشقا زەھەرلىك ئارىلاشما لاينى دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. سۇلۇق لاي ۋە زەھەرسىز ئارىلاشما لاي شۇنىڭدەك بۇرغىلاشتىن ھاسىل بولغان چىقىرىندىلارنى چىقىرىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش شەرت.

52–ماددا دېڭىز–ئوكياندىكى بۇرغىلاش پاراخوتى، بۇرغىلاش سۇپىسى ۋە نېفىت ئېلىش سۇپىسى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ باشقا ئالاقىدار ئەسلىھەلىرىدىكى تەركىبىدە مايلىشىپ كەتكەن سانائەت ئەخلىتىنى دېڭىز تەۋەسىدە بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. باشقا سانائەت ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاشقا بولمايدۇ.

53–ماددا دېڭىز ئۈستىدە نېفىت سىنىقى قىلغاندا، نېفىت، گازنىڭ تولۇق كۆيۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ماي ۋە مايلىق ئارىلاشمىلارنى دېڭىزغا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

54–ماددا دېڭىز–ئوكياندا نېفىت چارلاش، ئېچىشتا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە نېفىت ئېقىپ كېتىشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ دېڭىز رايونى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

7–باب تاشلاندۇق تۆكۈشنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

55–ماددا ھەرقانداق ئورۇن دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە تاشلاندۇق تۆكسە بولمايدۇ.

تاشلاندۇق تۆكىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يازما ئىلتىماس قىلىپ، دۆلەت دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاپ ئىجازەتنامە بەرگەندىن كېيىن تۆكۈشى شەرت.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىكى تاشلاندۇقنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

56–ماددا دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تاشلاندۇقنىڭ زەھەرلىكلىكى، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەركىبى ۋە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە قاراپ، دېڭىز – ئوكيانغا تاشلاندۇق تۆكۈشنى باھالاش تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ.

دېڭىز–ئوكيانغا تاشلاندۇق تۆكۈشنى تاشلاندۇقنىڭ تۈرى ۋە سانىغا قاراپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش كېرەك.

دېڭىز–ئوكيانغا تۆكۈلگەن تاشلاندۇق تىزىملىكىنى دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەييارلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

57–ماددا دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئىقتىسادچىل، بىخەتەر بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، دېڭىز – ئوكياندىكى تۆكۈش رايونىنى ئايرىيدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

دېڭىز–ئوكياندىكى ۋاقىتلىق تۆكۈش رايونىنى دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېڭىز–ئوكياندىكى تۆكۈش رايونىنى ئايرىش ۋە دېڭىز–ئوكياندىكى ۋاقىتلىق تۆكۈش رايونىنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ دېڭىز ئىشلىرى، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

58–ماددا دۆلەتنىڭ دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۆكۈش رايونىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، تۆكۈش رايونىنىڭ مۇھىتىنى كۆزىتىشنى تەشكىللەيدۇ. داۋاملىق ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقى بېكىتىلگەن تۆكۈش رايونىنى دۆلەت دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پېچەتلىشى، شۇ تۆكۈش رايونىدىكى بارلىق تۆكۈش ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

59–ماددا تاشلاندۇق تۆكۈشى تەستىقلانغان ئورۇنلار ئىجازەتنامىدە ئىزاھلانغان مۆھلەت ۋە شەرتكە ئەمەل قىلىپ، كۆرسىتىلگەن رايونغا تۆكۈشى كېرەك. تاشلاندۇقنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، تەستىقلىغۇچى تارماق تەكشۈرۈشى كېرەك.

60-ماددا تاشلاندۇق تۆكۈشى تەستىقلانغان ئورۇنلار تۆكۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي خاتىرىلىشى ھەمدە تۆككەندىن كېيىن تەستىقلىغۇچى تارماققا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك. تاشلاندۇق تۆكىدىغان كېمە–پاراخوتلار پورتتىن چىقىدىغان جايدىكى دېڭىز ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.

61–ماددا تاشلاندۇقلارنى دېڭىزدا كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

دېڭىزدا رادىيوئاكتىپلىق تاشلاندۇق ياكى باشقا رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. تاشلاندۇقلار ئارىسىدىكى رادىيو ئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ كەچۈرۈم قويۇقلۇقىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

 8–باب كېمە–پاراخوتلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

62–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرقانداق كېمە–پاراخوتلار يۈرگەندە ۋە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا، مۇشۇ قانۇندىكى دېڭىز–ئوكيانغا بۇلغىما، تاشلاندۇق ۋە باللاست سۈيى، كېمە–پاراخوت ئەخلىتى شۇنىڭدەك باشقا زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

كېمە–پاراخوت بۇلغىمىسى، تاشلاندۇقى، كېمە–پاراخوت ئەخلىتىنى يىغىدىغان، كېمە–پاراخوتنى تازىلايدىغان، يۇيىدىغانلار مۇناسىپ يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

63–ماددا كېمە–پاراخوتلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىنىشكىسى ۋە ھۆججىتىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشى، بۇلغىما چىقارغان ۋە مەشغۇلات قىلغاندا ئەينەن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

64–ماددا كېمە–پاراخوتقا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈسكۈنىسى ۋە سايمىنى سەپلەش شەرت.

بۇلغاش خەۋپى بولغان يۈكنى توشۇيدىغان كېمە–پاراخوتلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى باسقان يۈكىنىڭ دېڭىز–ئوكياننى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ۋە ئۇنى ئازايتالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

65–ماددا كېمە–پاراخوتلار دېڭىز قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، سوقۇلۇپ كېتىشتىن، مارجان خادا تاشلىرىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن، پېتىپ قېلىشتىن، ئوت ئاپىتىدىن ياكى پارتلاشتىن دېڭىز تالاپىتى ھادىسىسى كېلىپ چىقىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

66–ماددا دۆلەت كېمە–پاراخوت ماي بۇلغىمىسى زىيىنى ئۈچۈن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ؛ كېمە–پاراخوت ماي بۇلغىمىسى زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم بېرىش جاۋابكارلىقىدا كېمە ئىگىسى ياكى مال ئىگىسى خەۋپ–خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، كېمە–پاراخوت ماي بۇلغىمىسى سۇغۇرتىسى، ماي بۇلغىمىسىنىڭ زىيىنى تۆلەم فوندى تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

كېمە–پاراخوت ماي بۇلغىمىسى سۇغۇرتىسى، ماي بۇلغىمىسىنىڭ زىيىنىغا تۆلەم بېرىش فوندى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

67–ماددا بۇلغاش خەۋپى بولغان يۈكنى بېسىپ پورتقا كىرىپ–چىقىدىغان كېمە–پاراخوتلارنىڭ توشۇغۇچىسى، مال ئىگىسى ياكى ۋاكالەتچىسى ئالدى بىلەن دېڭىز ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. تەستىقلاتقاندىن كېيىن پورتقا كىرىپ–چىقىشقا، ئۆتۈشكە، توختاشقا ياكى قاچىلاش–چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

68-ماددا كېمە–پاراخوتقا قاچىلانغان، ئۇنىڭدا توشۇلغان بۇلغاش خەۋپى بولغان يۈكنىڭ تالونى، ئورۇسى، بەلگىسى، مىقدار چەكلىمىسى ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشتا قاچىلانغان يۈككە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

كېمە–پاراخوتتا بۇلغاش خەۋپى ئېنىق بولمىغان يۈكنى قاچىلاش، توشۇشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئالدى بىلەن باھالىتىش كېرەك.

ماي ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق مالنى قاچىلاش–چۈشۈرۈشتە، پاراخوت ۋە قىرغاقتىكىلەر بىخەتەر بولۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشغۇلات قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش شەرت.

69–ماددا پورت، پىرىستان، قاچىلاش–چۈشۈرۈش پونكىتى ۋە كېمە– پاراخوت رېمونت زاۋۇتلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، كېمە – پاراخوت بۇلغىمىسى، تاشلاندۇقنى يىغىش ئەسلىھەسىنى يېتەرلىك سەپلىشى ھەمدە بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلىشى شەرت.

ماي قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان پورت، پىرىستان، قاچىلاش-چۈشۈرۈش پونكىتى ۋە كېمە–پاراخوتلار ماي ئېقىپ كېتىشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ماي ئېقىپ كېتىپ بۇلغىنىشقا جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىسى ۋە سايمىنىنى سەپلىشى كېرەك.

70–ماددا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەردە ئالدى بىلەن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقلارغا تەستىقلىتىش ياكى تەكشۈرتۈش كېرەك:

(1) كېمە–پاراخوتلار پورت رايونىدىكى سۇ تەۋەسىدە تاشلاندۇق كۆيدۈرۈش ئوچىقى ئىشلىتىش؛

(2) كېمە–پاراخوتلار پورت رايونىدىكى سۇ تەۋەسىدە كېمە–پاراخوتنى يۇيۇش، تازىلاش، گاز چىقىرىش، باللاست سۈيىنى چىقىرىش، قالدۇق ماينى، مايلىق يۇندىنى يىغىش، كېمە بېقىنىنى قىرىش ۋە سىرلاش؛

(3) كېمە–پاراخوت، پىرىستان ۋە ئەسلىھەلەرگە خىمىيەلىك ماي چىقىرىش دورىسى ئىشلىتىش؛

(4) كېمە–پاراخوتلارنىڭ بۇلغىما، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا چاپلىشىپ قالغان پالۇبىسىنى يۇيۇش؛

(5) كېمە–پاراخوتتا بۇلغاش خەۋپى بولغان پارچە قاچىلانغان سۇيۇق مالنى توشۇش؛

(6) كېمە–پاراخوتنى سۇ ئۈستىدە چۇۋۇش، سۈزۈش، رېمونت قىلىش ۋە سۇ ئۈستىدە، سۇ ئاستىدا باشقا كېمە–پاراخوت قۇرۇلۇشى قىلىش.

71–ماددا كېمە–پاراخوت دېڭىزدا ۋەقەگە ئۇچراپ، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ زىيانغا ئۇچراتقان بولسا ياكى شۇنداق ئېھتىمال كۆرۈلسە، دۆلەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ، بۇلغاش خەۋپى زىيىنىدىن ساقلىنىش ياكى خەۋپنى ئازايتىش تەدبىرى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.

ئوچۇق دېڭىزدا دېڭىز ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ياكى بۇلغاش خەۋپى بولغان كېمە – پاراخوت ۋە دېڭىز ئۈستى ئەسلىھەسىنى دۆلەتنىڭ دېڭىز ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەمەلىي زىيان ياكى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان زىيانغا تۇشلۇق تەدبىر قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.

72–ماددا بارلىق كېمە–پاراخوتلارنىڭ دېڭىزنىڭ بۇلغىنىشىنى كۆزىتىش مەجبۇرىيىتى بار، دېڭىز بۇلغىنىش ھادىسىسى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سەزگەندە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان يېقىن ئەتراپتىكى تارماققا دەرھال مەلۇم قىلىشى شەرت.

پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى دېڭىزدا بۇلغىما چىقىرىش ياكى بۇلغىنىش ۋەقەسىنى سەزگەندە، يېقىن ئەتراپتىكى پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ھاۋا تىرانسپورتىنى تىزگىنلىگۈچى ئورۇنغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان تارماقنى دەرھال خەۋەرلەندۈرۈشى شەرت.

9–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

73–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ:

(1) دېڭىز تەۋەسىگە مۇشۇ قانۇندا چىقىرىش مەنئى قىلىنغان بۇلغىما ياكى باشقا ماددىلارنى چىقارغانلار؛

(2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، دېڭىز–ئوكيانغا بۇلغىما چىقارغان ياكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغانلار؛

(3) تۆكۈش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، دېڭىز–ئوكيانغا تاشلاندۇق تۆككەنلەر؛

(4) ھادىسە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەنلىكتىن، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىققاندا، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى دەرھال قوللانمىغانلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (3) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (4) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

74–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى جەرىمانە قويىدۇ:

(1) مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار، ھەتتا بۇلغىما چىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى مەلۇم قىلىشتا ساختىلىق قىلغانلار؛

(2) ھادىسە يۈز بەرگەندە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلار؛

(3) تۆكۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى تۆكۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) كېمە–پاراخوتتا بۇلغاش خەۋپى بولغان يۈكنى قاچىلاش، توشۇشقا دائىر ئىشلارنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (3) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (4) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

75–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 19–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار ياكى تەكشۈرۈلگەندە ساختىلىق قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

76–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مارجان خادا تاشلىرى، مانگرو ئورمىنى قاتارلىق دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسى، دېڭىز – ئوكيان سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ۋە دېڭىز – ئوكيان مۇھاپىزەت رايونىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

77–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىنىڭ 1–، 3–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېڭىزغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېتىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

78–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 32–ماددىسىنىڭ 3–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇغان، تاشلاپ قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېڭىباشتىن قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

79–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە خەتەرلىك تاشلاندۇق يۆتكىگەنلەرنى دۆلەتنىڭ دېڭىز ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك تاشلاندۇقنى توشۇغان شۇ كېمە–پاراخوتنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

80–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 43–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلانغان مۇھىت تەسىرى دوكلاتى يوق تۇرۇپ دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇلۇش قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ياكى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

81–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 44–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېڭىز قىرغىقىدىكى قۇرۇلۇشتا مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى ياسىمىغانلارنى ياكى مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكۈزمەي تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە ئىشلەتكەنلەرنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

82-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 45–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى قىلغانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

83–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 47-ماددىسىنىڭ 1–تارمىقى، 48–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشى قىلغانلار ياكى دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشىدا مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى ياسىمىغانلار، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە يەتمەي تۇرۇپلا ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەنلەرنى دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

84–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 49–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەركىبىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن رادىيوئاكتىپلىق ماددا بولغان ياكى ئاسان ئېرىيدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا بولغان ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەنلەرگە دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بۇلغاش خەۋپىنى تۈگەتكىچە شۇ قۇرۇلۇشنى ئىشتىن توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

85–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېڭىز – ئوكياندا نېفىت چارلاش – ئېچىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دېڭىز–ئوكياننى بۇلغىغانلارغا دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

86–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي تاشلاندۇق تۆككەن ياكى پېچەتلەنگەن تۆكۈش رايونىغا تاشلاندۇق تۆككەنلەرگە دېڭىز–ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالسا ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ.

87–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 55–ماددىسىنىڭ 3–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىكى تاشلاندۇقنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە تۆككەنلەرگە دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان زىيانلىق ئاقىۋەتكە قاراپ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

88–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى جەرىمانە قويىدۇ:

(1) پورت، پىرىستان، قاچىلاش–چۈشۈرۈش پونكىتىغا ۋە كېمە–پاراخوتلارغا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەسى، سايمىنى ئورناتمىغانلار؛

(2) كېمە–پاراخوتتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش گۇۋاھنامىسى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھۆججىتىنى بىللە ئېلىپ يۈرمىگەن ياكى بۇلغىما چىقىرىش خاتىرىسى يېزىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) سۇ ئۈستىدە ياكى پورت رايونىدىكى سۇ تەۋەسىدە كېمە–پاراخوتنى چۇۋۇپ، كونا كېمە–پاراخوتنى ئۆزگەرتىپ، سۈزۈپ ۋە سۇ ئۈستى، سۇ ئاستىدا باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچراتقانلار؛

(4) كېمە–پاراخوتتا توشۇلىدىغان مېلى بۇلغىماي توشۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (4) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

89–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېمە – پاراخوت، نېفىت سۇپىسى ۋە ماي قاچىلاش – چۈشۈرۈش پورتى، پىرىستان، قاچىلاش–چۈشۈرۈش پونكىتلىرى نېفىت ئېقىپ كېتىشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزمىگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

90–ماددا دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچراتقان جاۋابكار زىياننى تۈگىتىشى ھەمدە زىياننى تۆلىشى كېرەك؛ پۈتۈنلەي 3– تەرەپنىڭ قەستەنلىكى ياكى سەۋەنلىكىدىن دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىپ زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، 3–تەرەپ خەۋپنى تۈگىتىشى ھەمدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

دېڭىز–ئوكياننىڭ ئېكولوگىيەسى، دېڭىز–ئوكيان سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقى، دېڭىز–ئوكيان مۇھاپىزەت رايونىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ زىيان سالغان جاۋابكارلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق دۆلەتكە ۋاكالىتەن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

91–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان ئورۇنلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى تارماق پەيدا بولغان خەۋپ ۋە زىيانغا قاراپ جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار دۆلەت ئورگىنى خادىمى بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جەرىمانە سوممىسى بىۋاسىتە زىياننىڭ 30 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، لېكىن يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

دېڭىز–ئوكيان مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال – مۈلكىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان ياكى تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

92–ماددا پۈتۈنلەي تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كېلىپ، ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپمۇ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلانغىلى بولمىسا، بۇلغاپ زىيانغا ئۇچراتقان ئالاقىدار جاۋابكار جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ:

(1) ئۇرۇش؛

(2) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەت؛

(3) ماياك ياكى يول كۆرسەتكۈچى باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى بىخەستەلىكى ياكى باشقا سەۋەنلىك قىلمىشلىرى.

93–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 11–، 12-ماددىسىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ھەققى، تۆكۈش ھەققى ۋە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تىزگىنلەشكە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا بېرىلىدىغان مەمۇرىي جازانى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

94–ماددا دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

10–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

95–ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز–ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاپ زىيانغا ئۇچرىتىش نەرسە ياكى ئېنېرگىيەنى دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئېلىپ كىرىپ، دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى بايلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش، بېلىقچىلىققا ۋە دېڭىز ئۈستىدىكى باشقا قانۇنلۇق پائالىيەتلەرگە دەخلى يەتكۈزۈش، دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىش سۈپىتىگە ۋە زىياننى ئازايتىش مۇھىتى سۈپىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق زىيانلىق تەسىرنى كۆرسىتىدۇ.

(2) ئىچكى سۇ تەۋەلىكى دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز تېررىتورىيەسى ئاساسىي سىزىقىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە بولغان بارلىق دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

(3) دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەر دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە، چوڭقۇرلۇقى ئالتە مېتىر بولغان سۇ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ قىرغىقىدىكى چىلىشىپ تۇرغان سۇلۇق بەلباغ، جۈملىدىن چوڭقۇرلۇقى ئالتە مېتىرغا يەتمەيدىغان مەڭگۈلۈك سۇ دائىرىسى، تاشقىن بەلبېغى (ياكى كەلكۈن بەلبېغى) ۋە دېڭىز بويىدىكى پەس يەر قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(4) دېڭىز–ئوكيان فۇنكسىيە رايونىنى بېكىتىش دېڭىز–ئوكياننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ۋە ئىجتىمائىي خۇسۇسىيىتى شۇنىڭدەك تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ مۇئەييەن شارائىتىغا ئاساسەن، دېڭىز–ئوكياندىن پايدىلىنىش يېتەكچى فۇنكسىيەسى ۋە ئىشلىتىش كاتېگورىيەسىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

(5) بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسى بېلىق، راك تۈرىدىكىلەرنىڭ تۇخۇملاش مەيدانى، يەم ئىزدەش مەيدانى، قىشتىن ئۆتۈش مەيدانى، كۆچۈش يولى ۋە بېلىق، راك، قۇلۇلە، يۇسۇن تۈرىدىكىلەرنى بېقىش مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ.

(6) ماي ھەرقانداق تۈردىكى ماي ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(7) مايلىق ئارىلاشمىلار تەركىبىدە ماي بولغان ھەرقانداق ئارىلاشمىلارنى كۆرسىتىدۇ.

(8) چىقىرىش بۇلغىمىنى دېڭىز–ئوكيانغا چىقىرىشنى، جۈملىدىن پومپىلاپ چىقىرىش، تاشتۇرۇپ چىقىرىش، چىقىرىۋېتىش، پۈركۈپ چىقىرىش، تۆكۈشنى كۆرسىتىدۇ.

(9) قۇرۇقلۇقتىكى بۇلغىما مەنبەسى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز تەۋەلىكىگە بۇلغىما چىقىرىپ، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتى بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن، ئەسلىھەنى كۆرسىتىدۇ.

(10) قۇرۇقلۇق بۇلغىمىسى قۇرۇقلۇقتىكى بۇلغىما مەنبەلىرىدىن چىقىرىلغان بۇلغىمىنى كۆرسىتىدۇ.

(11) تۆكۈش كېمە–پاراخوت، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى، سۇپا ياكى باشقا قاچىلاش–توشۇش قوراللىرى ئارقىلىق، دېڭىز–ئوكياندا تاشلاندۇق ياكى باشقا زىيانلىق ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى، جۈملىدىن كېمە–پاراخوت، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى، سۇپا ياكى ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا لەيلىمە قوراللىرىنى تاشلىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

(12) دېڭىز بويىدىكى قۇرۇقلۇق تەۋەلىكى دېڭىز قىرغىقى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن ياكى تۇرۇبا، ئېرىق–ئۆستەڭ، ئەسلىھەلەر ئارقىلىق دېڭىز– ئوكيانغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بۇلغىما چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى قىلىدىغان دائىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(13) دېڭىزدا كۆيدۈرۈش قىزىتىپ يوقىتىش مەقسىتىدە دېڭىزدا كۆيدۈرۈش ئەسلىھەسىدە تاشلاندۇقنى ياكى باشقا ماددىلارنى قەستەن كۆيدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن كېمە–پاراخوت، سۇپا ياكى باشقا سۈنئىي قۇرۇلمىلاردا نورمال مەشغۇلات قىلغاندا پەيدا بولغان ھەرىكەت بۇنىڭ سىرتىدا.

96–ماددا دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقىنى ئايرىش توغرىسىدا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، ئۇنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

97–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراشقا ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمە مۇشۇ قانۇن بىلەن ئوخشاش بولمىسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆز پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

98–ماددا بۇ قانۇن 2000–يىلى 4–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/250729.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#