تاتلىق-چۈچۈك باش قوناقتەك بېلىق قورۇمىسى

تاتلىق-چۈچۈك باش قوناقتەك بېلىق قورۇمىسى بولسا تىرىك ، موگۇ ، كۆك پۇرچاق ، بولكا ئۇۋىقى، تۇخۇم ، كراخمال ، پىششىق ، زەنجىۋىل ، سېرىق ھاراق ، تۇز ، شېكەر، ئاچچىقسۇ، سامساق  قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ناھايىتى يىيىشلىك .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارتىرىك ليۇ بېلىق بىر دانە، موگۇ مۇۋاپىق، كۆك پۇرچاق مۇۋاپىق، بولكا ئۇۋىقى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، كراخمال ئازراق، پىششىق گۆش 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق، شېكەر ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق تۆت چىش. 

1. ليۇ بېلىقىنى پاكىزلاپ، باش، قۇيرۇقىنى كېسىۋېتىپ، گۆشىنى شىلىۋېلىپ، گۆشنى يۈزى تەكشى ئەمبەلگە ئوڭدا قويۇپ، گۆشنىڭ ئىچى قىسمىنى تەكشىلەپ، ئۇششاق ئۇستىخانلىرىنى تېرىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. 

2. گۆشنىڭ تېرىسىنى كېسىۋەتمەي، كرېست بەلگىسى شەكلىدە توغراپ(كۆممىقوناق چوڭلۇقتا توغرىسا بولىدۇ) ، تۇز، سېرىق ھاراق سېپىپ تەملەندۈرۈپ، نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ.

3. تۇخۇمغا بېلىق گۆشىنى مىلەپ ھەربىر پىچاق ئىزىغا بولكا ئۇۋىقىنى يېپىشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

4. ساپلىققا ماي قۇيۇپ 7 دەرىجىدە قىزىغاندا تەييارلىغان گۆشنى سېلىپ، ساپسېرىق سارغايغاندا بېلىق گۆشى بەئەينى كۆممىقوناق دانىسىدەك كۆرۈنىدۇ، ئاندىن سۈزۈۋالىنىدۇ. 

5. بىر قاچا قايناق سۇغا، شېكەر، جاڭيۇ، كراخمال، تۇز سېلىپ تەڭشىۋالىدۇ.

6. ساپلىققا ئازراق ماي قۇيۇپ، يۇمشاق چانالغان سامساق، زەنجىۋىل سېلىپ داغلاپ، توغراپ تەييارلىغان پىششىق گۆشنى، موگۇ، كۆك پۇرچاقلارنى سېلىپ قاينىتىپ، تەخسىدىكى بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#