فېيشۇي ئۇرۇشى

مىلادىيە 383 - يىلى يۈز بەرگەن — شەرقىي جىن سۇلالىسى زامانىسىدىكى شىمالىي جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەتنى بۇرۇن چىن سۇلالىسى جەنۇبىي تەرەپ شەرقىي جىن سۇلالىسى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق يۇتۇۋېلىشى بىر قاتار ئۇرۇش ئىچىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. 

نامى فېيشۇي ئۇرۇشى
ئورنى شەرقىي جىن سۇلالىسى يۈيجۇ خۇەينەن ۋىلايەت فېيشۈي ئەتراپىدا
نەتىجىسى جىن زور غەلىبىگە ئېرىشتى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار شەرقىي جىن، ئالدىنقى چىن
ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 383-يىلى 11-ئاي
خەنزۇچە نامى 淝水之战

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فېيشۇي ئۇرۇشىمىلادىيە 382-يىلى ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى فۇ جيەن ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى يىغىپ، شەرقىي جىن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزدى. ئۇ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىغا: «كەمىنە پادىشاھ بولغىلى30 يىل بولاي دېدى، ھەممە ياق تىنچىدى، پەقەت شەرقىي جىن سۇلالىسىلا كەمىنىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمايۋاتىدۇ. كەمىنە شەخسەن ئۆزۈم زور قوشۇن باشلاپ شەرقىي جىن سۇلالىسىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىمەن، ھەرقايسىڭلار قانداق قارايسىلەر؟ » دېدى، لەشكىرىي، مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەتتا ئۇنىڭ ئىنىسى فۇ رۇڭ ۋە ئامراق خانىشى جاڭ خېنىممۇ ئۇنىڭغا لەشكىرىي يۈرۈش قىلماسلىققا نەسىھەت قىلدى. بىراق، فۇ جيەن ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىدىن مەجبۇرىي لەشكەر ئېلىپ، مىلادىيە 383-يىلى 870 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق، پىيادە لەشكەرلەرنى باشلاپ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن تەڭلا ئىلگىرىلەپ، شەرقىي جىن سۇلالىسىگە زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنلىرى چېگرىغا بېسىپ كەلگەندە، شەرقىي جىن سۇلالىسى ئوردىسى ساراسىمىگە چۈشتى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى شيې ئەن ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ، ئىنىسى شيې شى، جىيەنى شيې شۈەننى 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جەڭگە چىقىشقا بۇيرۇدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى لوجيەن(يەنى لوخې دەرياسى، ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى خۇەينەننىڭ شەرقىدە) ئەتراپىغا كېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، خىللانغان 5000 لەشكەرنى ئەۋەتىپ ئالدىنقى چىن سۇلالىسىنىڭ تۇرشاۋۇل قىسىمىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە دۈشمەننىڭ 15 مىڭ لەشكىرىنى يوقىتىپ، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇردى. ئارقىدىنلا شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە سۇ لەشكەرلىرى تەڭلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۇدۇل فېيشۇي دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ، چىن سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن دەريا بويىدا قارشىلاشتى. فۇ جيەن شۇياڭ شەھىرى (ھازىرقى ئەنخۇينىڭ شۇشيەن ناھىيىسى) نىڭ سېپىلىغا چىقىپ شەرقىي جىن قوشۇنلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىدىكى لەشكەرلەرنىڭ جەسۇر ھەم قاۋۇل، سەپلىرىنىڭ رەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى، ئاندىن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ باگۇڭشەن تېغىدىكى ئوت-چۆچلەرنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممىسى شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى ئوخشايدۇ دەپ، ئىچىدە قورقۇشقا باشلىدى. ئۇ فۇ رۇڭغا: «بۇ قېتىم يەڭگىللىك بىلەن يۈرۈش قىپتىمىز، شەرقىي جىن قوشۇنلىرى نەدىمۇ ئاجىز بولسۇن؟ » دېدى. بۇ چاغدا، شەرقىي جىن سۇلالىسى سانغۇنى شيې شۈەن ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرى بارگاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىغا سەل چېكىنىپ شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ دەريادىن ئۆتۈپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. فۇ جيەن شەرقىي جىن قوشۇنلىرىنىڭ يېرىمى دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندا، خىللانغان ئاتلىق قوشۇن بىلەن شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى يوقاتماقچى بولۇپ، چېكىنىشكە پەرمان چۈشۈردى. ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ھەر مىللەت لەشكەرلىرىنىڭ ئەسلىدىلا جەڭ قىلغۇسى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا قوشۇن چېكىنىشى بىلەنلا باشقۇرغىلى بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسىرگە چۈشكەن شەرقىي جىن سۇلالىسى سانغۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوشۇن ئارىسىدا: «ئالدىنقى چىن قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى! ئالدىنقى چىن قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى! ئالدىنقى چىن قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى! » دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىردىنلا پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى. شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەريادىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قوزغىدى، ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرى پۈتكۈل سەپ بويىچە مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇن لەشكىرى ئۆلدى ۋە يارىلاندى. فۇ رۇڭ جەڭ مالىمانچىلىقىدا ئۆلدى. فۇ جيەن ئالمان-تالمان ئۆز جېنىنى ئېلىپ قاچتى، يول بويى شامالنىڭ ھۇشقۇيتىشىنى ئاڭلاپ، شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالدى. ئۇ قېچىپ لوياڭغا كەلگەندە ئاران 100 نەچچە مىڭلا لەشكىرى قالغانىدى.

فېيشۇي ئۇرۇشىفېيشۇي ئۇرۇشىدىن كېيىن ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتى ناھايىتى تېزلا ھالاك بولدى، شىمال يەنە چوڭ بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى فېيشۇي ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، ئۆز زېمىنىنى قوغداپ قالدى، جەنۇب-شىمال تىركىشىش ۋەزىيىتىمۇ ساقلاپ قېلىندى.

شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي مەھكىمە لەشكىرىنى باشلاپ 80 مىڭ ئادەم ئالدىنقى ئۆز گۇرۇھىغا قاراشلىق ئەسكەرلەر 300 مىڭ ، باشقا ئەسكىرىي كۈچ 500 مىڭ

شەرقىي جىن سۇلالىسى ۋە بەش مىڭ ئادەم ئالدىنقى چىن بەگلىكى ئۆز گۇرۇھىغا قاراشلىق قوشۇن تولۇق يوقىتىلغان، باشقا ئەسكىرىي كۈچى ئۆلتۈرۈلگەن.

فېيشۇي ئۇرۇشىفېيشۇي ئۇرۇشى، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى 700 مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنلىرى چىچىلىپ كەتتى. پەقەت سىيانپىي، مۇ رۇڭچۈي بۆلۈمىنىڭ 30 مىڭ ئادەم تېخى مۇكەممەل. فۇ جيەن جەنۇبى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۈمىدى ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولدى، بۇنداقلا بولۇپ قالماستىن، شىمالدىكى ۋاقتىنچە بىرلىككە كەلگەن ۋەزىيىتىنى شۇنىڭغا ئەگىشىپ پارچىلىنىشقا باشلىدى، يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ تېخىمۇ كۆپ يەرلىك مىللىي ھاكىمىيەت، − سىيانپىيلارنىڭ مۇ رۇڭچۈي ۋە چياڭزۇ بولغان ياۋ چاڭ قاتارلىق باشقا ئاقسۆڭەكلەر قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ،  ئۆز ئالدىغا يېڭى دۆلەت قۇرۇلدى، فۇ جيەن ئۆزىمۇ ئىككى يىلدىن كېيىن ياۋ چاڭ تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشتى، ئالدىنقى چىن شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھالاك بولغان.  

ئالدىنقى چىن بەگلىكى مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەر 

بىرىنچى، فېيشۇي ئۇرۇشى — فۇ جيەن شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئالتە _ يەتتە يىل ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، لوڭمېي باۋتۇ شەھىرى دوڭخې رايونلۇق ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسىلىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقانىدى، ئالدىنقى چىن پەقەت ھەربىي جەھەتتىكى بىردەكلىكى ئىچكى ھۆكۈمرانلىقى تەۋرىنىپ قالدى، بىر قەدەر مول ماددىي ئاساسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇ جيەندە يىلمۇيىل ئۇرۇش بولۇپ، نەتىجىدە خەلق ئۇرۇشتىن بىزار بولدى، ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۆۋەن، ئاممىۋى ئاساسى كەمچىل.  

ئىككىنچى، فۇ جيەن ئادەم ئىشلەتكەندە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشلەتمىگەن، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش يوق، يەنە ئۇنىڭ فېيشۇي ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان مۇھىم بىر سەۋەبى. 

ئۈچۈنچى، فۇ جيەن چوڭ ئىش قىلىشنىڭ كويىدا يۈردى، سوغۇق بۇژغۇنلىرى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىش كەمچىل، ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يوق، جەڭ باشلىنىش ئالدىدىكى يەنە بىر يۈرۈش تاكتىكا قوماندانلىق قىلىش جەھەتتە خاتالىق ئۆتكۈزگەن، بۇ ئالدىنقى چىن فېيشۈي ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب. 

تۆتىنچى، ئىككى تەرەپ ئەسكىرىي كۈچى خېلىلاتەڭلىشىپ قالغان، لېكىن شەرقىي شىمالىي مەھكىمە لەشكىرى ئىلگىرىى چىن قوشۇنىنى يېڭىۋالغان.  

شەرقىي پۇنىڭ غەلىبە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى

1 . شەرقىي جىن سۇلالىسى سۈلھى قىلىشنى قۇۋۋەتلىگۈچىلەر شې ئەن قاتارلىق قەھرىمان، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەتئىي ئۇرۇش قىلىش، پوزىتسىيە ئىرادىسى قەتئىي.

2 . ئارمىيە جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك، سەركەردىلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى يۇقىرى، تەمكىنىلىك بىلەن بىمالال قوماندانلىق قىلىش، ئەسكەر يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئارمىيە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 

3 . خەلق تەشكىلاتى ئالدىنقى چىن بەگلىكىگە ھەربىي قارشىلىشىش كۆرسەتتى، ئەل ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 

4 . تەبىئىي توسۇق فېيشۈي بار، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بىلەن ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى، تەييارلىق تولۇق، ئەسكىرى كۈچنى تۇلۇق جارى قىلدۇرغان. 

5 . تاكتىكا مۇۋاپىق، ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى قىسم تۇراقسىزلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى بۆلۈۋېتىش، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ورھى چۈشۈپ قالايمىقان چېچىلىپ كەتكەن. 

6 . ئەقىل قوزغىتىشنىڭ ئارقىلىق دۈشمەننى قالايمىقانلاشتۇرغان، ئاندىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلماق؛ ئىستراتېگىيىلىك قوغلاپ زەربە بېرىشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئۇرۇش مېۋىلىرىنى كۆپەيتتى.  

فېيشۇي ئۇرۇشى يۈز بەرگەن خېفېي شەھىرى فېيشى ناھىيسىنىڭ شىمالىدىكى دەريادا شەرقىي خاتىرىسى. ئۇنىڭ يېنىدا ئەنخۇينىڭ شۇشەن ناھىيەسى. يەنە فېيشۈي، شۇشيەن ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى گېنېرال. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە، ۋېي زاڭ سۇن چۈەن ئىلگىرى فېيشۈينى مەغلۇپ قىلغان. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە، شيې شۈەن ۋۇدى قوشۇنى فۇجيەننى فېيشۈينى ئىشغال قىلغان. فېيشۈي داڭلىق قەدىمىي شەھەر.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#