سۇ ئاستى ئايروپىلانى

سۇ ئاستى ئايروپىلانى

ئالىملار توساتتىنلا سۇ ئاستىدىن چىقىپ كۆككە كۆتۈرۈلىدىغان ھەم كۆكتىن سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ دېڭىزغا كىرىدىغان بىر خىل ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايروپىلان سۇ ئاستى ئايروپىلانى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۇ ئاستى ئايروپىلانى
چەتئەلچە نامى Diving plane
خەنزۇچە نامى 潜水飞机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ ئاستى ئايروپىلانىئالىملار توساتتىنلا سۇ ئاستىدىن چىقىپ كۆككە كۆتۈرۈلىدىغان ھەم كۆكتىن سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ دېڭىزغا كىرىدىغان بىر خىل ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايروپىلان سۇ ئاستى ئايروپىلانى دەپ ئاتىلىدۇ.

سۇ ئاستى ئايروپىلانى سۇغا چۆككەندە، رېئاكتىپ ماتور بۆلۈمى ھىملانغان بولغاچقا، سۇ چىقىرىۋېتىلىشى بىلەنلا تېزدىن ھەرىكەتلىنىدۇ. سۇدا يۈرگەندە، ئاساسەن سۇدىكى ئىتتىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئۇچقۇچى ئايروپىلاننىڭ سۇدىن كۆتۈرۈلۈشى، سۇغا چۆكۈشى، بۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان سۇدا بىمالال ھەرىكەت قىلىدۇ. سۇدا خېيىمخەتەرگە ئۇچرىغاندا، ئايروپىلاندىكىلەر سۇدىن ئېتىلىپ چىقىپ ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ. 

سۇ ئاستى ئايروپىلانىسۇ ئاستى ئايروپىلانىنىڭ پرىنسىپى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سۇ ئاستى ئايروپىلانى سۇغا چۆكمەكچى بولغاندا، كلاپاننى ئاچىدۇ، ئايروپىلاننىڭ سۇ بۆلمىسىگە مۇئەييەن مىقداردا سۇ قاچىلىنىپ، ئېغىرلىقى لەيلىتىش كۈچىدىن ئاشقاندا، ئايروپىلان سۇغا چۆكىدۇ، سۇ ئۈستىگە كۆتۈرۈلمەكچى بولغاندا، ئايروپىلان سۇ بۆلمىسىدىكى سۇنى چىقىرىۋەتسىلا، ئېغىرلىق كۈچىدىن چوڭ بولغان لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ. 

سۇ ئاستى ئايروپىلانىغەۋۋاس ئايروپىلانى بىلەن يېڭى تىپتىكى بىرىكمە كاربون تالالاردىن ياسالغان بۇلۇپ، بۇ خىل ماتېرىيالدىن ياسالغان سۇ ئاستى ئايروپىلانى يېتەرلىك دەرىجىدە يېنىك ۋە  يېتەرلىك مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا سۇ ئاستىدىمۇ خۇددى ھاۋا يولىدىكى ئايروپىلان ئاسماندا ئۇچقانغا ئوخشاش ئاسماندا ئۇچىدۇ يەنە خۇددى سۇ ئاستى كېمىسىگە ئوخشاش دېڭىزدا قەرەلسىز يۈرەلەيدۇ. 

ئامېرىكا ئاللىقاچان بىرسى لايىھىلەپ چىققان بۇلۇپ  شەرتلىك بەلگىسى «دەرىجىدىن تاشقىرى بۈركۈت» قورال-جابدۇق، بىر جۈپ قىسقا قانىتى ئاستىغا  300 مېتىر كېلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئۇچۇش ئەسۋابى ئورناتقان رېئاكتىپ گېنېراتورنىڭ تېخىمۇ چوڭ قانىتى بولسا ئۇ 900 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن ئۇچىدۇ، سۇ ئىچىدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 18 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

سۇ ئاستى ئايروپىلانىسۇ ئاستى ئايروپىلانى، ئاساسەن، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇشتا، سۇ ئاستى ئايروپىلانى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ، دۈشمەننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنى ۋاقتىدا بايقايدۇ، ئىز قوغلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. سۇ ئاستى ئايروپىلانىنىڭ بوشلۇقتا ئۇچۇش، سۇ يۈزىدە ھەرىكەت قىلىش ۋە سۇ ئاستىدا يۈرۈشتەك ئۈچ چوڭ ماھارىتى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#