سودا ۋە ئاياللار

سودا ۋە ئاياللار

«ئەلى بابا» گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن 2015-يىلى 11-ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-قانىلى «مېنىڭ ھېكايەم» پىروگراممىسىنىڭ ئەنگلىيەدە سۈرەتكە ئېلىنغان سانىدا «سودا ۋە ئاياللار» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، 21-ئەسىرنى ئاياللار دەۋرى دەپ ئاتىدى. 


ئۇيغۇرچە نامى سودا ۋە ئاياللار
ۋاقتى 2015-يىلى 11-ئاي
خەنزۇچە نامى 商业和女人
سۆزلىگۈچى ما يۈن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سودا ۋە ئاياللاربۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئاياللار تېمىسى ھەققىدە توختالغىنىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن. بۇ تېما مېنىڭچە بەك ئەھمىيەتلىك، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ تېما ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ياقتۇرسىمۇ، ئەمما بارلىق ئەرلەرنىڭ بۇ تېما ھەققىدە راۋۇرۇس گەپ قىلىشى ناتايىن.

مەن يولدا كەلگۈچە ئويلاپ قالدىم، ئەنگلىيە تولىمۇ قالتىس دۆلەت، بۇنداق دۆلەت كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ، ئايال پادىشاھ بىلەن باش ۋەزىر بىر دەۋردە ياشىغان بولۇپ، ئىككىلىسى ئايال، يەنە كېلىپ بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن قالتىس ئايال ئالىملار، ئايال مۇتەپەككۇرلار، ھەتتا ئايال يازغۇچىلار بار.

مەن ئىلگىرى ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەندە، «جېننى قىز» ناملىق روماننى دائىم كۆرەتتىم. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «خاررى پوتتېر»نى كۆرىمەن، بارلىق ئاياللار ئەنگلىيەنىڭ تارىخىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەنگلىيەدىكى ئاياللار يوپكا كىيىشتىن ئىشتان كىيىشكە ئۆتۈپ، پۈتۈن تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا مېنىڭچە ئاياللار تېمىسى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېما، شۇنداقلا بۇ دەۋردە بىز بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەن ئەسلىدە بىزنىڭ شىركەتتە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىمغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، تاكى شىركىتىمىز بۇلتۇر پېيىنى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇنقى بىر ئايدا، بىر ئامېرىكىلىق مۇخبىر شىركىتىمىزگە كەلگەنىدى، ئۇ كېتىدىغاندا مەندىن: «شىركىتىڭىزدە ئايال خىزمەتچىلەر نېمانداق كۆپ؟» دەپ سورىغانىدى. مەن شۇ چاغدا: «بۇ قانداقمۇ مەسىلە بولسۇن؟» دەپ، بۇنىڭغا ئېرەن قىلىپ كەتمىگەنىدىم. ئۇ يەنە دۇنيادىكى باشقا يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، «ئەلى بابا» شىركىتىدە ئاياللارنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، مەن شۇ چاغدىلا شىركىتىمىزدە مۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىغا قىزىقسىنىپ، قايتىپلا خىزمەتدېشىمغا سۈرۈشتۈردۈم. مەن ئۇنىڭغا: «سەن ماڭا شىركىتىمىزدىكى ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ بەرسەڭ» دېدىم. ئەينى چاغدىكى تەكشۈرۈشتە ئاياللارنىڭ نىسبىتى %52 بولۇپ چىقتى، ھازىر پەقەتلا %49 كە يېتىدۇ. بەلكىم بىز سېتىۋالغان بىر نەچچە شىركەتتە ئەرلەر نىسبەتەن كۆپ بولغانلىقتىن ئاياللارنىڭ نىسبىتى سەل تۆۋەنلىگەن بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ شىركەتتىكى %52 ئايال خادىملارنىڭ ئىچىدە %35 ى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى ئاياللار، %23 يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچى ئاياللار بولۇپ، بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ھازىر باش ئىجرائىيە ئەمەلدار، ئايال باش مۇدىر، ئايال باش ئادەم كۈچى ئەمەلدارى بولماقتا، تۈرلۈك ئايال باش ئىجرائىيە ئەمەلدار بىزنىڭ شىركەتتە ئەڭ كۆپ، بىزنىڭ شىركەتتە يەنە نۇرغۇن ئايال ئىنژېنېرلار بار، ئەلۋەتتە ئايال دوكتۇلارمۇ خېلى كۆپ.

شۇڭا كۆپچىلىك «ئەلى بابا» شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مەخپىيىتىنىڭ نېمىلىكىنى سورىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭچە بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سىرى دەل بىزنىڭ نۇرغۇن ئايال خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ مېنىڭ ئاياللارغا ئامراقلىقىمدىن دېگەن گەپ ئەمەس. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، «ئەلى بابا» گۇرۇھى بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدار بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوقۇم ئاياللارنىڭ شىركەتتىكى ئورنىنى كېڭەيتىشنى ئويلىماپتىكەنمەن. شۇڭا مۇخبىر بۇ مەسىلىنى سورىغاندا ئىنكاس قايتۇرمىغانىدىم، بۇ مەنچە تازا ياخشى بولماپتىكەن، شىركەتنىڭ 18 نەپەر بەرپاچىسىنىڭ ئىچىدە تەڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاياللار، مېنىڭچە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ بىر يەرگە كېلىشى تولىمۇ ئورۇنلۇق ئىش، كۆپچىلىكنىڭ سانى ئانچە پەرقلىق بولمىسىلا، ياخشى بولىدۇ، خىزمەتتىمۇ يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئۈچ قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابىنى بىلىسىلەر، بىرىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى ئەنگلىيەدىن باشلانغان، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇشىنىڭ ئادەمنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى ۋە كۈچىنى ئازاد قىلىشقا بولغان ئۈمىدىنى نامايان قىلغانىدى، شۇڭا شۇ چاغدىكى كىشىلەر مۇسكۇل چىقىرىشتا بەسلىشەتتى. ئىككىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى ئامېرىكىدا ئېنېرگىيەدىن باشلانغان بولۇپ، ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ يىراقلارغا بېرىش ئارزۇسىنى رېئالىققا ئايلاندۇرغان. شۇڭا ئالدىدىكى ئىككى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى ئەرلەرنىڭ كۈچىنى قوزغاتقان دېيىشكە بولىدۇ، شۇ ۋەجىدىن بۇ تېخنىكا ئىنقىلابى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېچىشتا زور رول ئوينىغانىدى. تېخنىكا، ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ئالدىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر.

ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك يېقىنقى 30 يىلدىن 50 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىن بۇيان، تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمىنىڭ جۇغلىنىشى تۈپەيلىدىن، ئاياللارمۇ ئۆيلىرىدىن چىقىپ، سىياسىي مۇنبەرلەرگە قەدەم باستى. سىز نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ داھىيلىرى، رەھبەرلىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن كارخانىچىلار ئاياللار، بۇ ھەرگەزمۇ تاساددىپىلىق ئەمەس. چۈنكى ئاياللار كارخانا ئىشلىرىنى، سىياسىي ئىشلارنى ھەقىقەتەن ئەرلەردىن كۆپ ياخشى قىلالايدۇ. ناۋادا بۇ دۇنيادا 200 دۆلەت بار دېيىلسە، 80 دىن يۈزگىچە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى ئاياللاردىن بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ئاياللاردىن بولغانلىقىنى كۆرسەك، بۇ نېمىدېگەن كاتتا ئىش بولغان بولاتتى-ھە!

بەزىلەر مەن بىلەن شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئابونتلارغا لازىمى مۇلازىمەت ئەمەس، بەلكى ھېس قىلىش، كەچۈرمىش. بەزىدە سىز بىر توقاي مۇلازىمەتلەرنى قىلسىڭىزمۇ، باشقىلارنىڭ بىرەر ئېغىز گېپىچىلىك تەسىر بەرمەيدۇ. ھېس قىلدۇرۇش ھەققىدە سۆزلىگەندە، ئاياللار ئەرلەردىن ياخشى قىلالايدۇ، ئاياللار ئەرلەردىن ئىشەنچلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. شىركىتىمىزنىڭ تورىدا، كۆپچىلىك ئىشەنچ قەرزىنى بىلىسىلەر، مىكرو قەرز بارلىق كارخانىلارغا بېرىلىدۇ، بىز بۇ جەرياندا ئاياللارنىڭ قەرز قايتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ ئەرلەردىن تېزرەك ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، ئەرلەرنىڭ قەرز قايتۇرماسلىق نىسبىتى ئاياللارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىگەرەك توغرا كېلىدۇ.

ئاياللار باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشتا ئەرلەردىن بەكرەك يىراقنى ئويلايدۇ. ئاياللار ئۆزىدىن خەۋەر ئېلىشتىن باشقا، يەنە ئېرى، دادىسى، ئاپىسى، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، شۇنداقتىمۇ خىزمەتنى يەنىلا ياخشى قىلىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئىنتايىن سەۋرچان كېلىدۇ. شۇڭا بەزىلەر بۇ دەۋرنى ئاياللارغا كۆپرەك پۇرسەت بېرىدىغان، كۆپرەك ياردەم قىلىدىغان دەۋر دېيىشمەكتە. مېنىڭچە بۇ دەۋر ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە كۆپرەك ياردەم بېرىدىغان دەۋرى بولۇشى كېرەك، ناۋادا ئالدىنقى ئەسىر ئاياللارنى ئۆزگەرتكەن بولسا، بۇ ئەسىر ئاياللارنىڭ دەۋرى بولۇشى كېرەك، مەن بۇ نۇقتىغا شەكسىز ئىشىنىمەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#