بوغۇم ئاغرىش

ئاغرىش

بوغۇم ئاغرىش ھەركەت ئەزا كېسەللىكلىرىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇششاق- چوڭ بوغۇملاردا پەيدا بولغان يېقىمسىزلىنىشتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى بوغۇم ئاغرىش
ئاساسلىق ئالامىتى ئۇششاق- چوڭ بوغۇملاردا پەيدا بولغان يېقىمسىزلىنىش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 关节痛
كېسەللىك سەۋەبى ھەر خىل ئورۇلۇش ،سوقۇلۇش، بېسىلىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوغۇم ئاغرىش ھەركەت ئەزا كېسەللىكلىرىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇششاق- چوڭ بوغۇملاردا پەيدا بولغان يېقىمسىزلىنىشتىن ئىبارەت.بوغۇم ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ۋە كېسەللىكنىڭ ئېغىر- يىنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن بوغۇم ئاغرىشنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپرەك كۆرلىدۇ. بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلىرىدە « ۋەجئۇل مۇپاسىل » دىيىلىدۇ.

1. ئۆتكۈر سوغۇقلۇقنىڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئۇپىنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلىشى بىلەن يەرلىك ئورۇندا كىسەللىك ئوچىغىنى شەكىللەندۈرۈپ بوغۇم ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.مەسىلەن: بوغۇم ياللۇغى ،بوغۇم سىلى، بوغۇم يىرىڭلىق ئىششىغى قاتارلىقلار.

 2. سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگۈرىشىدىن بولۇپمۇ زەڭگار رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

3. بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگۈرىشىدىن بولۇپمۇ بەلغەمى شورنىڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلىشىدىن يەرلىك ئرۇننىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى ۋە قان ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىش نەتىجىسىدە بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگۈرىشىدىن بوغۇملاردا قېتىۋېلىشى بىلەن ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 5. ھەر خىل ئورۇلۇش ،سوقۇلۇش، بېسىلىش قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. كلىنىك ئىپادىسى يىنىك بولغانلاردا بولسا پەقەت بوغۇملاردا ئاغرىش، قىسمەن ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى كۆرلىدۇ، ئېغىر بولغانلاردا بوغۇملاردا ئاغرىشتىن سىرت بوغۇملار قىزىرىش، قىززىش، ئىششىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، بەدەن تىمپۇراتۇرسى يۇقۇرى ئۆرلەش، يەرلىك ئورۇننى باسقاندا ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىدۇ،ھەتتا پۈتۈنلەي ھەركەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. قان خىلىتى ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرىشىدىن بولغاندا ئاغرىش چوقۇلۇپ ئاغرىش ياكى سانچىلىپ ئاغرىش خاراكتىردە بولىدۇ،ئىششىش، قىززىش ئېغىرراق بولىدۇ. بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرىشىدىن بولسا لوقۇلداپ ئاغرىش بولىدۇ، قىززىش ئانچە ئېغىر بولمايدۇ.شەكلى غەيرى بولۇپ قالىدۇ.

بوغۇم ئاغرىش 1. بوغـۇم ئاغرىـش بىـلەن قىززىش قوشۇلۇپ كىلىـدۇ. مەسـىـلـەن: ئۆتـكۈر قىزىتمىلىق،سىل خاراكتىرلىق كىسەللىكلەر، بوغۇم ياللۇغى، بوغۇم يىرىڭلىق ئىششىقى، بوغۇم سىلى قاتارلىقلار.

 2. بوغۇم ئاغرىش بىلەن بوغۇملاردا ئىششىش، قىزىرىش قوشۇلۇپ كىلىدۇ. مەسىلەن: مۇپاسىل، نۇقرەس قاتارلىقلار.

 3. بوغۇم ئاغرىش بىلەن بوغۇم ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قوشۇلۇپ كىلىدۇ. مەسىلەن : ھەر خىل سۇنۇق، چىقۇق، بوغۇملار قېتىۋېلىش قاتارلىقلار. سوراپ تەكشۈرۈش بوغۇم ئاغرىشنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى، ئورنى، داۋاملىشىش ۋاقتى، ئېغىر – يىنىكلىك دەرىجىسى، تارقاش ئورنى، خاراكتىرى، ئاغرىشنىڭ ھەركەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئاغرىشنى كۈچەيتكۈچى ۋە پەسەيتكۈچى ئامىللار، قوشۇمچە ئالامەتلەر قاتارلىقلارنى سوراپ تەكشۈرۈش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1014

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#