كالا ئۆتى

كالا ئۆتى

بۇ كالا ئائىلىسىدىكى ھايۋان كالىنىڭ ئۆتىدىن ئىبارەت بولۇپ، كالا سويغاندا يىغىۋېلىنىپ سايە جايدا قۇيۇپ قۇرۇتۇلىدۇ، قۇرۇتۇلغانلىرى يېشىلغا مايىل قوڭۇر، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى سېسىق كېلىدۇ. زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، جاراھەت ۋە يارىنى پۈتتۈرۈش، مەنىي كۆپەيتىش، مەنىي تۇتۇش، ئۆت ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، گال بوغۇلۇشنى ياخشىلاش، قان تازىلاش رولى بار.

دورا نامى كالا ئۆتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 牛胆

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كالا ئائىلىسىدىكى ھايۋان كالىنىڭ ئۆتىدىن ئىبارەت بولۇپ، كالا سويغاندا يىغىۋېلىنىپ سايە جايدا قۇيۇپ قۇرۇتۇلىدۇ، قۇرۇتۇلغانلىرى يېشىلغا مايىل قوڭۇر، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى سېسىق كېلىدۇ.

كالا ئۆتى سۇيۇقلۇقىدا سۇدىن باشقا يەنە ئۆت سۇيۇقلۇقى تۇزلىرى، ئۆت پىگمېنتى (Bilepigmeut)، ئاقسىل، فوسفاتلىق مايلار، فوسفات كىسلاتا قاتارلىق ئانئورگانىك تۇزلار بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، جاراھەت ۋە يارىنى پۈتتۈرۈش، مەنىي كۆپەيتىش، مەنىي تۇتۇش، ئۆت ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، گال بوغۇلۇشنى ياخشىلاش، قان تازىلاش.

ھەر خىل زەھەرلىنىش، بوۋاسىر، ئۆت، جىگەر، كۆز، مەقئەت كېسەللىكلىرى، يېرىڭلىق جاراھەت، تەمرەتكە، قىچىشقاق ۋە گال كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

1. كالا ئۆتىنى زەپەر بىلەن ئېزىپ كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتسا، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.

2. كالا ئۆتىنى توغرىغۇ ۋە ئادراسمان ئۇرۇقى بىلەن قوشۇپ مەلھەم قىلىپ سىرتتىن چاپسا، چاچ كىپەكلىشىشكە پايدا قىلىدۇ.

3. كالا ئۆتىنى ھەسەل بىلەن بىرگە غەر - غەر قىلسا، گالنىڭ بۇغۇلىشىنى ياخشىلايدۇ.

4. كالا ئۆتىنى ئەرەقى پۆدىنە، ئەرقى شىۋاق ۋە ئەرقى شاھتەررە بىلەن قوشۇپ ئىچسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. كالا ئۆتىنى ھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، مەقئەت يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. كالا ئۆتىنى راتىيانەج، توغرىغۇ، كەت ھىندى، مامىرانچىنى قاتارلىقلار بىلەن مەلھەم قىلىپ چاپسا، يىرىڭلىق جاراھەت ۋە تەمرەتكىگە پايدا قىلىدۇ.

7. كالا ئۆتىنى سوقۇپ قېتىق بىلەن ئىچسە، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

8. كالا ئۆتىگە نوقۇتنى چىلاپ مەلۇم كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئىستېمال قىلسا، مەنىينى كۆپەيتىدۇ.

0.1 ~ 0.3 گىرام.

باشنى قايدۇرىدۇ.

ھەسەل.

زەھرە مۆھرە.

مەملىكىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ.

كالا ئۆتىنى تازىلاش ئۇسۇلى: يېڭى سۇيۇلغان كالا ئۆتىدىن 100 گىرام ئېلىپ، ئاليۇمىن ياكى قەلەيدىن ياسالغان قاچىغا سېلىپ، 25 گىرام قالغۇچە قاينىتىپ سۈيىنى پارلاندۇرىۋىتىپ، قالغان قىسمىنى شىشىگە قاچىلاپ ئۈستىگە 75 پىرسەنتلىك ئىسپىرتتىن قوشۇپ شېشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىپ، ئىسپىرت پارغا ئايلىنىپ بولغاندىن كىيىن تېگىدە قالغان ئۆتنى پاكىز ئېلىپ، مەخسۇس قاچىلاردا قويۇپ قۇرۇتۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى ئۆتنىڭ تەسىرىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ، بۇ يۇمشىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، تۇتۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق تەسىرگە ئىگە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#