ساچىن شىروف
ھىندىستان كىنو چولپىنى ساچىن شىروف 1979-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستان دا تۇغۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساچىن شىروف 1979-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستان دا تۇغۇلغان. ساچىن شىروف دىگەن بۇ ئىسىم ھىندىستان تىلۋىزىيە قاناللىرىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر ئىسىم، يېقىنقى يىللاردا ئۇ بىرقانچە كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە فىلىملىرىدا ئاساسلىق روللارنى ئويناپ ھىندىستانغىلا ئەمەس باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تونۇلغان.
جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭدا قويۇلغان «ماڭلاي-سۇرۇخ» ناملىق تىلۋىزىيە فىلىمىدا ئۇ دىرو بىلەن كاران نامىدىكى بىر-بىرىگە زىت بولغان سەلبىي ۋە ئىجابىي روللارنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇنداش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان.
ساچىن شىروف رول ئالغان بىرقانچە كىنو ھىندىستاننىڭ كىنو فېستىۋاللىرىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۇدا بىرقانچە تېلۋىزىيە ئورۇنلىرى ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىدا ئەڭ ياخشى ئورۇنداش مۇكاپاتى ھەمدە ئەڭ ياخشى ئەر ئوبراز قاتارلىق مۇكاپاتلارغا
ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ئۇسۇل جەھەتتىكى تالانتىمۇ يۇقىر 2 بولۇپ ھىندىستاندىكى داڭلىق تېلۋىزىيە قانىلى NDTV دا كۆپلىگەن ئۇسۇللارنى ئورۇندىغان، ئايالى Juhi Parmar بىلەن 2008-يىلى ئورۇندىغان ئۇسۇلى كۆپلىگەن ھىندىستان كۆرۈرمەنلىرى تەرىپىدى ئالقىشقا ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.