ئابىشېك باچچان
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئابىشېك باچچاننىڭ دادىسى كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق زات ئامىتاب باچچان، ئەسلىدە دادىسى ئۇنى ئامرىكىغا سودا كەسپىنى ئۇقۇشقا ئەۋەتكەن. بىراق ئابىشېك ئىزچىل ئاكتىيور بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. كېيىن دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئاكتىيور بولغان، ۋە بوللىۋودتتىكى داڭلىق چولپانلار قاتارىغا كىرگەن.
،‹REFUGE ‹2000-يىلى ناملىق فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئالغاندىن كېيىن نام چىقارغان، ھەمدە ئىلگىرلەپ نۇرغۇن فىلىمدە رول ئالغان. ھەمدە يىللىق باھالاشلاردا «مۇنەۋۋەر يېڭى ئاكتىيور»،«مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا كۆپ قېتىم ئېرىشكەن. ھىندىستاندىكى نامدار فىلىم ئىشلەش شېركىتىدىن بىرى بولغان ئا. ب. فىلىم ئىشلەش شېركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قىلغاندا ، ئۇ قىيىن ۋەزىپىدىن بىرنى ئۈستىگە ئېلىپ ، شېركەتنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇ ئۆز كەسپىگە پىششىق بۇلۇپلا قالماستىن سودا ئىشلىرىغمۇ ماھىر.
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ، بىر مەيدان داغدۇغىلىق ، كاتتا توي مۇراسىمى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلدى ، بوللىۋودتتىكى 31 ياشلىق كېلىشكەن يىگىت ، كىنو ئارتىسى ئابىشېك باچچان، دۇنيا گۈزىللى ، ھىندىستان گۈزىلى دەپ نام ئالغان 33ياشلىق ئاشۋارىيا راي بىلەن توي قىلدى. بۇ بىرجۈپلەر ، باشقىلار تەرىپىدىن«ھوللىۋودتىكى بۇراد پېتىر ۋە ئەنجىلا جۇلى»دەپ چاقىرىلدىكەن.
ھىندىستاندا . گۈزەل ئاكتىيور ئاشۋارىيا راي مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئالغان ئايال چولپان . 1994-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن، ئابىشېك باچچان بولسا ھىندىستاندا نامى چىققان كېلىشكەن يىگت، ھىندىستان ئاخباراتچىللىرىنى ئۇلارنى ‹ ئابۇ ئاش › دەپ قىسقارتىپلا ئاتىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپلىرىنىڭ بىرىكىمىسى. ھازىرغىچە بۇ ئەر ئايال ئىككىسى نۇرغۇن فىىلىملەردە بىرلىكتە رولغا چىققان. 2012-يىلى ئاشۋارىيا بىر قىز پەرزەنتى تۇغۇپ، ئامىتاب باچچان نەۋرىلىك بولغان.
《 Ta Ra Rum Pum 》 (2007) ...(rumored)
《 Shoot Out at Lokhandwala 》 (2007) ...Abhishek Mahatre
《 Sarkar 2 》 (2007) ...Shankar Nagare
《 Guru 》 (2007) ...Gurukant 'Guru' Desai
《 Jhoom Barabar Jhoom 》 (2007) ...Rikki Thukral
《 The Namesake 》 (2006) ...
《 Vasundhara 》 (2006) ...
《 Dhoom 2 》 (2006) ...Jai Dixit
《 Alag: He Is Different.... He Is Alone... 》 (2006) ...Special Appearance (Song)
《 Fanaa 》 (2006) ...
《 Umrao Jaan 》 (2006) ...Nawab Sultan
《 Kabhi Alvida Naa Kehna 》 (2006) ...Rishi S. Talwar
《 Lage Raho Munnabhai 》 (2006) ...Sunny
《Bunty Aur Babli 》 (2005) ...Rakesh Trivedi/Bunty
《 Autograph 》 (2005) ...
《Sarkar 》 (2005) ...Shankar Nagre
《 Dus 》 (2005) ...Shashank Dheer
《Hum Tum 》 (2004) ...Sameer (Special Appearance)
《 Dhoom 》 (2004) ...ACP Jai Dixit
《 Dhoom 》 (2004) ...playback singer
《 Yuva 》 (2004) ...Lallan
《 Phir Milenge 》 (2004) ...Advocate Tarun Anand
《 Naach 》 (2004) ...Abhinav
《 Rakht 》 (2004) ...Manav
《 Run 》 (2004) ...Siddharth
《 Main Prem Ki Diwani Hoon 》 (2003) ...Prem Kumar
《 Kuch Naa Kaho 》 (2003) ...Raj
《 Mumbai Se Aaya Mera Dost 》 (2003) ...Kanji
《 Zameen 》 (2003) ...ACP Jai
《 LOC: Kargil 》 (2003) ...Lt. Vikram Batra,13 JAK Rifles
《 Om Jai Jagadish 》 (2002) ...Jagadish Batra
《 Shararat 》 (2002) ...Rahul Khanna
《 Haan Maine Bhi Pyaar Kiya 》 (2002) ...Shiv Kapoor
《 Desh 》 (2002) ...Anjaan
《 Bas Itna Sa Khwaab Hai 》 (2001) ...Suraj Shrivastav
《 Tera Jadoo Chal Gayaa 》 (2000) ...Kabir Srivastav
《 Dhaai Akshar Prem Ke 》 (2000) ...Karan Khanna
《 Refugee 》 (2000) ...Refugee
《 Bollywood im Alpenrausch 》 (2000) ...Himself (uncredited)
2008-يىلى ئىشلەنگەن بىر «دوست» ناملىق فىلىمدا ناھايتى چوڭ مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەن. فىلىمدا : مىجەز خارەكتىرى ، ۋە تاشقى قىياپىتى ئوخشاشمايدىغان ئىككى يىگىت، سامار ۋە كۇنار ئىجارىگە ئالدىغان ئۆي ئىزدەيدۇ. نەتىجىدە ئىككىسى ئوخشاش بىر ئۆينى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ھەم شۇ سەۋەبتىن ئۆي تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىلىسىگە ئىجارىگە بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر ياتاق ئۆيدە ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزى تۇرىدىغان بۇلۇپ ، يەنە بىر ياتاق ئۆينى باشقا بىر قىز بالىنى تېپىپ ئىجارىگە بېرىش نىيىتىدە ئىدى. ئۆي ئىجارە ئېلىش تەس بولغانلىقتىن، سامار بىر چارە ئويلاپ تاپىدۇ، بۇ چارە دەل كۇنار بىلەن ئىككىسى بىر جۈپلەرنىڭ رولىنى ئېلىۋېىلىش ئارقىلق ئۆيگە ئىجارە ئېلىش، كېيىن ئۇلار تەڭلا ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
ئابشېك باچچان كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن كىنو مەستانىللىرىنىڭڭ ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋە كەسپىداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ، ماختىشىغا ئېرىشىپ، ھازىرغىچە ئون نەچچە قېتىم مۇنەۋەر ئەر ئااكتىيور مۇكاپاتىغا، بىر نەچچە قېتىم ياخشى يانداشما رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى ئىشلەنگەن بىر «دوست» ناملىق فىلىمدا ناھايتى چوڭ مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەن.
Filmfare Awards
- مۇنەۋۋەر ئەر ئاكتىيور (نام ئاتالغان) Dost 2008
- مۇنەۋۋەر ئەر يانداش پېرسۇناژ (نام ئاتالغان) Sarkar 2008
- مۇنەۋۋەر ئەر يانداش پېرسۇناژ (نام ئاتالغان) 2006 Kabhi Alvida Naa Kehna
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.