سىڭگىم يېزىسى

سىڭگىم يېزىسى

سىڭگىم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى سىڭگىم يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 590 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胜金乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرى
نوپۇسى 25009 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى K

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىڭگىم يېزىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان، تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق يەتتە يېزا، ئىككى بازارنىڭ بىرى. سىڭگىم يېزىسى تىپىك ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، يېزا بويىچە ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ياشايدۇ، ئومۇمى نوپۇسى 25009 ئادەم.

سىڭگىم يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرسىڭگىم يېزىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان، شەرقتە پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي جەنۇبتا داڭلىق ئىدىقۇت تېغى ( يالقۇنتاغ ) بىلەن قوشنا، شىمالدا سانجى، گۇچۇڭ ناھىيەسى بىلەن تەڭرىتاغ تىزمىسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. تۇرپان شەھىرىدىن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، پۈتۈن يېزىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 45 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر، يېزىغا قاراشلىق توققۇز كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، 44 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

سىڭگىم يېزىسى تىپىك ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، يېزا بويىچە ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر  توپلىشىپ ياشايدۇ، نوپۇسى 25009 ئادەم، ئۇيغۇرلار 23819 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 95.2 ىنى ئىگەللىگەن، خۇيزۇلار 310 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %2.1 نى ئىگەللىگەن. سىڭگىم يېزىسىنىڭ كىلىماتى تىپىك ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى : كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھۆل - يېغىن ئاز، شامال كۈچى كۈچلۈك. پۈتۈن يېزىدىكى تۇپراق سۈپىتى سېرىق سېغىز توپا ۋە يېنىك شورلاشقان سارغۇچ قوڭۇر سېغىز توپا، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى ئوتتۇراھال، تەركىبىدە كالىي مول، ئۈزۈم، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق. يېزا بويىچە كۆكتات، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىقنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرغان، پۈتۈن يېزا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2012-يىلى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6382 يۈەنگە يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 632 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلۇپ، %11 ئاشقان. 2-، 3-كەسىپ جەھەتتە سىڭگىم يېزىسىدا كارخانىدىن 5 ى بار، بىر پاختا زاۋۇتى، ئىككى تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، ئىككى خىش زاۋۇتى بار. يەككە سودا - سانائەتچىلەردىن 240 نەچچىگە يېقىن ئادەم بار.

قارىمىقىدا توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى : پەيزىۋات كەنتى، سېغىزكۆل كەنتى، سىڭگىم كەنتى، ئاقتام كەنتى، مۇرتۇق كەنتى، قەستۇر كەنتى، جايغوجام كەنتى، ئەششا كەنتى، چالقان كەنتى قاتارلىقلار، 44 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#