ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچى تەرتىپى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۇنيادىكى ھەربىي كۈچ سىلىشتۇرمىسىنىڭ رەت تەرتىپى مۇنداق 1.گىرمانىيە 2.ئامىرىكا 3.سۇۋىت ئىتىپاقى 4.ئەنگىلىيە 5.ياپۇنىيە 6.جۇڭگۇ 7.ئىتالىيە ئىدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

7. ئىتالىيە 

ئىتالىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قولغا چىققۇدەك بېرەر ئۇرۇش غەلىبىسىنى يوق، ھېلىمۇ بىر قۇدرەتلىك ئىتتىپاقدىشى (گېرمانىيە) بولۇپ قالغاچقا، كۆپ قېتىم گېرمانىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئىتالىيە تېرىغان چاتاقلارنى گېرمانىيە يىغىشتۇرۇپ ماڭغان. 1943-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، قىلچىمۇ جەڭگىۋارلىقى بولمىغان ئىتالىيە ئارمىيەسى قولىدا ئىلغار قورال-جابدۇقلىرى بار بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان.

6:جۇڭگو 

2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، جۇڭگو چىگرانى تاقاپ بېكىنمىچىلىك ھالىتىدە تۇرغان،  ئىچكى ئۇرۇش ئۈزۈكسىز ئەۋج ئالغان ئىدى. قارا نىيەتلىك ياپون قوشۇنلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جوڭگونىڭ قورال-ياراغ، ئەسكەرلەر ساپاسى ياپونىيەنىڭ كەينىدە تۇراتتى، بىر ياپونىيە ئەسكىرىنى يۇقىتىش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا نەچچە ھەسسە بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا تىز پۈكمەس ئىرادىمىز بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى ئۇرۇشتا يەڭدۇق.

5: ياپونىيە 

ياپونىيە ئارمىيەسى راستىنلا بەك كۈچلۈكمۇ؟ بىر بايلىقى كەمچىل بولغان ئارال دۆلىتى شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، ھەقىقەتەن يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بىراق ئەينى چاغدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇستەملىكە زىمىنى ئىدى.  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ئارمىيەسى تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بېكىنمىچىلىك ھالىتىدە تۇرغان، ئىچكى ئۇرۇش ئۈزۈكسىز ئەۋج ئالغان، ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسى قالايمىقان، قۇللۇق جەمئىيەتتىكى دۆلەتلەر (2000 يىللىق فېئودال ھۆكۈمرانلىق ئاللىقاچان پۇقرالارنى قۇللاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارغان ئىدى)ئىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ئىچىدە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسى يوق دېيەرلىك بولۇپ، ھەربىي سانائەت سەۋىيەسىنى نۆل دېسەكمۇ بولاتتى. ياپونىيە ئارمىيەسى راستىنلا بەك كۈچلۈكمۇ؟ تىنچ ئوكيان ئۇرۇش مەيدانىدا، ياپونىيە ئارمىيەسى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ۋېيتنام جەڭ مەيدانىدا ياپونىيە ئارمىيەسى زور تالاپەتكە ئۇچرىغان. ئەمما بىر نۇقتا، يەنى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىق ئىرادىسى بەك قورقۇنۇشلۇق.

4: ئەنگلىيە 

ئەنگلىيە غەربتىكى كونا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ھارپىسىدا، فرانسىيە بالدۇرلا ھالاك بولغان، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەنگلىيە قۇدرەتلىك يالغۇز كۈچى ئارقىلىق گېرمانىيە بىلەن قارشىلىشالىغان. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ئەنگلىيە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ زور مىقداردىكى جەڭگىۋار قوشۇنىنى يوقىتىپ، بارلىق دېڭىز يولىنى قامال قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيەسى ھەربىي سانائىتى ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى ماددىي ئەشيا ترانسپورتىنى زور توسالغۇغا ئۇچراتقان. بىرىتانىيە ھاۋا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، گېتلىر ئامالسىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش قوزغىغان.

3: سوۋېت ئىتتىپاقى 

سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھەربىي قورال-جابدۇقلىرى قالاق، ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ ساپاسى ئىنتايىن ناچار، ئالىي ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان ئوفىتسېرلار ھەتتا %10 يەتمەيتتى. سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكەر زىيان تارتقان، 2 مىليوندىن كۆپرەك ئەسكەر ئەسىرگە چۈشكەن. ستالىنگراد ئۇرۇشىغا بارغاندا، سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولۇش يۈزلىنىشىدە بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن. ئارقىدىن سوۋېت ئارمىيەسى ئازراق تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، قورال-جابدۇقلارنى ياخشىلاپ، ھەربىي قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن شەرقىي شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولغان كانتون ئارمىيىسىنى مەغلۇب قىلالىدى.

2: ئامېرىكا 

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوراللىرى ئىلغار، كۆپ ساندىكى زاۋۇتلىرى ھەربىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مالىيە كۈچى تولۇق، ئاۋىئاماتكىنى خۇددى پۇل كەتمەيدىغاندەك غالجىرلارچە ئىشلەپچىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىپ، 5 مىليوندىن ئارتۇق دۈشمەن قوشۇنىنى يوقاتقان، لېكىن جەڭگىۋار ئىرادە جەھەتتە گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى پەرق بار ئىدى

1: گېرمانىيە 

گېرمانىيىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قىسقىغىنە نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تېزدىن قەد كۆتۈرۈپ، ئىلغار قورال-ياراغلار ۋە ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى، جەڭگىۋار قوشۇنغا ئىگە بولدى. گېرمانىيەنىڭ ھەربىي سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1939-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، غەرب خوجىسى بولغان فىرانسىيەنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ يول بويى قىستاپ موسكۋاغىچە بارغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىشغال قىلغىلى ئازلا قالغان. ئاخىرىدا ھاۋا رايى ئامىلى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

نۇر تۇرىدىن پايدىلىنىلغان

http://www.nur.cn/news/2017/02/360731.shtmlttp:// دىن باشلانسۇن

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (12 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    91.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    8.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#