چولاقتېرەك يېزىسى

چولاقتېرەك يېزىسى
چولاقتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 16 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى چولاقتېرەك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1577.7 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乔拉克铁热克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى
نوپۇسى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم
ئىشلىتىدىغان تىلى قازاق تىلى، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چولاقتېرەك يېزىسىچولاقتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، تېكەس ناھىيەلىك 4-يېزا ياكى تېكەس ناھىيەلىك 4-گۇڭشې دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1577.7 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 71 مىڭ 730 مو، ئوتلاق كۆلىمى 1 مىليون 504 مىڭ 300 مو، قارمىقىدا 8 يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي كەنت، 6 چارۋىچىلىق مەمۇرىي كەنت، 1 يۇرۇت كارخانا ئورنى، 15 ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن بار، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 13 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 29167 ئادەم.

1951-يىلى، كۆكتېرەك يېزىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ 3-رايون قۇرۇلغان.

1958-يىلى، قىزىل بايراق 4- خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان.

1984-يىلى، گۇڭشې بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىش مەزگىلىدە چولاقتېرەك يېزىسى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.

2004-يىلى، قىزىل بۇلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن نەسىللىك كۆپەيتىش مەيدانى چولاقتېرەك يېزىسىغا قوشۇۋېتىلگەن.

چولاقتېرەك يېزىسىچولاقتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 16 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە يېزا ئىگىلىك 4-شى 78-تۇەن، تېكەس ئورمانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، غەربىي كۆكسۇ يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا تەڭرىتاغ ۋە باي ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، شىمالىي تېكەس دەرياسى بىلەن قوشنا. يېزا بويىچە يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2058148 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتلاق، ئورمانلىق، سۇ رايونى قاتارلىق كۆلىمى 1482736 مو، مەھەللە يولى 141200 مو، پايدىلانمىغان يەر كۆلىمى 4342211 مو، دېھقانچىلىق رايونلىرى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغىچە، چارۋىچىلىق رايونلىرى تاغلىق رايونلارغىچە سوزۇلغان.

چولاقتېرەك يېزىسىنىڭ كىلىماتى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىغا تەۋە، مۆتىدىل سالقىن يېرىم قۇرغاق رايون، پۈتۈن يېزا جىلغىسىدا ئىللىق ۋە نەمخۇش كىلىمات ئالاھىدىلىكى بار، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، قىشى ئۇزۇن، ياز قىسقا، كۈز پەسلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەم ئىسسىق ھەم سوغۇق. ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.3، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 500 ~600 مىللىمېتىرغىچە، قىروسىز مەزگىلى 118 كۈن. چولاقتېرەك يېزىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاغلىق رايۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى يېتەرلىك، سۇ سىستېمىسى تەرەققى قىلغان. غەرب تەرەپتىكى چولاقتېرەك دەرياسى ۋە سەپلەپلەنگەن قاپلىما غول ئۆستەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارچە-پۇرات تارقالغان بۇلاق سۈيى بار، ئېقىن زىچلىقى چوڭ، بۇ سۇ سىستېمىسىنىڭ تارقىلىشغا قارىغاندا، سۇ مىقدارى بىر قەدەر تەكشى تارقالغان.

چولاقتېرەك يېزىسى قارمىقىدا ئاقتام كەنتى، ئاقتېرەك كەنتى، ئاتچابىس كەنتى، كەتمەن تۆبە كەنتى، قىزىلقولا كەنتى، مىڭبۇلاق كەنتى، مويىنجول كەنتى، چىبار توپىلىغى كەنتى، چولاقتېرەك كەنتى، چولاقتېرەك مەھەللىسى،  سارقوبۇ كەنتى، تاسباستاۋ كەنتى قاتارلىقلار بار.

چولاقتېرەك يېزىسى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بارىدىغان بىر چوڭ يېزا، 2003-يىلى، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 55 مىليون 193 مىڭ 100 يۈەن بولۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليون 724 مىڭ يۈەنگە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 42 مىليون 469 مىڭ 100 يۈەنگە، مالىيە ئومۇمىي كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2398 يۈەنگە يەتكەن.

ساياھەت نۇقتىسىچولاقتېرەك يېزىسىدا ئاساسلىقى لىساڭ ئارامگاھى، ئارىشاڭ، لىساڭ ئېرىمە ئۆڭكۈرى قاتارلىقلار بار. چولاقتېرەك يېزىسىدىكى لىساڭ ئېرىمە ئۆڭكۈرى، لىساڭنىڭ شىمالىغا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، غەربىي شىمالدا ئاز ئۇچرايدىغان، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر مېنېرال تاش تەبىئىي يەر ئاستى ئۆڭكۈر. چولاقتېرەك يېزىسىدىكى لىساڭ ئورمان باغچىسى ساياھەتچىلىك، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، ساياھەت نۇقتىسى ئىچىدە ئاشخانا، مېھـمانخانا، 20 نەچچە خىل مىللىي پاسۇندىكى رەڭلىك چېدىر بار، بىر قېتىمدىلا 400 ~ 500 گىچە ساياھەتچىنى كۈتىۋالالايدۇ. لىساڭ ئورمان باغچىسىنىڭ مۇھىتى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت ئورنى ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#