نورفوك ئارىلى

جەنۇبىي كەڭلىك′20 °29 بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق′ 16757 نىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. ئاۋسترالىيىنىڭ چوڭ شەھىرى سېدىنىدىن 1700 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. تەبىئىتى جەھەتتىن مېلازېنىيە تاقىم ئاراللىرى تەركىبىگە كىرىدۇ، سىياسىي جەھەتتىن ئاۋسترالىيىنىڭ بىر سىرتقى ئۆلكىسى ھېسابلىنىدۇ، مەيدانى 34.5 كۋادرات كىلومېتىر.

ئىسمى نورفوك ئارىلى
باشقا نامى Norfolk Island
نوپۇسى 2128 ئادەم(2008-يىل)
خەنزۇچە ئىسمى 诺福克岛
كۆلىمى 34.5 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى پىتكائىن تاقىم ئاراللىرىدىن كەلگەن خەلقلەر بىلەن ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ھەم ئەنگلىيىدىن ئۆز ۋاقتىدا سىياسىي جىنايەتچى قاتارىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى خرىستىئان ھەم كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىلەن پىتكائىن تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئەنگلىيىلىك كوك 1774-يىلى بۇ ئاراللارنى تاپقان ھەم نورفوك ئارىلى دەپ نام بەرگەن. 1788-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1913-يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. نورفوك ئارىلى يانار تاغ ئارىلى بولۇپ، ئەتراپىنى مارجان رىفلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. 

كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ دېڭىز-ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15، يىللىق ھۆل-يغىن مىقدارى 1300 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

بۇ ئارالدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ئاساسلىق كۆكتات، مېۋە-چېۋە ئۆستۈرىدۇ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئارالدا نورفوك قارىغىيى ۋە باشقا ئورمانلار ئۆسىدۇ. مەركىزى كىنگستون بولۇپ، ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى سېدىنى قولتۇق بويىغا جايلاشقان. بۇ مۇھىم ئەركىن پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا ئايرودرومى، مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرى بار. نورفوك ئارىلى سىرتقى سودىسىدا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدائاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى  كۆلىمى 465 مىڭ گېكتار بولغان نورفولك ئارىلى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان . نورفوك ئارىلى ( ئاۋسترالىيە ) دۆلەت باغچىسى قىلىندى ، ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#