تېتىر يېزىسى

تېتىر يېزىسى

تېتىر يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، قەشقەر-خوتەن تاشيولى-شىزاڭ تاشيولى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تېتىر يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 铁提乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
ماشىنا كودى 新Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېتىر يېزىسىتېتىر يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 3 كىلومېتىر كېلىدۇ. تېتىر يېزىسى شەرقىي بەشئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي بىلەن يىتىملىقۇم يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا زۇڭلاڭ يېزىسى، كۆكيار يېزىسى بىلەن قوشنا. پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە 11 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 45 مەمۇرىي كەنت گۇرۇپپىسى بار. پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي ئائىلە سانى 13674 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت %99 نى ئىگىلىگەن. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36 مىڭ مو، تېرىقچىلىقى ئانار، ياڭاق، غولپىياز، پىياز، ئارپىبەدىيان ئاساس قىلىندۇ.

پۈتۈن يېزىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرا سوتكىلىق ئۆزگىرىش پەرقى چوڭ، ئوتتۇرىچە سوتكىلىق پەرقى ℃13.3 تىن يۇقىرى، زىرائەت ۋە مېۋىلىك دەرەخ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. يېزىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك مۇھىت، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق تەبىئىي شارائىتى ۋە پىشىپ يېتىلگەن تېرىش تېخنىكا تېرىقچىلىقى  ئانار، ياڭاق، غولپىياز، پىياز، ئارپىبەدىيان قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان.

تېتىر يېزىسىغا قاراشلىق 11 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: رامىزانباغ كەنتى، تېتىر كەنتى، ئاياغ بەشتېرەك كەنتى، توپ بېغى كەنتى، ئاياغ توپبېغى كەنتى، چاچباغ كەنتى، تۆۋەن چاقا كەنتى، يۇلغۇنجاي كەنتى، سېرىقئۆستەڭ كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، لايدان كەنتى ۋە 45 مەمۇرىي كەنت گۇرۇپپىسى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#