ئاق لەيلى يىلتىزى

ئاق لەيلى يىلتىزى

ئاق لەيلى يىلتىزى بولسا ھەمىشىباھار ئۆسۈملۈكىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار .

ئۇيغۇرچە نامى ئاق لەيلى يىلتىزى
ئەرەبچە نامى خىتمىي، خوببازى شىجەرى
ئىنگلىزچە Root of Marsh Mallow, Holly Hock Root
شەكلى پوستى قىسمى ئاق رەڭلىك، ياغاچ قىسمى سۇس سېرىق رەڭلىك
چىقىش ئورنى ىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ.
خەنزۇچە نامى 蜀葵根
پارسچە نامى رىشە خىتمىي
تونۇش لەيلىقازاق
تەمى تاتلىق
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق لەيلى يىلتىزىئاق لەيلى يىلتىزى بولسا ھەمىشىباھار ئۆسۈملۈكىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاق لەيلى يىلتىزى  پوستى قىسمى ئاق رەڭلىك، ياغاچ قىسمى سۇس سېرىق رەڭلىك، تەمى تاتلىق، سەل پۇراقلىق، لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، يۇمشىتىش، سىلىقلاشتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى پىشۇرۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزىتمىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

خاس تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا

ئەكىس تەسىرى

ئاق لەيلى يىلتىزىئاشقازاننى سوۋىتىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئاق لەيلىنىڭ قايناتمىسى، قىيامى ۋە سۇپۇپى سىلىقلاشتۇرۇش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، شىللىق پەردىلەرنى ئاسرايدۇ.

1. ئاق لەيلى يىلتىزىدىن 10 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ئۈچەي توسۇلۇش،ئۈچەي يارىسى، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش، سۈيدۈك كۆيۈشۈپ كېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. 15 گرام ئاق لەيلى يىلتىزىنى چالا سوقۇپ، قاينىتىپ، تۇخۇم يېغى گۈل ۋە سەۋسەن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياغلىسا بوغۇم ئاغرىقلىرى ۋە قاتتىق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئاق لەيلى  يىلتىزىئۆسۈملۈك يىلتىزى

مىقدارى

 7 ~ 5 گرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، ئارپىبەدىيان، زىرە

ئورۇنباسارى

 ھەمىشىباھار ئۇرۇقى

لوئوقى سەرپىستان،ئاق لەيلى يىلتىزى قاينىتىلمىسى

ئۆپكە ئىششىقى، كۆكرەك پەردە ئىششىقى، نەزلە، زۇكام، يۆتەل، بوغۇم ئاغرىقى، ئۈچەي ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي توسۇلۇش، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

 يىلتىزى تەركىبىدە تەخمىنەن %35 يېپىشقاق ماددا، %37 كراخمال بار. يەنە ئاز مىقداردا مېۋە يېلىم ماددىسى ۋە شېكەر تۈرلىرى بار.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=384

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=384

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#