ناتۇغما خاراكتېرلىك جىنسىي يول پۈتەيلىك كېسلى

ناتۇغما (ئىككىلەمچى) خاراكتېرلىك جىنسىي يول پۈتەيلىكى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي يول دىۋارى چاپلىشىپ قېلىپ، ھەيز قېنى يىغىلىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك جىنسىي يول پۈتەيلىكى پۈتەي بولۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن تولۇق پۈتەيلىك (جىنسىي يول يوق بولغان) ۋە قىسمەن پۈتەيلىك (مەلۇم بۆلىكى چاپلىشىپ قالغان پۈتەيلىك) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ناتۇغما (ئىككىلەمچى) خاراكتېرلىك جىنسىي يول پۈتەيلىكى
تونۇش نامى hou tian xing (ji fa xing) yin dao bi suo
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
خەنزۇچە نامى 后天性) 继发性) 阴道闭锁
كېسەللىك ئورنى جىنسىي يول
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. بالىلىق دەۋرىدىكى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەلگە جىنسىي يولنىڭ ياللۇغلىنىشى قوشۇلۇپ كېلىش تۈپەيلىدىن جىنسىي يول دىۋارى چاپلىشىپ قالىدۇ. 2. قىيىن تۇغۇت جەريانىدا جىنسىي يول زەخىملىنىپ ئېغىر يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كېلىشتىن بولىدۇ. 3. جىنسىي يول ئىچىگە كۈچلۈك چىرىتكۈچى دورىلارنى خاتا ئىشلىتىش (دورىلىق سۇدا ئابىزەن قىلىش قاتارلىقلار) سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئۆزگىرىشتە جىنسىي يول دىۋارى نىكروزلىنىپ تۆكۈلۈپ چۈشۈپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا ئۇزۇن مۇددەت بېسىلىپ، ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمالسىز ئۆسۈشى، تاتۇقتىن جىنسىي يول دىۋارى تۇتىشىپ قېلىش نەتىجىسىدە جىنسىي يول پۈتەيلىكى كېلىپ چىقىدۇ.

ناتۇغما (ئىككىلەمچى) خاراكتېرلىك جىنسىي يول پۈتەيلىكىبالىلىق دەۋرىدىكى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە جىنسىي يول ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىرىدا، ياشلىق دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ھەيز كەلمەسلىك، ھەيز قېنى يىغىلىپ قېلىش، جىنسىي ئەزالارنى تەكشۈرگەندە جىنسىي يول ئورنىدا پەقەت تېيىز ئويمان بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى بىرقەدەر كېچىكىپ كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا تۇغما جىنسىي يول بولماسلىقتىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. كېيىنكى ئىككى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا كېسەل ساقايغاندىن كېيىن ھەيز كەلمەسلىك (ھەيز يىغىلىپ قېلىش) ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە توسالغۇ پەيدا قىلىش، كېيىنكى تۇغۇتىدا قىيىن تۇغۇت بولۇش ئالامەتلىرى بولىدۇ.

كېسەللىك تارىخى ۋە ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بالىلىق دەۋرىدە ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە جىنسىي يول ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولۇش ياكى قىيىن تۇغۇت تارىخى بولۇپ، ھەيز كەلمەسلىك، جىنسىي يول ئورنىدا تېيىز ئويمانلار بولۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتكە توسالغۇ پەيدا بولۇش، كېيىنكى تۇغۇتىدا قىيىن تۇغۇت بولۇش ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ناتۇغما (ئىككىلەمچى) خاراكتېرلىك جىنسىي يول پۈتەيلىكىئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

جىنسىي يول تاتۇقتىن پۈتەي بولۇپ قالغان ياكى چاپلىشىپ قالغان ئەھۋالدا جىنسىي يولنى ياساش ياكى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىنكى ئارام ئېلىش ۋە كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، ئېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1277

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#