نىقرەس

بۇ كېسەللىك، پۇت-قولنى ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا تىقىش، پۇت-قول قاتتىق توڭلاپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ پۇت-قول بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرى ياللۇغلىنىش، ئىششىش، بوغۇم جايلاشقان جاينىڭ تېرىلىرى قىزىرىپ قېلىش ۋە قاتتىقلىشىپ ئاغرىش بىلەن ھەرىكەت قىلىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى نىقرەس
كېسەللىك سەۋەبى پۇت-قول قاتتىق توڭلاپ قېلىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى gout
ئاساسلىق ئالامىتى پۇت-قول بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرى ياللۇغلىنىش، ئىششىش
خەنزۇچە نامى 痛风
تەۋە بۆلۈم ئىممۇنىتېت بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى پۇت-قول بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىقرەسسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، پۇت-قولنى ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا تىقىش، پۇت-قول قاتتىق توڭلاپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: پۇت-قول بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرى ياللۇغلىنىش، ئىششىش، بوغۇم جايلاشقان جاينىڭ تېرىلىرى قىزىرىپ قېلىش ۋە قاتتىقلىشىپ ئاغرىش بىلەن ھەرىكەت قىلىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى، سۆرۈنجان مىسىرى 20 گىرامدىن، پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گىرام، سانا، مەستىكى رۇمى، زەپەر تۆت گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سانا يەتتە گىرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 27 گىرام، چالا سوقۇلغان بىستىپايەج، شاھتەررە يەتتە گىرام، چالا سوقۇلغان كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى ئۈچ گىرامدىن، قىزىلگۈل، تۇربۇتتىن يەتتە گىرامدىن، 70 گىرام تەرەنجىبىن، سۇ ئۈچ لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا 300 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپىنى سۈزۈپ، ئۈستىگە تەرەنجىبىن سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

نىقرەستەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستىدىن 25 گىرام، قارىمۇچ، پىلپىل، زەنجىۋىل، دارچىن، كابۇل ھېلىلىسى پوستىدىن 17 گىرامدىن، ئاق لەيلى يىلتىزى پوستى 33 گىرام، شاترەنج ھىندى، يۇمىلاق زىراۋەندىدىن 13 گىرامدىن، سۆئلەپ مىسىرى 50 گىرام، سۆرۈنجان مىسىرى 23 گىرام، قاقىلە 10 گىرام، چىلغوزا مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، ئارپىبەدىياندىن 20 گىرامدىن، موزىدىن يەتتە گىرام، ھەسەل بىر كىلوگرام، ئۇرۇقىدىن ئاجرىتىلغان قۇرۇق قارا ئۈزۈمدىن مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

 «نىقرەس» كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى پەرۋىش قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم نۇقتىلار

1. پىسخىك پەرۋىش جەھەتتە: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك نۇقرەس قوزغالغاندا بىمارنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغان بولغاچقا بۇخىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىماردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پىسخىك مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ، شۇڭا بۇخىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبلىرىنى، داۋالاش ئۇسۇلىنى، ئاقىۋىتى قاتارلىق ساۋاتلارنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم، بۇ ئارقىلىق بىماردا كېسەللىكتىن تۇلۇق ساقىيىپ كېتىشكە ئىشەنچ قىلىشتەك ئەڭ ياخشى پىسخىك ھەلەت پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا كۆپرەك ئارام ئېلىش، ھەرىكەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانماسلىقنى تەۋسىيە قىلىش لازىم .

2. ئوزۇقلۇق پەرۋىش جەھەتتە: بۇخىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارغا پەرۋىش ئېلىپ بارغاندا ئۇلارغا ئوزۇقلۇقنىڭ كېسەللىككە بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپى سەۋرچانلىق بىلەن سۆزلەپ بېرىشىمىز لازىم .

مەسىلەن: بىمارنى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان كالا گۆشى، مانتا، پولۇ، سامسا قاتارلىق تائاملارنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان لەتىيف غىزالار يەنى باچكا گۆشى، سۇيۇقئاش، سەي-كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇيمىز.

نىقرەس3. تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە: بالنىست تىمپىراتۇرسى تۇراقلىق، كۈن نۇرى تۇلۇق چۈشىدىغان ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى لازىم، بالنىستنى ۋاقتى – ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇش لازىم، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك «نىقرەس» كېسەللىكىنى ئاساسلىقى ياخشى دەم ئېلىشقا تەۋسىيە قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل بىمارلار سېسترالارنىڭ ھەمراھلىقىدا بالنىست ئىچىدە ياكى دوختۇرخانا ھويلىسىدا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇش، بوغۇملارنىڭ قېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تۈردە ئۇۋۇلاپ بېرىش، بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى، تومۇر سۇقۇش، نەپەس، قان بېسىمى قاتارلىق ھاياتلىق بەلگىلىرىنى كېسەللەنگەن ئۇرۇننىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى، بىماردىكى پىسخىك ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى توغرا خاتىرىلەش لازىم، ناۋادا نورمالسىز ئەھۋاللار بايقالسا دەرھال دوختۇرغا مەلۇم قىلىپ دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش لازىم.

4 .   دورا پەرۋىش جەھەتتە: بىمارلارغا دورا بەرگەندە دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دورا مىقدارى، ۋاقتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دورا ئىشلەتكەندىن كىيىنكى ئۈنۈمى ۋە ئەكس تەسىرى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ئالاھىدە كۆزىتىپ خاتىرىلىنىدۇ، بىرنەچچە خىل دورىنى بىرگە ئىچىشكە توغرا كەلگەندە 15-20 مىنۇت ۋاقىت قالدۇرۇپ ئىچىش، دورىلارنىڭ بىر – بىرىگە تەسىر قىلىپ رېئاكسىيەلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىش ياكى دورا ئۈنۈمىگە تەسىر قىلىشتىن ساقلىنىش. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببى دەستۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=199

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#