چىلاپا

چىلاپا بولسا خەينەنداۋ ئۆلكىلىرىدىن چىقىدىغان «七瓜龙» لاتىنچە (Ipomoea digitata) چىلاپا ئۆسۈملۈكى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش رولىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى چىلاپا
ئەرەبچە نامى جلافا
ئىنگلىزچە jalapa
شەكلى شار شەكىللىك ياكى تۇخۇمسىمان بولىدۇ
خەنزۇچە نامى 药喇叭根
پارسچە نامى جەلەب
تونۇش تۈگۈنەك يىلىتىز
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىلاپا بولسا  يۆگەيلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يۆگىمەي غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، تۈگۈنەك يىلىتىز دىيىلىدۇ.كىچىكلىرى ياڭاقتەك، چوڭلىرى تۇخۇمدەك، شار شەكىللىك ياكى تۇخۇمسىمان بولىدۇ، سىرتقى رەڭگى سۆسۈن رەڭگە يېقىن كېلىدۇ. مېكسىكا ۋە ھىندىستاندا ئۆستۈرۈلىدۇ، يۇقىرىقى بىلەن ئۇرۇقداش بولغان ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، خەينەنداۋ ئۆلكىلىرىدىن چىقىدىغان «七瓜龙» لاتىنچە (Ipomoea digitata) چىلاپا ئۆسۈملۈكى بار بولۇپ، ئۈنۈمى يۇقىرىقىغا ئاساسەن ئوخشاشتۇر..

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئى بەلغەم  خىلىتىنى سۈرگۈچى  دورا.

ئەكىس تەسىرى

قۇرۇق ئىسسىق مىجەز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

يىلتىزىدىن پەيدا بولغان چامغۇر شەكىللىك تۈگۈنچىلەر ئىچىدە %8 گىچە شىملىمشىق ماددا ۋە %14 ياغلىق ماي بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. 30 گرام چىلاپا بىلەن 100 گرام گۈلقەنتىنى بىرلىكتە ئىستېمال قىلسا، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىنى سۈرىدۇ.

2. چىلاپا 6 گرا، بەرەنگى كابىلى، قەمبىل 9 گرامدىن، ماشتىن 15 گرام ئېلىپ، سوقۇپ، تالقانلاپ ئىچسە، مەددە قۇرت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. چىلاپا 15 گرام، ئەرقى بەدىيان 500 گرام، چىلاپانى سوقۇپ ئەرقى بەدىيانغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، ئۈچەي توسۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

قۇرۇتۇلغان تۈگۈنەك يىلىتىزى

مىقدارى

1 ~ 4 گرام

ئورۇنباسارى

 رەۋەن

تۈزەتكۈچىسى

گۈلقەنت، ئەرقى بادىيان

چىلاپا گۈلقەنتى

كېسەللىك مىسالى

كونا باش ئاغرىقى، سەرئى، مەددە قۇرت كېسەللىكى، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، ئۈچەي ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچى نېرۋا ئاغرىقى، پالەچ، لەقۋا، توغۇم ئاغرىقلىرى، ئۈچەي توسۇلۇش، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=53

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#