بارىكۆل يايلىقى
بارىكۆل يايلىقى شىنجاڭنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قومۇل ۋىلايىتى گە جايلاشقان بۇلۇپ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭدىكى ئىككىنچى چوڭ يايلاق. باركۆل يايلىقى ئۈستىدە سېمىز كالا-قويلار ئوتلاپ يۈرگەن، ئوت-چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن، ھاۋاسى ساپ، يېشىل ئوت-چۆپلەر خۇددى يېكەندازغا ئوخشايدۇ، ياز ۋە قىش پەسلىدە ئارام ئالىدىغان ياخشى جايىغا ئايلانغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بارىكۆل يايلىقى شىنجاڭنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قومۇل ۋىلايىتى گە جايلاشقان بۇلۇپ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭدىكى ئىككىنچى چوڭ يايلاق. بارىكۆل يايلىقى ئۈستىدە سېمىز كالا-قويلار ئوتلاپ يۈرگەن، ئوت-چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن، ھاۋاسى ساپ، يېشىل ئوت-چۆپلەر خۇددى يېكەندازغا ئوخشايدۇ، ياز ۋە قىش پەسلىدە ئارام ئالىدىغان ياخشى جايىغا ئايلانغان.
بارىكۆل يايلىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1650 مېتىر، قارلىق تاغ مەرۋايىتتەك، قارىغايلىق ياپيېشىل، بۇلۇت ۋە تۇمانلار ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بارىكۆل يايلىقىنىڭ يەنە «تۇلپار يۇرتى» دېگەن نامىمۇ بار.
بارىكۆل بولسا چوڭ يايلاق. لېكىن كۆز يەتكۈسىز بارىكۆل يايلىقىدا ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئوت-چۆپلەر ئارسىدا تۇتىشىپ كەتكەن ئۇپۇق سىزىقى بولىدۇ. ھەم بارىكۆل ئويمانلىقىدىن يىراقلارغا نەزەر سالغاندا تۆت ئەتراپى كۆك ئاسمان بىلەن تۇتاشقان تۇتاش تاغ چوققىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ تاغ شەرقىي تەڭرىتاغ كىرىدۇ، بولۇپمۇ جەنۇبىي تاغ ئىنتايىن ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، تاغ چوققىسىدا يىل بويى ئېرىمەيدىغان يىغىندى قار بار، تاغ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئورمان بەلۋېغىقىغا تەۋە. تاغ چوققىسىدىكى قارلار ئېرىگەندىن كېيىن بەزىلىرى جىلغىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆز جايىدا تاش يېرىقىغا سىڭىپ كىرىپ كېتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.