تورجاي يايلىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باررۇق تېغى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پادىشاھ چيەنلۇڭ باررۇق تېغى دېگەن قول يازمىسىدا، باررۇق تېغىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئەۋزەل ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەدھىيلەپ، گۈزەل تورجاي يايلىقىنى باررۇق تېغىنىڭ كىندىكى دەپ تەرىپلىگەن.
تورجاي يايلىقىدا بۇلاق سۈيى ناھايىتى مول بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بۇلاق سۈيى تەبىئىي ھالدا بىرلىشىپ كۆلچەك ھاسىل قىلغان، كۆلچەك سۈيىنىڭ چوڭقۇرلىقى ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بېلىقلار بار.
بۇ كەڭرى كەتكەن يايلاقتا، ئاتلار ئەركىن چېپىشىپ، كالىلار بىمالال يايلاپ، قويلار ئوت-چۆپلەرنى قانغۇچە يەپ ناھايىتى ‹‹خاتىرجەم›› ياشايدۇ. قۇشلار كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل يايلاق مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىشىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.