بالىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشى

بالىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشى

ئادەتتە ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق دەپ بۆلۈنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىبالىلاردا ئوزۇقلىنىشى ناچارلىقنىڭ دەرىجىسىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

ئادەتتە ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق دەپ بۆلۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك ئوزۇقلىنىشى ناچارلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى تۆۋەندىكىچە:

1.ئەگەر بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى (ئوتتۇرىچە قىممىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ) دىن %25 ~ %15 تۆۋەن بولسا يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئېغىرلىقى بۇ قىممەتتىن %40 ~ %26 تۆۋەن بولسا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا؛ ئېغىرلىقى بۇ قىممەتتىن %40 پىرسەنتتىن كۆپ تۆۋەن بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا تەۋە بولىدۇ.

2.قورساق قىسمىدىكى ماينىڭ قېلىنلىقى 0.8 ~ 0.4 سانتىمېتىر ئارىلىقىدا بولسا يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا؛ 4.0 سانىتمېتىردىن تۆۋەن بولسا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا؛ ماي پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈگەپ كەتكەن بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا تەۋە بولىدۇ.

3.يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاساسەن نورمال؛ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى نورمال قىممەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولىدۇ؛ ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى بولسا نورمال قىممەتتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولىدۇ.

4.كېسەللىك ئامىلى يەنى: تۇغما قېلىنلاش خاراكتېرلىك ئاشقازان چىقىش ئېغىزى تارىيىش، بوۋاق بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش، ئاشقازاننىڭ سۈمۈرۈشى ياخشى بولماسلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، تۇبېركۇليوز، پارازىت قۇرت كېسىلى، ئۇزۇن مەزگىل قىزىش ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلار.

بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىبالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىكى ئوزۇقلۇقلىنىش پرىنسىپ بولسا، تولۇق ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتە بالىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، ئومۇمىي پرىنسىپقا رىئايە قىلغان ئاساستا يەنە تۆۋەندىكىدەك «تۆت خىل ماسلاشتۇرۇش» قا دىققەت قىلىش كېرەك: 

1. ئالاھىدە پۇراقلىق يېمەكلىكلەر (گۆش، غولپىياز، سامساق، كۈدە قاتارلىقلار) نى ماسلاشتۇرۇش: بالىلارنىڭ ھەربىر قېتىملىق تامىقىدا ئالاھىدە پۇراقلىق يېمەكلىكلەر بىلەن گۆشىسز قورۇمىلارنى ماسلاشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ پەقەت ئالاھىدە پۇراقلىق يېمەكلىكلەرنى ۋە ياكى گۆشسىز قورۇمىلارنىلا بەرمەسلىك كېرەك.

2. قارا ئاشلىق ۋە قارا ئاشلىق ماسلاشتۇرۇش: بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئاساسلىق تامىقىدا ھەم قارا ئاشلىق ھەم ئاق ئاشلىق ماسلاشقان بولۇشى كېرەك.

3. قۇيۇق ۋە سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش: ئۈچ ۋاخ تاماقتا شورپا ياكى ئۇماچ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنە سۈت ۋە سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سەي-كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ بېرىشتىن سىرت يەنە كۆكتاتلارنىمۇ بېرىش، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىرخىل يېمەكلىكتىن ۋاز كەچمەسلىك، بالىلارنىڭ يېمەكلىكى مايسىزراق بولۇشى، زىيادە ئاچچىق، مايلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك.

بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆكتات يېمەيدىغانلىقتىن قايغۇرۇشۇپ، قانداق قىلغاندا بالىلىرىنىڭ كۆكتاتقا ئامراق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ كۆكتات يېيىشىنى خالىماسلىقى كۆپىنچە ئاتا-ئانىنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، توغرا بولغان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى يېتىشتۈرۈشنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتىن باشلاش كېرەك:

1. ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەرىكەتلىنىپ، تەرتىپلىك ھالدا ئاستا-ئاستا بېرىش: بالا تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندىن كېيىن كۆكتات شىرنىسى بېرىشكە بولىدۇ، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇششاق ئېزىلگەن كۆكتات قىيامىنى بېرىشكە باشلىسا، بالىلار بىلىپ-بىلمەي كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ.

2. تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى كۆكتات بېرىش: ئاتا-ئانىلار قورۇماقورۇغاندا توختىماستىن تۈرىنى ئۆزگەرتىپ، خىلمۇخىل قورۇما قورۇش، شۇنداقلا تاماق بەرگەن ۋاقىتتا ئاۋۋال كۆكتاتنى ئاندىن گۆش، تۇخۇمنى بېرىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ئۈنۈملۈك.

3. تەربىيىنى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش: بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى كۆكتات يېمەي تۇرۇپ، بالىلىرىنى كۆكتات يېيىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ ناھايىتى تەس ئىش. ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئۆزىدىن باشلاپ، كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىش. بالىلار ئىش ئۇققاندىن كېيىن ئۇلارغا توختىماستىن كۆكتات يېيىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىشەنچىمىز كامىلكى، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن بالىلار چوقۇم كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ كېتىدۇ.

ئۇششاقچۈششەك يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ بېرىشبالىلارنىڭ ئاشقازان سىغىمچانلىقى كىچىك، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىر ئاز ھەرىكەت قىلىپلا قورسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، مۇۋاپىق ھالدا، ۋاقتىدا بالىلارغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى بەرسە، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمىسە بولمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئىلمىي ھالدا تاللاپ ۋە مۇۋاپىق ھالدا بېرىش كېرەك. ئالدى بىلەن بالىلارغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى تاللىغاندا، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ئىمكانقەدەر بالىلارغا ئۆزى بىر ئاز ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن: پۇرچاق مانتىسى، پىرەنىك، قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلارنى بەرسە بولىدۇ. بۇ ھەم تېجەشلىك ھەم بىخەتەر بولۇپ، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى سېتىۋالغاندا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىغا، سۈپىتىگە، مۇددىتىگە قاراش. يەنە، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى يېيىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يەنى ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ياكى چوڭراق پائالىيەتتىن كېيىن بەرسە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىراق تاماقتىن بۇرۇن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىقەدىمكىلەردە «تاماق تاللىغاننىڭ قورسىقى توق» دېگەن گەپ بار، ئەگەر بالىلاردا قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش ئىپادىلىرى كۆرۈلسە، بىراق يېتەرلىك تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ئوزۇقلۇققا ئېرىشسە، بۇ خىل ھادىسە بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ بىر ناچار ئادەت بولسىمۇ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمىسە، ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. كۈندىلىك تاماقتا پەقەت تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلسىلا بولىدۇ: 

1. ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىدىن باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تاماق تاللايدىغان ناچار ئادەتلىرىنى تۈگەتسە، بالىلارمۇ تەبىئىي ھالدا تاماق تاللىمايدىغان بولىدۇ.

2. تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە يېمەكلىكنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ۋە خىلمۇخىللاشتۇرۇش كېرەك.

3. مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ بەزى يېمەكلىكلەرگە بولغان قورقۇش، تەشۋىشلىنىش پسىخىكىسىنى تۈگىتىپ، بۇ خىل يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. مەسىلەن: بەزى بالىلار بېلىق قىلتىرىقىنىڭ، سۆڭەكلىرىنىڭ سانجىلىپ ئاغرىتىۋېتىشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بېلىق قىلتىرىقىنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن بالىلارغا بېرىشى ۋە باشلامچىلىق بىلەن بېلىقنى يېيىشى كېرەك. ئەگەر بالىلارنىڭ قسىمەن تاماقنى يېگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش ئادىتى ئېغىر بولسا، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپ، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماسلىق، قەۋزىيەت، قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىق كېسەللىكنى پەيدا قىلغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#