ئادەم كۈچى بايلىقى دېرىكتورى

ئادەم كۈچى بايلىقى دىرېكتورى

ئادەم كۈچى بايلىقى دىرېكتورى ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى. ئەسلى ئىسمى كادىرلار دېرىكتورى. 

ئۇيغۇرچە نامى ئادەم كۈچى بايلىقى دېرىكتورى
چەتئەلچە نامى human resource management
خەنزۇچە نامى 人力资源经理
قىسقارتىلغان نامى HRM

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆپ ساندىكى كارخانا باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالىي مەمۇرىي مەسئۇل ئورۇننى تەجرىبىسى مول بولغان تۆۋەن قاتلامدىكى دىرېكتور ۋە بانكا ھۆكۈمەت خادىملىرى ئورنىغا، كادىرلار دېرىكتورى باش دىرېكتورى بولۇپ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى خىزمەت ئورنى باش لىدىرى ياكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، باشقا ئاپپاراتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ تەرەققىياتتا يۇشۇرۇن كۈچى بار بولغان خىزمەت ئورنىغا بارسىمۇ بولىدۇ. 

ئۆز خىزمىتى 

ئادەم كۈچى بايلىقى ئىستراتېگىيىلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ. 

مەسئۇلىيىتى

1. شىركەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئاساسەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىستراتېگىيىلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ 

2. شىركەتنىڭ مۇھىم كادىرلار ئىشلىرى تەدبىرى ؛ 

3. قەرەللىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوي ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى توپلاش ۋە تەشكىللەش؛

4. قەرەللىك ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى، تەكلىپ بىرىش، تەربىيەلەش، باھالاش، ئىش ھەققى قاتارلىق جەھەتتىكى ئۇچۇر، شىركەتنىڭ چوڭ كادىرلار ئىشلىرى تەدبىرى ئۇچۇر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش.

5. ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مەسىلەن، ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتى، ھەمكارلىقنى ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئىتتىپاق قۇرۇش.  

تەشكىلىي باشقۇرۇش

شىركەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى باشقۇرۇش، خىزمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، بوش قالغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق خىزمەتچى سەپلەش، شىركەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىغا بىنائەن ئادەم كۈچىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.

كادىرلار ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش

خادىملارنى سىناق ئىشلىتىش، رەسمىيلىشىش، ئىشتىن بوشىتىلىش ۋە پىنسىيىگە چىقىش قاتارلىق بىر قاتار جەرياندىكى ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خادىملار ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش.

تەكلىپ قىلىشنى باشقۇرۇش

شىركەت ئېھتىياجلىق بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلاش، تەكلىپ ئېلانى چىقىرىش، تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ شەخسلەرنىڭ ئارخىپىنى رەتلەش، شەرتلەرگە ئاساسەن خادىم قوبۇل قىلىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە سىناق ئىشلەشكىچە بولغان جەريانلارغا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىش.

ئەمگەك توختامى

ئەمگەك توختامىنى ئىمزالاش، توختامدىكى ئۆزگىرىش، بىكار قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش، ئەمگەك ماجىراسى، ئىقتىسادىي ياردەم قاتارلىق ھالقىلارنى باشقۇرۇش. ئېھتىياجغا ئاساسەن سىناق ئىشلىتىش ۋاقتىنى بەلگىلەش، توختام ۋاقتى توشقاندا ئەسكەرتىش بېرىش.

تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش

  خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە ئاساسەن، خادىملارنى تەربىيىلەش پىلانىنى تۈزۈش، تەربىيىلەش مۇددىئاسى، دەرسلىك مەزمۇنى، ۋاقتى،ئورنىنى بېكىتىش. تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەربىيىلىنىش جەريانىدىكى بارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە مەسئۇل بولۇش.

يوقلىمىنى باشقۇرۇش

خادىملارنىڭ كېلىپ-كېتىشىنى باشقۇرۇش، ھېيت-بايراملىق دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىمىنا ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك كېلىپ-كېتىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىش ۋە يۇقىرىقى تۈرلەرگە ئاساسەن خىزمەتچى خادىملارغا مائاش تارقاتقاندا سانلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش.

خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى باھالاش

خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە قاراپ مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈمىنى مۆلچەرلەش شۇ ئارقىلىق خادىملارنى رىغبەتلەندۈرۈش ياكى مۇناسىپ ھالدا جازالاش، كادىرلارنىڭ قارار چىقىرىشى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماددىي ئاساسلارنى تەمىنلەش، ئوخشىمىغان خىزمەت ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى، كەسپىي ئىقتىدارى، قابىلىيىتى، خىزمەت نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئۆز خاسلىقى بويىچە ئادىللىق بىلەن باھالاش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىش.

پاراۋانلىق خىزمىتى

خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەر خىل پاراۋانلىق فوندلىرىنىڭ ئاجرىتىلىش ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىش، فوندنىڭ تۈرلىرىنى ، خىزمەتچىلەرنىڭ فوندتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرىنى بېكىتىش ،فوندقا مۇناسىۋەتلىك سىتاتىستىكىلىق تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش شۇنداقلا ئارخىپ-ماتېرىياللارنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش.

مائاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش

تۈردىكى كارخانىلار، مەمۇرىي، كەسپىي، تەتقىقات ئورگانلىرىغا ئورتاق ماس كېلىدىغان مائاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، كېلىپ-كېتىش، خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن مائاشنى ھېسابلاش، تارقىتىش ۋە سىتاتىستىكىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/258670.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#