قارا ئۆرۈك

قارا ئۆرۈك

قارا ئۆرۈك بولسا  ئاينۇلا دەرىخىنىڭ مېۋىسى بۇلۇپ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى قارا ئۆرۈك
ئەرەبچە نامى سەگىرى
ئىنگلىزچە Garden Plum
شەكلى سوقىچاق – رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر،
تەمى چۈچۈمەل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 新疆酸李
پارسچە نامى ئالوسيا – ئالو
ئوردۇچە نامى ئالو بۇخارا
جىسمى ئازراق پۇراقلىق كېلىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل، بىرىنچى دەرىجىدە سوغۇق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا ئۆرۈكقارا ئۆرۈك بولسا ئازغان ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاينۇلا دەرىخىنىڭ مېۋىسى بۇلۇپ،سوقىچاق – رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر،ئازراق پۇراقلىق كېلىدۇ.تەمى چۈچۈمەل،  7– ئايدا مېۋىسى پىشقاندا يېغۋىلىنىدۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېران، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.

غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلتسىز، قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، غەيرى تەبىئىي قان، سەپرا خىلتنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلتسىز، قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، غەيرى تەبىئىي قان، سەپرا خىلتنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش.

ئەكىس تەسىرى

 مېڭە ۋە ئاشقازان كېسىلى بارلارغا، سوغۇق مىجەزلىكلەرگە زىيان قىلىدۇ.

مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى (Malic acid) ۋىتامىن E,B,Cقاتارلىقلار  بار. پىكتىك كىسلاتاسى (Pectic acid) كاروتىن (Carotin) ئۇنىڭدىن باشقا قەنت، ئاقسىل، ياغ قاتارلىقلار بار。

قارا ئۆرۈك1. قارا ئۆرۈك 5 دانە، تەمىرى ھىندى 20 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچسە غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتنى سۈرىدۇ.

2.قارا ئۆرۈكتىن 10 دانىنى ئاخشىمى يەپ ياتسا ئەتىگىنى تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.

3. قارا ئۆرۈكنىڭ مېۋىسىنى شۈمۈپ بەرسە،كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇشنى پەسەيتىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.

4. قارا ئۆرۈكنى قاينىتىپ سۈيىنى بېشىغا چاپسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى يوق قىلىدۇ.

5. قارا ئۆرۈكنىڭ يوپۇرمىقىنى كىندىك ئاستىغا قويسا ئۈچەيدىكى قۇرتنى چۈشۈرىدۇ.

6. قارا ئۆرۈك يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئېغىزغا ئېلىپ غەر–غەي قىلسا زۇكام، نەزلىنى يوق قىلىدۇ.

7. قارا ئۆرۈكنى قاينىتىپ سۈيىنى بۇرنىغا تىمىتسا بۇرنىغا كەلگەن سۇنى توختىتىدۇ. ئېغىز چايقىسا بادامسىمان بەز ئىششىقى ۋە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

8. 7–8 دانە قارا ئۆرۈكنى سۇدا ئازراق تۇرغۇزۇپ يۇمشىغاندا سۈيىنى ئىچسە قىزىتمىغا پايدا قىلىدۇ

دورىلىق ئورنى

مېۋىسى

مىقدارى

20–50 گرامغىچە

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلايمىز.

تۈزەتكۈچىسى

گۈلقەنت، مەستىكى، كوىدۇر، مائول ھەسەل

ئورۇنباسارى

باراۋەر مىقداردا تەمىرى ھىندى، گىلاس.

زۇكام جەۋھىرى، كاشكاپ دەملىمىسى، قارا ئۆرۈك مۇرابباسى

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، سەپرادىن بولغان قىزىتما، كۆپ ئۇسساش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=123

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#