توكلۇق بېلىق ۋە ۋولت باتارېيىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەبىئەت دۇنياسىدا توك ھاسىل قىلالايدىغان جانلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پەقەت بېلىقلاردىنلا 500 نەچچە تۈرى بار، كىشىلەر توك چىقىرالايدىغان بۇ بېلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «توكلۇق بېلىق» دەپ ئاتايدۇ.

ھەر خىل بېلىقلارنىڭ توك چىقىرىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. توك چىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈكلىرى توكلۇق سىكاتى بېلىقى، توكلۇق ئامۇرسوم بېلىقى ۋە توكلۇق يىلانبېلىقلاردۇر. ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى بىر توكلۇق سىكاتى بېلىقى 70 ۋولت ئەتراپىدا توك بېسىمى ھاسىل قىلالايدۇ؛ ئافرىقا توكلۇق سىكاتى بېلىقىنىڭ ھاسىل قىلىدىغان توك بېسىمى 220 ۋولتقا يېتىدۇ؛ ئافرىقا توكلۇق ئامۇرسوم بېلىقى 350 ۋولت توك بېسىمى ھاسىل قىلالايدۇ؛ توكلۇق يىلانبېلىق 500 ۋولت توك بېسىمى ھاسىل قىلالايدۇ؛ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بىر خىل توكلۇق يىلانبېلىق 880 ۋولت ئەتراپىدا توك بېسىمى ھاسىل قىلىپ، ئات چوڭلۇقىدىكى ھايۋانلارنى توك بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرەلەيدىغان بولغاچقا، ئۇنى توك سوقۇش چېمپىيونى دېيىشكە بولىدۇ. 

توكلۇق بېلىقلارنىڭ توك چىقىرالىشىدىكى سىر زادى نەدە؟ توكلۇق بېلىقلارنى ئاناتومىيىلىك تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تېنىدە بىر خىل ئالاھىدە توك چىقىرىش ئەزاسىنىڭ بارلىقى بايقالدى. بۇ توك چىقىرىش ئەزاسى ئېلېكتر تاختىچىسى ياكى ئېلېكتر تەخسىچىسى دەپ ئاتىلىدىغان نۇرغۇن يېرىم سۈزۈك تەخسىسىمان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. توكلۇق بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، توك چىقىرىش ئەزاسىنىڭ شەكلى، ئورنى ۋە ئېلېكتر تاختىچىلىرىنىڭ سانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. توكلۇق يىلانبېلىقنىڭ توك چىقىرىش ئەزاسى پرىزمىسىمان بولۇپ، قۇيرۇق ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى مۇسكۇللىرى ئىچىگە جايلاشقان؛ توكلۇق سىكاتى بېلىقىنىڭ توك چىقىرىش ئەزاسى ياپىلاق بۆرەكسىمان بولۇپ، بەدەن ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان، ئۇنىڭدا تەخمىنەن2 مىليون پارچە ئېلېكتر تاختىچىسى بولىدۇ؛ توكلۇق ئامۇرسوم بېلىقىنىڭ توك چىقىرىش ئەزاسىنىڭ مەنبەسى مەلۇم خىل بەز تەنچىسىدە بولۇپ، ئۇ تېرىسى بىلەن مۇسكۇللىرىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئۇنىڭدا تەخمىنەن5 مىليون پارچە ئېلېكتر تاختىچىسى بولىدۇ. يالغۇز بىر تال ئېلېكتر تاختىچىسىنىڭ ھاسىل قىلىدىغان توك بېسىمى ناھايىتى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئېلېكتر تاختىچىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ھاسىل قىلىدىغان توك بېسىمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. 

توكلۇق بېلىقلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ماھارىتى كىشىلەرنى بەكمۇ قىزىقتۇرماقتا. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيە فىزىكا ئالىمى ۋولت توكلۇق بېلىقلارنىڭ توك چىقىرىش ئەزاسىنى ئۆرنەك قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى(ئىپتىدائىي) ۋولتا باتارېيىسىنى لايىھىلەپ چىققان. بۇ خىل باتارېيە توكلۇق بېلىقلارنىڭ تەبىئىي توك چىقىرىش ئەزاسى بويىچە لايىھىلەنگەن بولغاچقا، «سۈنئىي ئېلېكترىك ئەزا» دەپ ئاتالغان.

توكلۇق بېلىق ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كىشىلەرنى يەنە مۇنداق بىر ئىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا: ئەگەر توكلۇق بېلىقلارنىڭ توك چىقىرىش ئەزاسىغا تەقلىد قىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىسا، ئۇنداقتا پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىقلارنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسى ناھايىتى ئوبدان ھەل بولغان بولاتتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#