چوڭ چىلان
چوڭ چىلان بولسا سوقا چىلاننىڭ مېۋىسى بۇلۇپ كۆكرەكنى تازىلاش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىگەر، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى پىشۇرۇش ھەم سۈرۈش، كۆكرەكنى تازىلاش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار.
ئاقسىل، %0.4 ئوكلېۋودلۇق ماددىلار، %0.061 كالتسىي، %0.055 فوسفور،%0.0016 تۆمۈر، %0.00001 ۋىتامىن A، 0.00015% ۋىتامىن B1، 0.012% ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار.
1. ھۆل چىلاننى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، ئۆپكىنىڭ، گالنىڭ يىرىكلىكىگە، ھاسىراش، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشقا شىپا بولىدۇ.
2. چوڭ چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچسە، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
3. چوڭ چىلاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كاسىنە ئەرىقى ۋە سىركەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
مەتبۇخ ئۇنناب، شەربىتى ئەفناپ، چىلان مۇرابباسى.
تال ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش، سېرىقلىق چۈشۈش، ھەزىم يوللىرىدىكى راك، ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى، ئۆپكە ۋە گالنىڭ يىرىكلىكى، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى،[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.