ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى

<< مۇزىكا  >> گىرىكچە  سۆز بولۇپ، مۇزىكا ئىلمىغا قۇيۇلغان مەخسۇس ئىسىمدۇر .

مۇزىكا -دۇنياۋىي ئورتاق تىل بولۇپ،ئۇ ئاۋاز سەنئىتىدۇر ؛ ئۇندىن باشقا ۋاقىت خارەكتېرلىك سەنئەت بولۇپ ھەر خىل يېقىملىق 

ۋە قانۇنىيەتلىك ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلوپ بىلەن شەكىلىنىشى ( ئاھاڭلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ،ئۇزۇن قىسقىلىقى ۋە كۈچلۈك كۈچسىزلىگىدىن

ئىبارەت خىلمۇ خىل شەكىلەرنىڭ مۇئاپىق بىرىكتۈرلىشى ) ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەكى 

ئەتتۈردىغان بىر خىل سەنئەت تۈرىدۇر .

ئۇيغۇرچە ئىسمى مۇزىكا
باشقا نامى Music
خەنزۇچە ئىسمى 音乐

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇزىكا<< مۇزىكا  >> گىرىكچە  سۆز بولۇپ، مۇزىكا ئىلمىغا قۇيۇلغان مەخسۇس ئىسىمدۇر .

بۇ ھەقتە مۇنداق بىر رىۋايەت بار : قەدىمقى يۇناندا تەڭرىنىڭ سنئەت ئىشلىرىنى باشقۇردىغان توققۇز ئايال وە پەرىشتەسى ئۆتكەن ئىكەن،

ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مەخسۇس بىر خىل سانئەت تۈرىگە مەسئۇل قىلىنىپ، توققۇز خىل ياسىنىپ يۈرىشىدىكەن . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 

مۇزىكا ئىلمىغا مەسئۇل بولغان پەرىشتەنى ئىسمى << مۇزىك >> ( music ) ئىكەن ، شۇنۇڭدىن بۇيان بۇ پەرىشتەنىڭ نامى 

مۇشۇ پەننىڭ نامى بولۇپ قالغانىكەن . 

ھازىر ياۋرۇپادىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا بويۇچە مۇشۇ ئاتالغۇ ئورتاق قولۇنۇلماقتا .تارىختا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ( ئەرەپ، تۈرۈك. ۋە ئۇيغۇرلاردا )

بۇ ئاتالغۇ << مۇسىق >> دەپ قولانغان بۇنىڭدىن 150 يىل بۇرۇن خوتەندە ياشىغان ئاتاغلىق تارىخشۇناس موللا ئىسمەتۇللا نىمىتۇللا مۆجىزى

ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى << مۇزىكىچىلار تارىخى >> نى << تەۋارىخى مۇسقىيۇن << دەپ ئاتىغان . روسلارمۇ بۇ ئاتالغۇنى music دەپ

قولۇنىدۇ << مۇزىكا  >> دىگەن بۇ ئاتالغۇ  ئۇيغۇر تىلىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىرىپ ئۆزلەشتۈرگەن .

مۇزىكا -دۇنياۋىي ئورتاق تىل بولۇپ،ئۇ ئاۋاز سەنئىتىدۇر ؛ ئۇندىن باشقا ۋاقىت خارەكتېرلىك سەنئەت بولۇپ ھەر خىل يېقىملىق 

ۋە قانۇنىيەتلىك ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلوپ بىلەن شەكىلىنىشى ( ئاھاڭلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ،ئۇزۇن قىسقىلىقى ۋە كۈچلۈك كۈچسىزلىگىدىن

ئىبارەت خىلمۇ خىل شەكىلەرنىڭ مۇئاپىق بىرىكتۈرلىشى ) ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەكى 

ئەتتۈردىغان بىر خىل سەنئەت تۈرىدۇر .

بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولۇپ ، يالغۇز تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان يېقىملىق -قورقۇنچلۇق ،مۇلايىملىق- غەزەپلىك،

جىمجىتلىق ۋە تەنتەنىلىك تۈس ئالغان خىلمۇ خىل ھېسسىياتلارنى بىۋاستە ئىپادىلەپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ،

مۇزىكنىڭ يېزىقى بولغان نوتىمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئورتاق قوللۇنۇلدۇ .مۇزىكىنى دۇنياۋىي ئورتاق تىل دەپ 

ئاتىشىمىزدىكى سەۋەپ مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت .[0]

ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى ئۇسسۇل سەنىتى بىلەن قوشماق ياكى بىر گەۋدە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ ھالدا بىر-بىرىنى ئۆز ئارا شەرت قىلىشقان. ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ شوخ، تېتىك، مەردانە، غەيۇر، شادىيانە-خۇشپىچىم، قەيسەر مىجەز-خۇلقىنى نەپىس، نازۇك، ئەۋرىشىملىك ھەرىكەت تىلى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى بەدىئىيلىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىقى، رېتىمنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋەزىنىنىڭ ئېنىق-ئۆلچەملىكلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە جان كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر مۇزىكا تىلىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ چالغۇلىرىنىڭمۇ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇرەككەپلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ خورىماس مەنبەسى بولغان ئون ئىككى مۇقام ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن مۇزىكا دەستۇرى بولۇپ، مەيلى ئەنئەنىۋى نەغمىلەر ياكى ھازىرقى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەدىئىي مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى بولسۇن ھەممىسى ئون ئىككى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، قەشقەر، يەكەن، كۇچا، كورلا، قۇمۇل، ئىلى سەنەم-مەشرەپلىرى قاتارلىقلاردا ئېيتىلىدىغان ناخشا، ئوينىلىدىغان ئۇسسۇللارنىڭ مۇزىكىسى ۋە «غېرىب-سەنەم» ، «تاھىر-زۆھرا» قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىسىنى، «تاشۋاي» ، «شادىيانە» ، «نىم پەدە» ، «سوۋار» ، «سېپىل ناخشىسى» ، «جۇنۇن» ، «زېمىن» ، «ئالمىخان» ، «لىۋەن يارلا» ، «ئانارگۈل بالا» ، «ھەيرانەي» ، «ئىلاخۇن كۆك كۆز» ، «سادىر پالۋان» ، «ھەي دادەي» ، «بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار» ، «شەرىخۇمارى» ، «ئۆستەڭ ناخشىسى» قاتارلىق مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇللارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭىنىڭ دائىرىسى ۋە تەسىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىق ناخشا-ئۇسۇللىرىنىڭ تىپىك نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، ئۇزۇن دەۋرلەردىن بۇيان خەلقىمىز بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە.

مۇزىكاكۈندە يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا يۈرەك ساغلام بولىدۇ. مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مىجەز-خۇلقنى تەڭشەشتىن سىرت، يەنە خولىستىرولنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنى ياخشىلاپ، ساغلاملاشتۇرۇش رولىمۇ بار. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا ئاساسلانغاندا، پات-پات ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئاڭلايدىغانلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ ئەزەلدىن مۇزىكا ئاڭلىمايدىغانلارغا قارىغاندا %26يۇقىرى بولىدىكەن. قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،《بۇزۇلغان خولىستىرول》نىڭ قان تومۇردا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىدىكەن. تەتقىقاتتا يەنە، 18-ئەسىرنىڭ سىمفونىيىسىنى ئاڭلىغاندا چوڭ مىڭىنىڭ دىققىتىنى ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما ئېغىر مېتاللىق چالغۇلاردا چېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى بايقالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەركۈنى خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن.

ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت بولغىنىدەك، ئۇيغۇر مۇزىكىسىمۇ شۇنداق مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەس، مۇنداق مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەر جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ(ئاساسەن ئىلى رايونى) ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكا-ناخشىلىرىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر جەنۇبىي شىنجاڭ مۇزىكا ئاھاڭىدا مۇرەككەپ ئەگىتمە كۈي-ئاۋازلارنىڭ ئازلىقى، شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكا-ناخشا كۈي-ئاۋازىنىڭ ئاددىيلىقى(كورلا، تۇرپان، قۇمۇل سەنەملىرىنىڭ كۈي-ئاۋازلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش) ، ئىلى مۇزىكا-ناخشىلىرىنىڭ ئەگىتمە، سىيرىلما، بۆلۈنمە ئاۋازلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ئون ئىككى مۇقام كۈي-ئاۋازلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەنىلا ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئورتاق سىستېمىسىغا مەنسۇپ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#