ئالما قۇيمىقى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.ئالمىلارنىڭ شۆپۈكى سويۇلىدۇ، پارچىلىماي تۇرۇپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق قىسمى ئويۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ، يېرىم بارماق قېلىنلىقتا ھالقا شەكلىدە كېسىلىدۇ. ئالما تىلمىلىرىنىڭ قارىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، تىلىملارنىڭ يۈزىگە لىمون سۈرتۈلىدۇ. sfsef
2. بىر قاچىدا ئىككى ئاش قوشۇق شېكەر بىلەن قىزىل ھاراق ئارىلاشتۇرۇلۇپ، پەتنۇسقا تىزىلغان ئالمىلارنىڭ يۈزىگە سېپىلىدۇ. بۇ شەكىلدە سۆرۈن يەردە بىر سائەت قويۇپ تۇرۇلىدۇ.
3. تۇخۇم ۋە ئېشىپ قالغان شېكەر بىر چىمدىم تۇز بىلەن چېلىنىپ كۆپتۈرۈلىدۇ، يېرىم ئاش قوشۇق سېرىقماي تاۋىدا ئېرىتىلىپ، كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇمغا قوشۇلىدۇ. ئارقىدىن ئۇننىڭ ھەممىسى ۋە كېرەكلىك مىقداردىكى سۈت ئاز-ئازدىن تۇخۇملۇق ئارىلاشمىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ، داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
4. بىر سائەت شېكەرلىك قىزىل ھاراق ئىچىدە تۇرغۇزۇلغان ئالما تىلىملىرى قىيام ھالىتىدىكى تۇخۇملۇق خېمىرغا پاتۇرۇلىدۇ. ھەر تەرىپى خېمىر بىلەن قاپلانغان ئالما تىلىملىرى قىزىق سۇياغدا قىزارتىلىدۇ. ياغدىن سۈزۈۋالغان ئالما تىلىملىرىنىڭ ياغلىرى ئوبدان ساقىتىۋېتىلىپ، تەخسىگە ئېلىنىدۇ. يۈزىگە سوقۇلغان شېكەر سېپىلىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بۆلجۈرگەن ياكى شاتۇت مۇراببالىرىنى قويۇپ، ئىستېمال قىلىنسىمۇ بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.