شىۋېتسارىيە

شىۋېتسارىيە

 شىۋېتسارىيەنىڭ تولۇق ئىسمى شىۋېتسارىيە فېدراتسىيسى بۇلۇپ ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامى شىىۋىتېس ئىشتاتىنىڭ نامىدىن كەلگەن <<شىۋىتېس>> قەدىمى ئوردا تىلى <<كۆيمەك>> دېگەن مەنىدە، بۈگۈنكى شىۋىتېس رايونى ئىلگىرى چەكسىز ئورمانلىق بولۇپ، ئۇ يەرگە ئوت كېتىپ تۈزلەنگەندىن كېيىن ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شىۋېتسارىيە فېدراتسىيسى
قىسقارتىلغان نامى شىۋېتسارىيە 瑞士
پايتەختى بېرن
دۆلەت تىلى نېمىس تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىتالىيان تىلى
نوپۇس زىچلىقى 206.7/ كىۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 瑞士联邦
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت شېئىرى
نوپۇسى 7مىليون 235 مىڭ (2014-يىل)
يەر مەيدانى 41 مىڭ 284 كۇۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىۋېتسارىيە شىۋېتسارىيەنىڭ تولۇق ئىسمى شىۋېتسارىيە فېدراتسىيسى بۇلۇپ ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامى شىىۋىتېس ئىشتاتىنىڭ نامىدىن كەلگەن <<شىۋىتېس>> قەدىمى ئوردا تىلى <<كۆيمەك>> دېگەن مەنىدە، بۈگۈنكى شىۋىتېس رايونى ئىلگىرى چەكسىز ئورمانلىق بولۇپ، ئۇ يەرگە ئوت كېتىپ تۈزلەنگەندىن كېيىن ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان.

شىۋېتسارىيەنىڭ يەر مەيدانى 41 مىڭ 284 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 420 مىڭ بۇلۇپ شىۋېتسارىيلىكلەر %79.8 نى ئىگەللەيدۇ. باشقا يەرلىكلەر %20.2 نى ئىگەللەيدۇ. كۆپ قىسمى كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ %44.1 نى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار %36.6 نى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار %4.5 نى باشقىلار %3.1 نى دىنى ئېتىقادى يوقلار %11.7 نى ئىگەللەيدۇ.

دۆلەت تىلى

شىۋېتسارىيەشىۋېتسارىيەدە ئاساسلىق تۆت خىل تىل ئىشلىندۇ، نېمىس تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن-رومان تىلى، نېمىس تىلى ئىشلىتىدىغانلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ %63.9 نى (ئاساسلىق شىمال قىسمى)، فىرانسۇز تىلى ئىشلىتىدىغانلار %19.5 نى (ئاساسەن غەربى قىسمى)، ئىتالىيە تىلى ئىشلىتىدىغانلار %6.6 نى (ئاساسەن جەنۇپ قىسمى) ، لاتىن -رومان تىلى ئىشلىتىدىغانلار %0.5 نى (شەرقى قىسىمىدىكى ئاز بىرقىسىم رايونلار) باشقا تىللارنى ئىشلىتىدىغانلار %9.5 نى ئىگەللەيدۇ.

شىۋېتسارىيەشىۋېتسارىيە 11- ئەسىردىن باشلاپ رىم ئىمپىرىيسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان، 1291-يىلى بىر نەچچە ئوبلاست بىرلىشىپ ئۆز ۋاقتىدىكى خابۇس پادىشاھقا قارشى ئىتتىپاق بۇلۇپ ئۇيۇشقان. بۇ ئىتتىپاق ھازىرقى شىۋېتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسي بۇلۇپ شەكىللەنگەن. 1648- يىلى مۇستەقىل بولغان. شىۋېتسارىيە 16- ئەسىردىن باشلاپ خەلقىئارا ئىشلاردا بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، 1798-يىلى ناپالىئون شىۋېتسارىينى بېسىۋالغان چاغلاردا بىر مەزگىل ھارۋىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1815-يىلى ۋېينا يىغىنىدا شىۋېتسارىينىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك ئورنى ئېتراپ قىلىندى، كېيىنكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا بىەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. 1848-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ رەسمىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن فېدراپ دۆلەت بولغان.

شىۋېتسارىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى مۇقەددەس رىم ئىمپىراتۇرى فېدرىچⅡ شىۋېيتنىس شىتاتىدىكى كىشىلەرگە ئەركىنلىكنىڭ بەلگىسى قىلىشقا ئىنئام بەرگەن بايراقتىن كەلگەن كېيىنكى يىللاردا بۇ بايراق يەنە كۆپ قېتىم جەڭلەردە ئىشلىتىلىپ، ئىس-تۈتەك قاپلىغان جەڭلەردە جەۋلان قىلىپ خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئىلھام بەرگەن، يىلنامىدە خاتىرلىنىشىچە 1339-يىلى تۆرىلەرگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ قوزغىلاڭچىلىرى ھەربى يۈرۈش قىلغاندا ئاق كرېستلىك بىر قىزىل بايراقنى ھەربى بايرىقى قىلغان. چۈنكى قوزغىلاڭچىلار مىللەتنىڭ ئەركىن- ئازادلىقى خۇددى مۇقەددەس كرېسىتكە ئوخشاش بىر مۇقەددەس ئىش، بايراقنىڭ تېگىنى قىزىل قىلىش ئىلاھنىڭ قىزىل نۇر ئاستىدا نازىل بۇلۇپ خەلق بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنىڭ سىموۋۇلىدۇر دەپ قارىغان، 1848-يىلى شىۋېتسارىيە يېڭى فېدراتىپنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ئاق كرېستلىك بايراقنى شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىشنى ۋە دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى بۇلۇشنى رەسمىي بەلگىلىگەن.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

شىۋېتسارىيەشىۋېتسارىيەنىڭ شەرقى ئاۋىستىرىيە، لېيىچېنىستىن بىلەن جەنۇبى ئىتالىيە بىلەن غەربى فرانسىيە بىلەن، شىمالىي گېرمانىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب شىمال ئۇزۇنلىقى 220.1 كىلومېتىر، شەرىقتىن غەرىپكىچە بولغان ئارىلىقى 348.4 كىلومېتىر. ئالىپ تاغ تىزمىلىرى پۈتۈن يەر مەيدانىنىڭ %60 نى غەربى شىمال تەرىىپىدىكى ژۇرا تاغ تىزمىلىرى پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %10 نى ئىگەللەيدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىك پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1350 مېتىر، ئورمانلىق 12523 كىۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %30.3 نى ئىگەللەيدۇ. دەريا چوڭ-كىچىك 100 دىن ئارتۇق كۆل بار.

ئىقلىمى 

ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمىتېر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 8.6 سېلتسىيە گىرادۇس. 

دۆلەت بايرىقى 

شىۋېتسارىيەتېگى قىزىل رەڭلىك بايراق بولۇپ ،دەل ئوتتۇرىسىدا ئاق رەڭلىك كىرېست بەلگىسى بار، بۇ ئاق رەڭ تىنىچلىق، ئاددىللىق ۋە يورۇقلۇقنىڭ سىمۋولى. قىزىل رەڭ خەلقنىڭ غەلبىسى، بەخت -سائادىتى ۋە قىزغىنلىقىنىڭ سىمۋولى. بايراقتىكى بىر پۈتۈن شەكىل دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى.

دۆلەت گېربى

شىۋېتسارىيە دۆلەت گېربى ئاق كرېستلىك قىزىل بايراق سىزىلغان بىر قالقانسىمان گېرب بۇلۇپ، مەنىسى رەسىم ۋە رەڭلەر دۆلەت بايرىقىدىكى بىلەن ئوخشاش.

شىۋېتسارىيەشىۋېتسارىيە تەرەققى قىلغان سانائەت دۆلىتى، ئۇ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتە خېلى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا بىرىنجى ئورۇننى ئىگەللەپ كەلمەكتە، شىۋېتسارىيىنىڭ سانائىتى خەلق ئىگىلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، كاپتال مەركەزلەشكەن، سانائىتىدە بۇلۇپمۇ ماشىنسازلىق، ھەرخىل نازۇك ئەسۋاپلارنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سائەت ياساش سانائىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. شۇڭا ئۇنى سانائەت دۆلىتى دەپمۇ ئاتايدۇ، شىۋېتسارىيە تاغلىق دۆلەت بولسىمۇ ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئوموىي قىممىتىنىڭ %75 نى ئىگەللەيدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي، ياڭيۇ، قىزىلچا، ئۈزۈم قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، شىۋېتسارىيە ئىشلەپچىقارغان سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ %90 نى ئېكىسپورت قىلىدۇ، سىرتتىن خام ئەشيا، يېقىلغۇ، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ، شىۋېتسارىيىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق مەنزىرسى گۈزەل بولغاچقا ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى ناھايتى كۆپ، ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ساياھەتچىلىك بىلەن شوغۇللىندۇ، شىۋېتسارىيىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى ناھايتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق پۇل- مۇئامىلە دۆلىتىنىڭ بىرى. شىۋېتسارىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى بەك تەرەققىي قىلغان پۈتۈن دۆلەت بويىچە 62 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيول، 500 كىلومېتىر تۆمۈريول، 2 مىليوندىن ئوشۇق ھەرخىل قاتناش ۋاستىسى بار، تۆمۈر يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىكتىرلەشكەن. [0][1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#