چىڭيۈەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
چىڭيۈەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − فۇجيەن ئۆلكىسى چۇەنجۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدا، چىڭيۈەنشەن تېغى، جيۇرىشەن تېغى، لىڭشەن تېغىدىكى ئەۋلىيا مەقبەرىسى ۋە شىبېيياڭ قاتارلىق تۆت مەنزىرىلىك جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىڭيۇەن تېغىچىڭيۈەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − فۇجيەن ئۆلكىسى چۇەنجۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدا، چىڭيۈەنشەن تېغى، جيۇرىشەن تېغى، لىڭشەن تېغىدىكى ئەۋلىيا مەقبەرىسى ۋە شىبېيياڭ قاتارلىق تۆت مەنزىرىلىك جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى50 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر. چىڭيۇەنشەن تېغى ئوتتۇرا فۇجيەندىكى دەييۈنشەن تاغ تىزمىسىغا تەۋە بولۇپ، چوققىلىرى، قىيالىقلىرى تەكشى ئەمەس، ۋاڭجۇتىڭدىكى غايەت زور تاش، لوخەنفېڭ چوققىسى قاتارلىق ئوبرازلىق قىيا تاشلار تاغنىڭ ھەممىلا يېرىدە بار. تاغدا سۇ مەنزىرىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلاق، كۆلچەك، شارقىراتمىلار تەخمىنەن135 كە يېتىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا گۇمانىتار مەنزىرىلەر كۆپ مەركەزلەشكەن.
چىڭيۇەن تېغى تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيان ھەرقايسى سۇلالىلەر كۇڭزىچىلار، تويىن دىنى، بۇددا دىنى مۇرىتلىرى بەس-بەس بىلەن جاي ئىگىلەپ ئىبادەتخانىلارنى سالغان. ھازىر جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بولغان كەييۇەن ئىبادەتخانىسى، زىزىگۇڭ تويىن دىنى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لاۋجۈن ھەيكىلى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تويىن دىنى تاش ھەيكىلى. لىنشەن تېغىدىكى ئىسلام دىنى ئەۋلىيا مەقبەرىسى «دۇنيادىكى ئۈچىنچى مەككە» دەپ نام ئالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.