زەھرەموھرە

زەھرەموھرە مەنىي تۇتۇش، بۆرەك ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى زەھرەموھرە
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 花蕊心 hua rui xin
باشقا نامى ھەجەرس سەمىم (ئە)؛ قادزەھرە مەئىدسىني (پ)، زەھرەموھرە (ئو).

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زەھرەموھرە ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل مىنېرال ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ، كلاسسىك ئۇيغۇر تېبابەت كىتابلىرىدا زەھرە موھرىنى چىقىش ئورنىغا ئاساسەن بىر قانچىگە بۆلگەن، جۇڭگونىڭ تاغلىرىدىن چىقىدىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ باشقا دۆلەتلەردىن چىقىدىغىنىغا قارىغاندا ساپ، سۈپەتلىك كېلىدۇ، «زەھرە موھرە» دېگەن زەھەر قايتۇرغۇچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ نام ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى بولغان «زەھەر قايتۇرۇش»تىن كەلگەن. زەھرە موھرىنىڭ تېنى چۈرۈك بوش بولۇپ، يېشىل رەڭدىكىسى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. تەمسىز، پۇراقسىز كېلىدۇ.

چىقىش ئورنى 

ئېلىمىزنىڭ تاغلىرىدىن، بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدىن ۋە خۇراسان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

زەھەر قايتۇرۇش، يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، باھنى قوزغاش، ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەنىي تۇتۇش، بۆرەك ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئورۇنباسارى

زۇمرەت.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

ھەببى زەھرەموھرە، مۇپەررىھى ياقۇت، داۋائىلمىشكى شېرىن.

زەھەرلىنىش؛ يۈرەك، مېڭە، جىگەر، بۆرەك ۋە تال ئاجىزلىقى؛ باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تۇتالماسلىق، خولېرا، قان تولغاق، ۋابا، ئىچى سۈرۈش، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك چالاڭغۇراش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. زەھرەموھرىنىڭ كۈشتىسىدىن 0.5 گرامنى قىزىلگۈل ئەرىقى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، يۈرەك، مېڭە، جىگەر،

 ئاشقازان، تال، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ يۈرەك ئاجىزلىق، دەم سىقىش، مەنىي تۇتالماسلىق ۋە يۈرەك سېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرەموھرىنى قارىمۇچ بىلەن سوقۇپ زەھەرلىك ھاشارات چېقىۋالغان ئورۇنغا باسسا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 3. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرەموھرىنى تاباشىر بىلەن سوقۇپ، تۆمۈر داغمال سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، كونا ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.

 4. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرەموھرىنى خۇنسىياۋشان بىلەن سوقۇپ، سوپۇپ قىلىپ ئىچسە، قان توختىتىدۇ.

5. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرە موھىرىنى مەرۋايىت بىلەن سوپۇپ قىلىپ، ناۋات بىلەن ئىچسە، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك چالاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى 

سىرتتىن ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ، ئىچكى تەرەپتىن 0.5~1.5 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.[0]

1. زەھرەموھرىنىڭ كۈشتىسىدىن 0.5 گرامنى قىزىلگۈل ئەرىقى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، يۈرەك، مېڭە، جىگەر، ئاشقازان، تال، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ يۈرەك ئاجىزلىق، دەم سىقىش، مەنىي تۇتالماسلىق ۋە يۈرەك سېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرەموھرىنى قارىمۇچ بىلەن سوقۇپ زەھەرلىك ھاشارات چېقىۋالغان ئورۇنغا باسسا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرەموھرىنى تاباشىر بىلەن سوقۇپ، تۆمۈر داغمال سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، كونا ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ. 4. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرەموھرىنى خۇنسىياۋشان بىلەن سوقۇپ، سوپۇپ قىلىپ ئىچسە، قان توختىتىدۇ. 5. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەھرە موھىرىنى مەرۋايىت بىلەن سوپۇپ قىلىپ، ناۋات بىلەن ئىچسە، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك چالاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زۇمرەت.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=518

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#