قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ

 1971-يىلى 11-ئايدا مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن سەھىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان. 1973-يىلى ئوبلاستلىق دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1971-يىلى 11-ئاي
خەنزۇچە نامى 克孜勒苏柯尔克孜州卫生学校
مەكتەپ تۈرى تىببىي مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1960-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ بەخت يولىدا قۇرۇلغان. 1962-يىلى يەرلىك مالىيە قىينچىلىقى تۈپەيلىدىن مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1965-يىلى دېھقانچىلىق مەكتىپى قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، سەھىيە سىنىپى ئېچىلغان. 1971-يىلى 11-ئايدا مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن سەھىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان. 1973-يىلى ئوبلاستلىق دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1984-يىلى مەكتەپ مۇستەقىل شتاتقا ئىگە بۆلۈم دەرىجىلىك ئورۇن بولغان. 1984-يىلى مۇئاۋىن ناھىيەدەرىجىلىك ئورۇنغا ئۆستۈرۈلگەن. 1988-يىلى ناھىيە دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇقۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. 1993-يىلى تېببىي مەكتىپى ئاتۇش شەھەر بەخت يولىدىن نۇرلۇق يولىغا كۆچۈرۈلۈپ قايتىدىن قۇرۇلغان. 1984-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى باھالاشتىن ئۆتكەن. مەكتەپ ئوبلاستتىكى ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئىلگىرىكى يالغۇز سىستېرالىق كەسپىدىن تەرەققىي قىلىپ دوختۇرلۇق، سىستېرالىق، تۇغۈت دوختۇرى، پىلانلىق تۇغۇت، ئانا-بالىلار ساقلىقى، يەرلىك كېسەللىك قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان ھەمدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە داۋالاش ئالىي سىستېرالىق مەخسۇس كۇرسى گۇۋاھنامە سىنىپلىرىنى ئاچقان.

 ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 30360 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 4172 كۋادرات مېتىر. بىئولوگىيە، خىمىيە، ئاناتومىيە، دىئاگنوز تەجرىبىخانىلىرى قۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، مەكتەپ قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بېرى قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا 1620 نەپەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېببىي خادىم تەربىيىلەپ بەرگەن. 1999-يىلدىكى، ئوقۇتقۇچى 39 ( ئالىي لېكتور ئالتە نەپەر، لېكتور 19 نەپەر، ياردەمچى لېكتور 10 نەپەر ) نەپەر، ئوقۇغۇچى 611 نەپەر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#