چۈچۈكبۇيا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چۈچۈكبۇيا (ئۆسۈملۈك)
  2. چۈچۈكبۇيا (خام دورا )
ئۆسۈملۈك

چۈچۈكبۇيا

چۈچۈكبۇيا پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق يېرىم چاتقالسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 0.5 مېتىر، غولىدا تىكەن تۈكچىلىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن. يازدا كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ. گۈل تاجىسى كېپىنەكسىمان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈزدە ئورغاق شەكىللىك ياكى ھالقىسىمان تار چوكا مېۋە تۇتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چۈچۈكبۇيا
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركىمى پۇرچاق تۈركىمى
ئائىلىسى پۇرچاق ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 甘草
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
كەنجى سىنىپى ئەتىرگۈل كەنجى سىنىپى
كەنجى تۈركىمى ئەتىرگۈل كەنجى تۈركىمى
كەنجى ئائىلىسى كېپىنەكگۈللەر كەنجى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۈچۈكبۇيا چۈچۈكبۇيا ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق يېرىم چاتقالسىمان،  كۆپىنىچە تۈز ياكى ئوتتۇرھال ھالەتتە ئۆسىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك . توم ھەم كۆپ ئۇچلۇق يىلتىزسىمان غولى بار ، يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ماڭىدۇ ، كۆپ شاخلايدۇ ؛ ئاساسىي يىلتىزى تۈز ، تۈۋرۈكسىمان ، توم ھەم ئۇزۇن بولىدۇ ، يىلتىز پوستى قىزغۇچ قوڭۇز ياكى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ . ئىچى قىزغۇچ سېرىق ياكى ئوچۇق سېرىق رەڭدە ، تەمى تاتلىق بولىدۇ . غولى بىر تال ياكى شاخلىق ، تاق سانلىق پەيسىمان نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن مۇرەككەپ يوپۇرمىقى بار ، يوپۇرمىقى 7 ~17 جۈپ ، تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپسسىمان ، گىرۋەكلىرى مۇكەممەل بولۇپ ، ئومۇملاشقان گۈل رېتىدە پۇتاق قولتۇقىدا چېچەكلەيدۇ . چېچىكى سۇس قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك ، چېچەكلەش مەزگىلى ماي ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە . ئۇزۇن مۆڭگۈزلۈك مېۋىسى يۇمىلاق شەكلىدە بولۇپ ، ئورغاقسىمان ئېگىلىپ ياكى ھالقىسىمان يۆگىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇرۇقى شار شەكلىدە بولىدۇ . ئاساسەن سايلىق ئوتلاقلاردا ۋە شورلۇق يەرلەردە ئۆسىدۇ . ئېگىزلىكى تەخمىنەن 0.5 مېتىر، غولىدا تىكەن تۈكچىلىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن. يازدا كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ. گۈل تاجىسى كېپىنەكسىمان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈزدە ئورغاق شەكىللىك ياكى ھالقىسىمان تار چوكا مېۋە تۇتىدۇ.

كىشىلەر دائىم «ياخشى دورا ئاچچىق بولىدۇ» دېيىشىدۇ، بىراق چۈچۈكبۇيا ئۇنداق ئەمەس. 

چۈچۈكبۇيىنىڭ ئوق يىلتىزى بىلەن يىلتىزسىمان غولى توم، پوستى(قوۋزىقى) قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ھەر ئىككىسى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە گلېتسېرىن، گلېتسېررىزىنىك كىسلاتا، گلېتسېررېتىنىك كىسلاتا، گلېتسېررىزا گلۇكوزىدى(چۈچۈكبۇيا گلۇكوزىدى) ، كراخمال، ئوكسىدسىزلىغۇچى قەنتلىك كوللوئىد(يېلىمسىمان ماددا) ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىقلار بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە چۈچۈكبۇيا قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى نەملەشتۈرۈپ يۆتەل توختىتىش، باشقا دورىلارنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتىنى تەڭشەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا رېتسېپلىرىدا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ. 

گلېتسېررىزىننىڭ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. چۈچۈكبۇيا ياسالما دورىلىرىنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلاش رولى بولغاچقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. چۈچۈكبۇيىنىڭ يەنە يۇتقۇنچاق-كېكىرتەك ۋە كاناينىڭ شىللىق پەردىسىنى ئاسراش رولى بولغاچقا، كېكىرتەكنى نەملەشتۈرۈپ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار. گلېتسېررېتىنىك كىسلاتاسىنىڭ ياللۇغلىنىشقا ۋە زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى ئۈنۈمى بولۇپ، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، تولغاق(دېزىنتىرىيە) تاياقچە باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە تۇبېركوليۇز تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا قارىتا تىزگىنلەش رولى بار.

ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چۈچۈكبۇيىدا يەنە يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارلاردىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش، دۆلىنىش(چۆچۈش) كە قارشى ئۈنۈمىمۇ بار ئىكەن. 

 يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ . ئاساسلىق تەركىبى گىلتسېرىك كىسلاتا ، دىگلېتسېرىك كىسلاتا ، گىلۇكورنىك كىسلاتا ۋە كېتون تۈرىدىكى بىرىكمىلەردىن تەركىب تاپقان . شىنجاڭدا ھەقىقىي دورا قىلىنىدىغان يەنە سىلىق مېۋىلىك چۈچۈكبۇيا ھەم كۆپمە مېۋىلىك چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلارمۇ بار .

ئېلىمىزنىڭ چۈچۈكبۇيا دورا مەنبەسى مول، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭ چۈچۈكبۇيىسىنىڭ سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 شىنجاڭدا چىقىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر 2014 خىل بولۇپ ، 158 تۈر ، 637 ئۇرۇقداشقا تەۋە . ئۇلار قۇملۇقلاردىن تارتىپ ، ئېگىز تاغلارغىچە كەڭ تارقالغان . زاپاس مىقدارى مول ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن بىرى بولغان چۈچۈكبۇيا شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ ، تارقىلىش كۆلىمى 933 مىڭ 400 گېكتار ، ھەر يىللىق يىغىۋېلىنىش مىقدارى 60 مىڭ توننىغا يېتىدۇ . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#