ئۇيغۇرچە نامى تېكەس بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 8079.67 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 特克斯镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى
نوپۇسى 155113 ئادەم (2003-يىلى)
پىنيىنچە يېزىلىشى tè kè sī zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«تېكەس»، بىرىنچى خىل قاراشتا تۈرك تىلىدىكى سۆز دىيىلگەن، «ياۋا ئۆچكە» ياكى «كۈن نۇرى چۈشمىگەن تەرەپ ياكى تەسكەي يانتۇلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. ئىككىنچى خىل قاراشتا موڭغۇل تىلىدىكى سۆز ئاھاڭى «تېكىشيى»نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن دىيىلگەن، تۈزلەڭلىك دالىدىكى توغرا ئېقىن دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.

تېكەس بازىرىتېكەس بازىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 155113 (2003-يىلى) ئادەم، قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قىرغىز، موڭغۇل، تىيەن، شىبە قاتارلىق 22 مىللەت بار.

تېكەس بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 8079.67 كۋادرات كىلومېتىر، 133 مىڭ 571 مو، پايدىلىنىش نىسبىتى %99.65. ئاساسلىق تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11146 مو، ئورمان كۆلىمى 14 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 106850 مو، باغ كۆلىمى 255 مىڭ مو، باشقا يەرلەر 1320 مو.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق رايۇنى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرى ئۇيرات يىڭى قۇرۇلغاندا، بەش بايراق يايلىقى ئىلى جياڭجۈن تەۋەلىكىدە بولغان.

1934-يىلى، تېكەس مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى توققۇز تارا ناھىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ھازىرقى تېكەس، موڭغۇلكۈرە كەڭ رايونلىرى ئۇنىڭ قارمىقىدا بولغان.

تېكەس بازىرى1937-تېكەس ناھىيەسى قۇرۇلغان، مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي كوب (ھازىرقى چىلئۆزەك يېزىسى قوبى كەنتى)، كېيىنكى يىلى 2-ئايدا موڭغۇلكۈرە مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان.

1939-يىلى 10-ئايدا، ناھىيە بازىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان «سەككىز بۇرجەكلىك شەھەر» (ھازىرقى تېكەس بازىرى) غا كۆچۈرۈلگەن.

«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، نامى «قىزىلكۈر» (قازاق تىلىدا «قىزىل بۇتخانا» دېگەن مەنىدە) بولغان.

1950-يىلى، تېكەس بازىرى ناھىيەدە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، 1-رايون قىلىپ بىكىتىلگەن.

1951-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەسلىدىكى ناھىيە نامى «تېكەس» ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

1958-يىلى، قىزىل بايراق 1-خەلق گۇڭشېسى تەسىس قىلىنغان.

1976-يىلى، گۇڭشې نامىنى بازار گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتكەن.

1984-يىلى، خۇجىرتۇ موڭغۇل يېزىسى ئۆزگەرتىلىپ، بازار تەسىس قىلىنغان.

تېكەس بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستىدىكى تېكەس ناھىيەسىگە جايلاشقان. تېكەس ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا، تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى پۈرۈلمە بەلۋاغىغا، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تېكەس دەريا ۋادىسىغا، تېكەس-موڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان.

شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالى توققۇز تارا ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي باي ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي ۋە غەربىي شىمالى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، چاپچال ناھىيەسى بىلەن چېگرالانغان. تېكەس بازىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 852 كىلومېتىر.

تېكەس بازىرى تەۋەسىدىكى 4 مەھەللە، 4 كەنت ئاھالە كومىتېتى : قوشكۆل مەھەللىسى، ئازات مەھەللىسى، گۈلباغ مەھەللىسى، بوستان مەھەللىسى، قوشكۆل كەنتى، گۈلباغ كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، ئاقتاش كەنتى قاتارلىقلار.

تېكەس بازىرىنىڭ كىلىماتى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، بۇ بازارنىڭ يەر شەكلى شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-1200 مېتىرغىچە. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃3.5، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى ℃33، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى ℃35-، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 375 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 137 كۈن.

تېكەس بازىرىتېكەس بازىرىنىڭ سۈنئىي ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، ھەمدە كۆلىمى چوڭ ئىپتىدائىي ئىككىلەمچى ئورمان بار، ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئېچىلغان ۋە ئېچىش ئاسان بولغان ئىككىلەمچى ئورمان سامانيولى باغچىسى، ئۆڭكۈر قىيا تاش سىزمىلىرى، ئاقتا يايلىقى مەنزىرە نۇقتىسى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#