بېلارۇسىيە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېلارۇسىيە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، ئۇلار بىلەن چېگرىداش بولغان دۆلەتلەردىن روسىيە ، لاتۋىيە، بولان، لىتۋا ۋە ئۇكرائىنا. كۆلىمى 20.76 كۋادرات كىلومېتىر ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىق 560 كىلومېتىر، شەرق - غەرب ئارىلىقى 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. بېلورۇسىيە شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان،
پايتەختى : مىنىسكى، ئاھالىسى 1 مىليون 510 مىڭ . بېلارۇسىيە شەرقىي ئىككىنچى رايونغا جايلاشقان، بېيجىڭ شەرقىي 8 - رايون بىلەن بېيجىڭنىڭ ۋاقىت پەرقى بولسا بەش سائەت.
بېلارۇسىيە زىمىنى سىلاۋيانلارنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سالىدىغان يايلىقى ئىدى. مىلادىدىن كېيىن گۇتلار(گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادى)بېلارۇسىيە زىمىنىدىن سۇيۇرغال سۈپىتىدە پايدىلانغان، 6-7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم لىتۋالىقلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان،9-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ككپ قىسىم زىمىنى كىيىۋرۇس بەگلىكىگە تەۋە بولغان. 14-ئەسىردە قۇرۇلغان پولەك-لىتۋا بىرلەشمە پادىشاھلىقى دەۋرىدە بېلارۇسىيە تۇنجى قېتىم بىر مۇنتىزىم بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت ئاستىدا بىر دۆلەتنىڭ زىمىنى بولغان. 17-ئەسىردىن كېيىن بېلارۇسىيىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى روسىيە ئىمرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ كۆپ ئۆتمەيلا سوۋېت ئىتىپاقىغا قوشۇلغان، 1938-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پولشانىڭ شەرقىدىكى بىرىست ۋە خىرودنا دىن ئىبارەت ئىككى ئوبلاستنى تارتىۋېلىپ بېلارۇسىيىگە قوشۇپ بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ب د ت غا ئەزا بولۇپ سوۋېت ئىتىپاقى تەركىۋىدىكى ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندا بېلارۇسلار ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
بېلارۇسىيە94 مىليون 811 مىڭ ( 2011 ). جىنسىي نىسبەت قىممىتى 0.88 كە تەڭ، جەمئىي 100 دىن ئارتۇق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە
بېلارۇسىيە مىللىتى %81.2 نى ئىگىلەيدۇ، رۇس %11.4، پولشا مىللىتى %3.9 نى ئىگىلەيدۇ، ئوكرائىنا مىللىتى %2.4 نى، يەھۇدىيلار %0.3 نى ئىگىلىگەن، باشقا مىللەتلەر %0.8 نى ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى بېلورۇس تىلى ۋە رۇس تىلى. ئاساسەن پىراۋۇسلاۋىيە دىنى، غەربىي شىمالىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا كاتولىك دىنى ۋە پىراۋوسلاۋىيە دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
تەبىئەت جۇغراپىيەىسى
بېلارۇسىيە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، ئۇلار بىلەن چېگرىداش بولغان دۆلەتلەردىن روسىيە ، لاتۋىيە، بولان، لىتۋا ۋە ئۇكرائىنا. كۆلىمى 20.76 كۋادرات كىلومېتىر ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىق 560 كىلومېتىر، شەرق - غەرب ئارىلىقى 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. بېلورۇسىيە شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، يەر شەكلى پەس ۋە تۈزلەڭ، كۆپ سۇلۇق يەر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 160 مېتىر بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققا تاغ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 345 مېتىر، كىچىك دەريا 20 مىڭ دىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 مىڭ كىلومېتىر. ئاساسلىق دەريالىرىدىن دنېپر دەرياسى، پرىپيات دەرياسى، نېمان دەرياسى ۋە سوژ دەرياسى، بۇنىڭ ئىچىدە 6 دەريا 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 2000 كۋادرات كىلومېتىر، كۆل، ئەڭ چوڭ غەلىتە كۆل كۆلىمى 79.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، « مىڭ كۆل دۆلىتى » دېگەن نامى بار. يەنە 130 نەچچە سۇ ئامبىرى بار، سۇ بايلىقى مول. كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ، بىر قەدەر نەم بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ~ 550 مىللىمېتىردىن 700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 6-، 7 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃18.
بايلىق جۇغراپىيەسى
ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلاردىن كالىيلىق تۇز، تاشتۇز، تورف، ئاپاتىت قاتارلىقلار بار. ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. كىچىك دەريا 20 مىڭ دىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 مىڭ كىلومېتىر. 10 مىڭدىن ئارتۇق كۆل بار، « مىڭ كۆل دۆلىتى » دېگەن نامى بار. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 36 . تەۋەسىدە 31 مىڭ خىل ھايۋان بار.
ھـاكىمىيـەت تۈزۈلمىسى
بېلارۇسىيە1994 - يىلىدىن باشلاپ، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلغان، شۇ يىلى 7 - ئايدا، لۇكاشېنكو تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل. 1996-يىلى، زۇڭتۇڭ بىلەن 13 - نۆۋەتلىك ئالىي سوۋېتى ھوقۇق كۈرىشى كەسكىنلەشتى، شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 24 -كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك ئالىي سوۋېتى پائالىيىتى توختىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى پارلامېنت قۇرلۇپ، زۇڭتۇڭ لۇكاشېنكونىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى.
ئاساسىي قانۇن
1996-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق زۇڭتۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى، 11- ئاينىڭ 27 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولدى. ئاساسىي قانۇندا : زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى ۋە ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ يولغا قويۇش؛ زۇڭتۇڭ دۆلەتنىڭ باشلىقى ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش قوماندانى، سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدۇ، ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل، ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. زۇڭتۇڭ ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشقا ھوقۇقلۇق.
2003- يىلى سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 323820 يۈز مىليون ئاق رۇبلى، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 6.8 ئاشتى. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ماشىناسازلىق، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكترون، ئوپتىك ئەسۋاب، نېفىت ئايرىش ( پىششىقلاش )، ياغاچنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
2003 -يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتى 74360 يۈز مىليارد ئاق رۇبلى، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 6.8 ئاشتى. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمى 1100 دىن 10 مىڭ گېكتار. كەسىپكارلار 493 مىڭ 500 ، ئومۇمىي ئەمگەك كۈچىنىڭ % 11.1 ىنى ئىگىلەيدۇ.
2006 -يىلى بېلارۇسىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 28 مىليارت 560 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7800 دوللار توغرا كەلگەن. بېلارۇسىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %8-%9 بولغان.
بېلارۇسىيەتۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتناش تورى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، ياۋروپانىڭ قاتناش كارىدورى تەركىبىي قىسمى . ئۇزۇن يوللۇق تىرانسپورت تۆمۈر يولنى ئاساس قىلغان، تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 894 كىلومېتىر يولغا ئېلېكترلەشكەن تۆمۈر يول. تاشيول ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 66 مىڭ كىلومېتىرغا، بۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق يۈزلۈك تاشيول 62 مىڭ 600 كىلومېتىر. نېفىت توشۇش تۇرۇبا يولى 2936 كىلومېتىر، تەبىئىي گاز توشۇش تۇرۇبا يولى 6301 كىلومېتىر، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش تۇرۇبا يولى 1265 كىلومېتىر. 2003 -يىلى يۈك 502.41 يۈز مىليون توننا كىلومېتىر، 2011 - يىلىدىكىدىن % 10.77 . بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈريولنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 384.02 يۈز مىليون توننا - كىلومېتىر، تاشيول يۈك توشۇش مىقدارى 116.45 يۈز مىليون توننا - كىلومېتىر، ئاۋىئاتسىيە يۈك توشۇش مىقدارى 34 مىليون توننا - كىلومېتىر. 2003 - يىلى يولۇچى توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 281.95 يۈز مىليون ئادەم كىلومېتىر، 2008 - يىلىدىكىدىن % 2.6 تۆۋەنلىدى ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش مىقدارى 133.08 يۈز مىليون ئادەم كىلومېتىر، تاشيولدا يولۇچى توشۇش مىقدارى 97.98 يۈز مىليون ئادەم كىلومېتىر، ئىچكى دەريا ترانسپورت مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون ئادەم كىلومېتىر، ئاۋىئاتسىيە يولۇچى توشۇش مىقدارى 5.64 يۈز مىليون ئادەم كىلومېتىر.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئوكيان قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.