ئىپار كالا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارىماققا كالىغا ئوخشىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تەرەپلەردە قويغا تېخىمۇ بەكرەك ئوخشىغانلىقتىن ئۇنى بىر خىل چوڭ ياۋا قوي دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئىپار كالا گەۋدىسى بەستلىك، چىشىسى سەل كىچىك، بەدەن تۈكلىرى ئۇزۇن، تىۋىتلىق، تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك، بويۇننىڭ ئارقا قىسمىدىن مۈرە قىسمىغىچە يايلى تۈكى بولىدۇ. گەۋدە دۈمبە تەرىپى ئېگەرسىمان سۇس رەڭلىك بولىدۇ. يېشى قانچە چوڭلىرىنىڭ، ئاق رەڭلىك يېرى شۇنچە ئېنىق بولىدۇ. كالپۇك، بۇرۇن قىسمى يالىڭاچ، ئالدى پېشانىسىدە بىر تۇتام تۈكى بولىدۇ. كۆزى چوڭ ھەم يۇمىلاق، كۆز قارىچۇقى سۆسۈن رەڭ، كالپۇك ۋە تىل ئۇچىمۇ سۆسۈن رەڭ، ئىككى كىچىك قۇلىقى يۇڭلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ.
ئىپار كالا شىمالىي قۇتۇپتىكى تۇندىرادا ياشايدىغان ئالاھىدە بىر خىل جانلىق تۈرى. ياز پەسلىدە، ئۇ دەريا ۋە كۆل بويلىرىدا ياشاشقا مايىل كېلىدۇ. ئۇلار ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇق يۇمشاق تۈكى شىمالىي قۇتۇپنىڭ 40~50 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇققا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئىپار كالىنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر ھەم قېلىن ھەم زىچ، ھەر قانداق سوغۇق ۋە نەم ھاۋاغا تولۇق تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇ ئىنتايىن باتۇر، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا چېكىنمەيدۇ ياكى قاچمايدۇ. ئۇ بۆرە ۋە ئېيىق قاتارلىق رەقىبلىرىگە يولۇققاندا بىر توپ ئىپار كالا دەرھال مۇداپىئە سەپ شەكلى ھاسىل قىلىدۇ. بەزىدە ئىككىنى تۇغقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن يىلدا بىرنى تۇغىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.