پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسى

پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسى

پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسى
پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسى
ئۇيغۇرچە نامى پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىر
خەنزۇچە نامى 矮沙冬青植物园
تەۋە رايون قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرقىي مېرىدىئان ″30 ′00°75،

شىمالىي پاراللېل ″55′41°39 نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي تەڭرىتاغ بىلەن قۇرۇمتاغنى بويلاپ سوزۇلغان بولۇپ، مەركەزلىك ھالدا ئون بەش تارمىقى بار بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئۇلۇغچات ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر بىر پاكار ئىلېكس تۈرى.

پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسىپاكار ئىلېكس ئۇزۇن يېشىل يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، ئۈستىگە بور دەۋرى ـ ئۈچىنچى دەۋردە قېپقالغان دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك. قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان، يالىنىش ئېغىر، تۇپرىقى شېغىل، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000-2400 مېتىر بولغان چۆل پەس تاغ رايۇنلىرىدا ئۆسىدۇ، يەر شارىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، 100 مىليون ئىلگىرىكى تارىخىي كارتىنىلارنى نامايان قىلغان رەسىمگە ئوخشايدۇ.

پاكار ئىلېكس ئۆسۈملۈك باغچىسىتارىخشۇناسلىق، گېئوگرافىيە، پالېئونتولوگىيە ۋە گېئولوگىيە جەھەتلەردىكى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە دورىلىق قىممىتى بار، يېڭى نېفىت مەنبەسى ئۈستىدە تەتقىقات ۋە ئېچىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا يىتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بۇ رايۇن، ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك رايونى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئۆزگىچە چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى تاماشا قىلىدىغان چۆل-باياۋان مەنزىرە رايونىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىلمىي تەجرىبە، ئوقۇتۇش پراكتىكىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئارخېئولوگىيىلىك ئىگەللەش، چۆللۈك يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى تاماشا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#