ئاق بەھمەن

ئاق بەھمەن

ئاق بەھمەن ئۇسۇملۇك يەھمەننىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزى بولۇپ ، ئىككى خىل بولىدۇ. قىزىلى «قىزىل، يەھمەن»، ئېقى «ئاق يەھمەن» دېيىلىدۇ. باھنى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سەمرىتىش، سېرىقلىقنى يوقىتىش كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق بەھمەن
ئەرەبچە نامى بەھمەن ئەبيەز
ئىنگلىزچە Root Of Clemayis asiabell
چىقىش ئورنى ئېران، ئەرمەنىستان تاغلىرىدىن، خوراسان قاتارلىقلاردىن چىقىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە نامى 白矢车菊
پارسچە نامى بەھمەن سەفىد
ئوردۇچە نامى بەھمەن سەفىد
ۋاقتى ياز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق بەھمەنئاق بەھمەن ئۇسۇملۇك يەھمەننىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزى بولۇپ ، ئىككى خىل بولىدۇ. قىزىلى «قىزىل، يەھمەن»، ئېقى «ئاق يەھمەن» دېيىلىدۇ.  ئېقى تومراق كېلىدۇ. قىزىلى سۈزۈك، خۇشپۇراق كېلىدۇ. چاينىسا ئېغىزنى ئازراق قورۇتۇدۇ. قوڭغۇراق گۇللۇكلەر ئائىلىسىدىكى ئۇسۇملۇك بۇلۇپ، ياز پەسلىدە يىلتىزىنى كولاپ ئېلىپ چاچما يىلتىزى ۋە للىرىنى چىقىرىۋېتىپ يىغىۋېلىنىدۇ. ئاساسلىقى ئېران، ئەرمەنىستان ، خوراسان تاغلىرى قاتارلىقلاردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

باھنى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سەمرىتىش، سېرىقلىقنى يوقىتىش كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

1.تالنىڭ ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولغان ئىچ سۇرۇشكە بەھمەن سەفىد، چۇبچىن، بىخ سۇس، پىچەكگۇل، ھېلىلە، جۇيۇزنىڭ ھەربىرىدىن 9 گرامدىن گىلى مەختۇم 15 ئېلىپ قاينىتىپ سۇيى ئىچىلىدۇ .

2.يەھمەننى ھەسەلنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ يۈزىگە چاپسا يۈزىنى چىرايلىق قىلىدۇ.

3.ئاق يەھمەننى 10 گرام ئېلىپ ئاقىرقەرھادىن 10 گرام قوشۇپ سوقۇپ سۈت بىلەن ئىچسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

4.يەھمەننى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر، نۇقۇت،  بادام مېغىزى بىلەن يېسە بەدەننى سەمرىتىدۇ 

بۆرەك قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

دورىلىق ئورنى

ئاق بەھمەنبەھمەننىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزى.

مىقدارى

5 ـ 10 گرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

چىلان، بىدە مىشكى، بىنەپشە

ئورۇنباسارى

ئۇز ۋەزنى بىلەن باراۋار قىزىل باھمەن، روزونبات

 داۋائى مىسكى، مادەتۇل ھايات، ھالىۋائى بىيىزە. 

مەنى يۈرۈپ كېتىش، مەنى تۇتالماسلىق، يەرقان، يۈرەك ئاجىزلىقى، كۆپ ئىھتىلام بولۇش، بۆرەك زەئىپلىكى، تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىغى ،ئىشتىھاسىزلىق چوڭ  تەرەتنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشى، ماغدۇرسىزلىق يۇرەك سېلىش، نەپەس سىقىلىش،ئېغىز قۇرۇش، تەرلەش، باش قېيىش ،بوۋاسىر .بالياتقۇ چىقۇقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .

يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە تاننىك  كىسلاتاسى ۋە يەھمەنىن جەۋھىرى قاتارلىق بار.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=239

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#