ساھىپجامال ۋە غەلىتە مەخلۇق

«ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» بىر گۈزەل قىز بىلەن غەلىتە مەخلۇق توغرىسىدىكى ھېكايە بولۇپ، فرانسىيەلىك يازغۇچى بېئامونت خانىم ئېلان قىلغان. 1991-يىلى دىسنىي بۇ چۆچىكىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەن  پۈتۈن  دۇنياغا تارقالغان. چۆچەكتە بىر قىز دادىسىنى ئىزلەپ پىرخوننىڭ ئەپسۇنى بىلەن غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغان شاھزادىنىڭ ئوردىسىغا كېلىدۇ. گەرچە غەلىتە مەخلۇقنىڭ تەققى-تۇرقى بەتبەشىرە بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ئاقكۆڭۈل. غەلىتە مەخلۇق چىن سۆيگۈگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق
باش رولچى ئېمما ۋوتسون
خەنزۇچە ئاتىلىشى 美女与野兽
باشقا نامى Beauty and the Beast

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر باينىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ، باي سودا تۈپەيلىدىن دېڭىزغا چىقىپ كېتىپ، قايتىپكەلمەيدۇ. كىچىك قىزى بىللا دادىسىنى ئىزلەپ پىرخوننىڭ ئەپسۇنى بىلەن غەلىتە مەخلۇققائايلىنىپ قالغان شاھزادىنىڭ ئوردىسىغا كېلىدۇ. گەرچە غەلىتە مەخلۇقنىڭ تەققى-تۇرقى بەتبەشىرە بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا زىيان سالمايدۇ. شۇڭا غەلىتەمەخلۇق چىن سۆيگۈگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.

بۇ چۆچەك 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا  ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ  رەسىملىك ھالدا نەشىر قىلىنغان.  تەرجىمە قىلىنغاندا خەنزۇچە نامى {美女与野兽{ غا ئاساسەن ئەمەس بەلكى مەزمۇنىغا قاراپ تەرجىمە قىلىنغان. ھازىر بىر قىسىم تەرجىمانلار «پەرىزات بىلەن يالماۋۇز» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ، گەرچە تەققى-تۇرقى بەتبەشىرە بولسىمۇ باشقىلارغا زىيان سالىدىغان يالماۋۇز ئەمەس،  بەلكى ئاقكۆڭۈل مەخلۇق، پەقەت مەنمەنچىلىك تۈپەيلىدىن پىرخوننىڭ ئەپسۇنى بىلەن يا ئادەم ئەمەس، يا ھايۋان ئەمەس بىر مەخلۇققا ئۆزگىپ قالغان. شۇڭا ئەسلى تەرجىمە «ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» تېخىمۇ مۇۋاپىق. 

ئاپتورى

مۇئەللىپ بېئامونت خانىم فرانسىيەلىك يازغۇچى، تويدىن كېيىن ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ بارغان.دەسلەپتەئەنگىلىيەدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن ئەل ئارىسىدىكى چۆچەك،رىۋايەت-ئەپسانىلەرنى توپلاپ ئېلان قىلغان. «ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» دەلبالىلار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. فرانسىيەدە بېئامونت خانىم بالىلار ژۇرنىلىنىتۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان شەخس ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئېلان قىلغان چۆچەكلەر غايەت زورتەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە.

ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق«ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» كارتون فىلىمىنى ئامېرىكا دىسنىي شىركىتى 1991-يىلى ئىشلىگەن. بۇنىڭغا نۇرغۇن داڭلىق ئارتىسلار ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان. 1991-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كولومبىيەدە تۇنجى قېتىم قويۇلغان. بۇبىلەن بېئامونت خانىم ئېلان قىلغان «ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» چۆچىكىئاساسىدا ئىشلەنگەن. 1992-يىلى «ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكا» ئالتۇن شار مۇكاپاتىغائېرىشكەن. يەنە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادى مۇزىكا مۇكاپاتى» ئوسكار مۇكاپاتىغائېرىشكەن.

بۇ كارتون فىلىم 84 مىنۇت بولۇپ، 2.5 مىليون دوللارمەبلەغ سېلىنغان، قويۇلغاندىن كېيىن 425 مىليون دوللار كىرىم قىلغان.

ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق«ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» نۇرغۇن قېتىم كىنوغا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. 1946-يىلى فرانسىيە بىر قېتىمكىنوغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن. بىراق ئەڭ تونۇلغىنى 1991-يىلى دىسنىي ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن كارتون فىلىم.

2013-يىلى فرانسىيە «ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق»نى يەنە بىر قېتىم كىنوغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن، بۇ كىنودا شاھزادىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مەنمەنچى شاھزادىدىن نىكاھلانغان پادىشاھقا ئۆزگەرگەن. ئوۋئوۋلاش جەريانىدا بۇغىغا ئايلىنىۋالغان پەرى ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، قىيىنئانىسى پەرى خانىش ئەپسۇن ئوقۇپ غەلىتە مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇفىلىم شۇ يىلى فرانسىيەدىكى بېلەت كىرىمىدە بىرىنچى بولغان.

دىسنىي شىركىتى كلاسسىك كارتونفىلىم «كۈل قىز»نى ئۆزگەرتىپ ھەقىقىي ئادەم رول ئېلىپ ئىشلىگەن فىلىمى ياخشىباھاغا ئېرىشكەندىن كېيىن «ساھىپجامال بىلەن غەلىتە مەخلۇق» نى ھەقىقىي ئادەم رولئېلىپ ئىشلەشنى قارار قىلدى. بۇ فىلىم 2017-يىلى قويۇلىدۇ. بۇ فىلىمدە  ئېمما ۋوتسون باش پىرسوناژ بىللانىڭ رولىن ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دەن سىتىۋېن، لۇك ئىۋانس، ئەيما تومسون قاتارلىق داڭلىق ئارتىسلار رول ئېلىشقا قاتنىشىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىقات فلىم  ىئېلان قىلىنندىن كېيىن، بىر كۈندىلا 120 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چېكىلىپ رېكورتياراتتى.

بۇ فىلىم 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#