NFC تۇلۇق ئاتىلىشى Near Field Communication بۇلۇپ ، گەپنىڭ مەنانىسى بۇيىچە تەرجىمە قىلساق : يېقىن مەيدان ئالاقىسى بولىدۇ . يەنە ئىككى ئۈسكۈنىنى يېقىن ئەكىلىش ئارقىلىق ھەر خىل ئالاقىلارنى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ .

خەنزۇچە نامى 近距离无线通信技术
ئاچقۇچى سودىگەر فىلىپ ، نوكىيا ۋە سونى ئورتاق ئاچقان
قوللۇنۇشى يېقىن ئارىلىقتا سىمسىز خەۋەرلىشىش
باشقا نامى NFC(Near Field Communication)
ئۈسكۈنە ۋاسىتىسى ئىستىمال ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش قورالى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

NFC دىگەن نىمە ؟ 

NFC تۇلۇق ئاتىلىشى Near Field Communication بۇلۇپ ، گەپنىڭ مەنانىسى بۇيىچە تەرجىمە قىلساق : يېقىن مەيدان ئالاقىسى بولىدۇ . يەنە ئىككى ئۈسكۈنىنى يېقىن ئەكىلىش ئارقىلىق ھەر خىل ئالاقىلارنى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ .

NFC ئىقتىداراى قوزغىتىش :

 ئادەتتە كۈپۈنچە يانفۇنلارنىڭ 设置 سىغا كىرىپ 更多 دىگەن تاللاشقا كىرسىڭىز NFC دىگەن ئىقتىدارنى كۈرىسىز. شۇنى ئېچىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . 

NFC نىڭ قانداق ئىقتىدارلىرى بار ؟

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىقتىدارلىرى كۆپ بۇلۇپ ، تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى تۈۋەندىكىچە : 

1-  بانكا كارتا ئۇقۇش ئىقتىدار

بەزى ۋاقىتلاردا بىز بانكا كارتىمىزنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىكى كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى بىلمەكچى بۇلىمىز.  مەسىلەن بانكا كارتىڭىزنىڭ ئۇچۇر كەسپى ئۇچۇق بولمىغان ئەھۋالدا كارتىغا پۇل كىردىمۇ ، قانچىلىك كىردى ، قايسى كۈنى قانچىلىك پۇل چىقىم قىلىندى دىگەندەكلەرنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز بانكىغا بېرىشنىڭ ياكى تور بانكىسىغا چىقىپ تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ... پەقەت سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنىڭ NFC ئىقتىدارى بولسىلا بۇ ئۇچۇرلارنى بىردەمدىلا تەكشۈرەلەيسىز . 

سىز تىلفۇنىڭىزنىڭ تەڭشكىدىن NFC ئىقتىدارنى ئېچىپ قويغاندىن كىيىن خالىغان بانكا كارتىسىنى تىلفۇننىڭ كەينىگە ئەكەلسىڭىزلا ئېكراندا قايسى ئەپتىن تەكشۈرىسىز ؟ دەپ تاللاش چىقىدۇ . 

يۇقۇرقىدەك 支付宝 ياكى NFC读卡器 دىتالىدىن خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز بانكا كارتىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە يېقىنقى ئون قېتىملىك كىرىم چىقىم تارىخىنى تەكشۈرەلەيسىز .  بۇنىڭ ئىچىدە 支付宝 نىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدار بەك ياخشى كەن ، ئەگەر سىز 支付宝 ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، يانفۇنىڭىزغا  NFC读卡器 دىتالىنى قاچىلىۋېلىپ شۇنىڭدىن تۈكشۈرسىڭىز بولىدۇ . . . 

2- NFC ئىقتىدار ئارقىلىق ھۆججەت يوللاش 

بۇ ئىقتىدارنىڭمۇ بىر يانفۇندىن يەنە يانفۇنغا ھۆججەت يۆتكەش ئىقتىدارى بار . سۈرىتى ناھايىتى تىز ، كۆك چىش ، سىمسىز تور قاتارلىقلاردەك ئاۋال بىر قېتىم جۈپلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ..  بىۋاستىلا ئىشلىتەلەيسىز ... 

مەسىلەن : بىر يانفۇندىكى مەلۇم رەسىم ، فىلىم ، ھۆججەت ، ئالاقىداش ، يازما خاتىرس ، تور بەت ئادىرسى ، ئېكران مەشخۇلاتى .... قاتارلىقلارنى دەقىقە ئىچىدىلا يەنە بىر يانفۇنغا يۆتكەش .

مەلۇم چوڭراق فىلىمنى يەنە بىر يانفۇنغا يوللىماقچى بولسىڭىز كۆك چىش ئارقىلىق قىلسىڭىز ۋاقىت ئۇزۇن كىتىشى مومكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋارچىلىق ،، ئەگەر سىز NFC ئىقتىداردىن يۆتكىسىڭىز بىردەمدىلا يۆتكىيەلەيسىز ... 

ئۇسۇلى :  NFC ئىقتىدارى بار بولغان ئىككى يانفۇننىڭ كەينى تەرپىنى بىر بىرىگە يېقىن ئېكىلىپ ، خالىغان يانفۇندىكى  يوللىماقچى بولغان فىلىمنى تاللاپ  分享 ياكى 发送 دىگەندەك تاللاشلارنى باسقاندىن كىيىن  رەسىمدىكىدەك Android Beam ياكى NFC دىگەن تاللاشنى باسسىڭىز ئېكران كىچىكلەپ يوللاش ھالىتىگە كىرىدۇ ،

ئاندىن سىز ئېكراننى يىنىك بىر چىكىپ قويسىڭىزلا ھۆججەت يەنە بىر يانفۇنغا يۆتكىلىدۇ.  باشقا ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا يۆتكىسىڭىز بولىدۇ . 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىز مەلۇم بىر كىنو تور بىتىدە ۋە ياكى باشقا بىر تور بەتتە مەلۇم مەزمۇننى كۈرىۋاتقان بولسىڭىز ، ئەگەر يەنە بىر يانفۇندىمۇ مۇشۇ تور بەتنى يەنى سىز كۈرىۋاتقان ئاشۇ بەتنى بىۋاستە ئاچماقچى بولسىڭىز قارشى تەرەپكە تور ئادىرسىنى يوللاپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق . پەقەت سىز ئىككىلى يانفۇننىڭ NFC ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن ئىككى يانفۇننىڭ كەينىنى بىر بىرىگە يېقىنلاشتۇرسىڭىزلا  ئاپتۇماتىك  ئېكران كىچىكلەپ "ئېكراننى يىنىك بىر چىكىپ يوللاڭ" دىگەن خەت چىقىدۇ . سىز ئېكراننىڭ خالىغان يىرىنى بىر چىكىپ قويسىڭىزلا  شۇ سىز كۈرىۋاتقان تور بەت يەنە بىر تىلفۇندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ ... 

خۇددى كىنولاردا كۆرىدىغان بىر ئۈسكۈنىدىكى مەزمۇننى مۇنداق بىر سىيرىپلا يەنە بىر ئۈسكۈنىگە يوللىغانغا ئوخشاش . 

بۇلاردىن باشقا يەنە مەسىلەن ئالىپاي 支付宝 غا بانكا كارتا باغلىغان ۋاقىتتا  بانكا كارتا نۇمۇر ، ئىسىم تولدۇردىغان باسقۇچتا سىز بانكا كارتا نۇمۇرىڭىزنى ئىسمىڭىزنى يېزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . سىز پەقەت NFC ئىقتىدارنى ئېچىپ قۇيۇپ باغلىماقچى بولغان بانكا كارتىنى تىلفۇننىڭ كەينىگە يېقىن ئەكەلسىڭىزلا بانكا كارتا نۇمۇر ، ئىسىم ئۈزى ئاپتۇماتىك تولدۇرلىدۇ . NFC نىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە ، ئاپتۇمۇبىل ناخشاقويغۇچىسى بىلەن ئۇلاش ،  بەزى بىر قىسىم NFC ئىقتىدارى بار ياڭراتقۇلار بىلەن ئۇلاش . 

مىتىرو ۋە ئاممىۋى ئاپتۇبۇس كارتىللىرىنى ، ھەممىباب كارتىللىرىنى (一卡通) قاتارلىقلارنى باغلاپ قۇيۇش ئارقىلىق ئاپتۇبۇسقا چىققانداق ۋە باشقا شەكىلدىكى ماس كارتىلار ئىشلەيدىغان جايلاردا  كارتىنىڭ ئورنىغا بىۋاستىلا تىلفۇننى سۈركەش ئارقىلىق پۇل تۈلەش ،،، قاتارلىق نۇرغۇن قۇلايلىق ئىقتىدارلىرى بار . 

ئەمما بۇ ئىقتىدارلىرى كۆپ ئۇمۇملاشمىغان شۇڭا كۆپ جايلاردا بۇ ئىقتىدار قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلمىغاچقا كىشىلەر كۆپ ئىشلەتمەيدۇ .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

NFC

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#