رافائېللو سانسىزو

رافائېللو سانسىزو

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق رەسساملارنىڭ بىرى بولغان، رەسىم ئەۋلىياسى دەپ نام ئالغان رافائېللو 1483-يىلى ئىتالىيىنىڭ شەرقىدىكى ئوربىننو شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى مەشھۇر رەسسام.

ئۇيغۇرچە ئىسمى رافائېللو سانسىزو
يۇرتى ئوربىننو شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1520-يىلى
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1483-يىلى
كەسپى رەسسام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق رەسساملارنىڭ بىرى بولغان، رەسىم ئەۋلىياسى دەپ نام ئالغان رافائېللو 1483-يىلى، ئىتالىيىنىڭ شەرقىدىكى ئوربىننو شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى مەشھۇر رەسسام. رافائېللو كىچىگىدىن باشلاپلا داڭلىق ئۇستازدىن رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجە ياراتقان. ‬21 ياشقا كىرگەندە فلورىنسىيەگە كەلگەن ۋە ئۇ يەردە سەنئەتىنىڭ پىرى ئاتالغان داۋىنچى ۋە مېكىلانجىلولارنىڭ ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەنئەتتە سەكرەش ھاسىل قىلغان. ‬1508-يىلى، ئۇ پاپانىڭ تەكلىۋى بويىچە ۋاكىتان سارىيىغا بىر يۈرۈش تام رەسىم سىزىشنى باشلغان ۋە ئۇنى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تاماملغان. ۋاتىكان سارىيى ئىمزاخانىسىنىڭ تۆت تېمىدا ساقلىنىۋاتقان تۆت پارچە تام رەسمىنى بۇنىڭدىن تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئۆتكەن ئاشۇ رافائېللو ئۆز قولى بىلەن سىزغان. ئۇ چاغدا، پاپا «ئىلاھىيەت»، «پەلسەپە»، «ئەدەبىيات-سەنئەت»، «قانۇن» ھەققىدە تۆت پارچە كىنايە رەسىم سىزىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، رافائېللو ئۆتمۈشتىكى دىنىي تېمىلارنى سىزىشتىن ئىبارەت قاتمال كۆرۈنۈشلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، قەدىمقى يۇنان ئەدەبىيات-سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولىنى تۇتقان. 

رافائېللو يەنە مەشھۇر بىناكارلىق ئالىمى ئىدى. ئۇ پاپانىڭ تەكلىۋى بويىچە تام رەسىملىرىنى سىزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىكىلانجىلو بىلەن بىرلىكتە رىم ۋاتىكانىدىكى سان پېتىر چېركاۋىنى لايىھەلەشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ چېركاۋ قۇرۇلىشىنىڭ ئومۇمىي لاھىيەسىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى ھەمدە ئىزچىل تۈردە رىمدا تۇرۇپ، غايەت كاتتا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا مەسئۇل بولدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك زېھنىنى تەقدىم قىلىپ، ئەڭ نادىر ئەسەر بولغان«ئافىنادىكى مەكتەپ» نى ياراتقان. ئەپسۇسكى، ئۇ 1520-يىلى، يەنە 37 يېشىدا ۋاقىتسىز ۋاپات بولۇپ، سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ پۈتكەن ھالىتىنى كۆرەلمىگەن. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتلىق سەنئەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىنىڭ «رەسىم ئەۋلىياسى» دىگەن تاجىنى كىيگەن. 

گېرمانىيەنىڭ دۇلۇت شەھىرىدىكى سەنئەت مۇزىيخانىسدا رافائېللو سىزغان «سىتىن ئانا» ناملىق يەنە بىر مەشھۇر بىر رەسىم ساقلاقلىق. بۇ رەسىم تۆت ئەسىرنى ئاتلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىنتايىن جانلىق ئوبراز ۋە كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەزمۇن تاكى ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىگىنى قايىل قىلماقتا. «سىتىن ئانا» 1513-يىلى، رافائېللو ئىتالىيىنىڭ پياچېنىستا دەرۋىشخانىسىغا سىزىپ بەرگەن دىنىي رەسىم بولۇپ، ئۇ «ئىنجىل» ھېكايىلىرىگە ئاساسەن سىزىلغان. رەسىمنىڭ ئوتتۇرسىغا بوۋاقنى قۇچاقلىغان ئەۋلىيا ئانا مارىيە چۈشۈرۈلگەن. ئۇ مېھرىبان، خاتىرجەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك كۆزلىرى قۇچۇغىدىكى ئامراق ئوغلى-ئەيساغا تىكىلىپ تۇرىدۇ. بوۋاق ئەيسا تېتىك، ساغلام بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بارلىق كىشىلەرگە قاراۋاتقاندەك ئېچىلغان ساددا كۆزلىرى كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدۇ. بۇ رەسىمدە، ئەۋلىيا ئانا مارىيانىڭ دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئامراق ئوغلىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلىشتىن باش تارتماي، ئۇنى بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۈچۈن رىيازەت چېكىشكە، ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق مىڭلىغان-مىليونلىغان جاپاكەش پۇقرالارنى قۇتقۇزۇشقا بەلگىلىگەنلىگى تەسۋىرلەنگەن. رافائېللونىڭ قەلىمىدە ئەۋلىيا ئانا قول يەتمەيدىغان «ئىلاھ» ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسى ئىشقى-مۇھەببەت بىلەن تولغان «ئادەم» گە، مېھرى-شەپقەتلىك ئانىغا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي غايىگە يەتكۈچى روماللىق قەھرىمانغا ئايلانغان. ئاپتور دىنىي ھىېكايىلەرنى تېما قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئالىي پەزىلىتىنى سۈرەتلەپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. 

مەسىلەن، «پەلسەپە» دىگەن رەسىمدىن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا غايەت كاتتا بىر ئىمارەت، يېقىندىن يىراققا قاراپ بارغانسىرى ئىچكىرلەپ كىتىۋاتقان بىر يۈرۈش ئەگمە ئىشىكلەر، بىنا ئالدىدا كېتىۋاتقان پىلاتون ۋە ئارىستوتىلدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ئۇلۇغ پەيلاسوپ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋاتقان سوقرات، ئارخېمىد قاتارلىق قەدىمقى يۇناننىڭ بىر مۇنچە پەيلاسوپ ئالىملىرى گەۋدىلىنىپ، قەدىمقى يۇنان مەدىنىيەت ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەملەر بارلىقىغا، شاگىرتلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا سىموۋۇل بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، «ئىلاھىيەت» دىگەن رەسىمدە، رەھىمسىزلىك بىلەن سۈر كۆرسىتىپ تۇرغان بىر توپ مۆتىۋەرلەر ئەمەس، بەلكى جانلىق، تېتىك ئالىملارنىڭ ئوبرازى سۈرەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىشىلەر ئەقىللىق، پاراسەتكە باي، مەسىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئالىملارنى كۆرىۋالالايدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان يېرى شۇكى ، تەسۋىردە گەرچە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى مەشھۇر دىن تارقاتقۇچىلىرى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خۇددى يۇناندىكىگە ئوخشاش «مۇنازىرە يىغىنى» ھاسىل قىلىپ، قەدىمقى يۇناندىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ مۇنازىرە ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#