زەيتۇن دەرىخى
ئىنجىلنىڭ بىرىنچى تومىدا مۇنداق بىر ھېكايە بايان قىلىنغان: كەڭ زېمىننى توپان سۈيى بېسىپ كەتكەندە، ھاياتلىقلارنى كېمىسىدە ساقلاپ ئامان قالدۇرغان نوھ ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى توپان سۈيىنىڭ تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن كەپتەرنى قويۇپ بەرگەنىكەن. كەپتەر قايتىپ كەلگەندە تۇمشۇقى بىلەن يېڭى ئۈزۈلگەن بىر تال زەيتۇن شېخىنى ئېلىپ كەپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام توپان سۈيىنىڭ تارتىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، قۇرۇقلۇققا قايتىپ كەپتۇ. كېيىن، كىشىلەر كەپتەر بىلەن زەيتۇن شېخىنى تىنچلىقنىڭ سىمۋولى قىلىپ كەلمەكتە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زەيتۇن دەرىخى زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 10 −20 مېتىر كېلىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدە يېلىمسىمان يېپىشقاق ئاروماتىك سىمولسى(رېزىنا) بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك. 11 ~15 جۈپ يوپۇرماقلىرى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقنى شەكىللەندۈرگەن. گۈلى ئاق، خۇشبۇي پۇراقلىق، 20 ~300 گىچە ئۇششاق گۈللىرى كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل رېتىدە ئاتىلىق گۈللىرى ئەڭ كۆپ، قوش جىنسلىق گۈللىرى ئازراق، ئەتىياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، كۈز پەسلىدە مېۋىلەيدۇ، مېۋىلەش نىسبىتى گۈللىرىنىڭ ئاران %10 ى ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۈچكىلىك مېۋىسى ئېللىپس ياكى ئۇرچۇق شەكىللىك، مېۋە شۆپۈكى يېشىل رەڭلىك، پىشقاندىن كېيىن سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، ئۈچكىسى قاتتىق.
مېۋىسىنىڭ تەمى قىرتاق ئارىلاش تاتلىق، يېڭى پېتى يېگەندىن باشقا، شېكەرلەنگەن مېۋە قېقى ياساشقا بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە ئۆپكىنى تازىلاش، گالغا مەنپەئەت قىلىش دورىسى سۈپىتىدە يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىشنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. زەيتۇن ئۇرۇقى تەركىبىدە %20 ماي بولۇپ، ياغ چىقىرىپ سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ. ياغىچىدىن ئۆي جاھازلىرى ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساشقا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.