شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتلاق قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى

ئوتلاق قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2011-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2011-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى» نى يولغا قويۇش چارىسى
ئېلان قىلغان ۋاقىت 2011-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区实施“中华人民共和国草原法”办法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 2011-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى» نى يولغا قويۇش چارىسى

(2011-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30– يىغىنىدا ماقۇللانغان).

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(39-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2011-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2011-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

2011-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئوتلاقنى پىلانلاش، قوغداش، بەرپا قىلىش، پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئوتلاق تەبىئىي ئوتلاق ۋە سۈنئىي ئوتلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەبىئىي ئوتلاق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە يېرىم چاتقالدىن شەكىللەنگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلار ئۆسىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ؛ سۈنئىي ئوتلاق تېرىش، سۇغىرىش قاتارلىق يول بىلەن ياخشىلانغان ئوتلاق، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەرنى كۆرسىتىدۇ، شەھەر– بازارلاردىكى چىملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ھەمدە ئوتلاق باشقۇرۇش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. كونكرېت خىزمەتكە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپارات مەسئۇل بولىدۇ؛ لېكىن، مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى ئۇنىڭغا كىرمەيدۇ.

زېمىن بايلىقى، ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، مۇھىت ئاسراش، ساياھەت تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك، كونكرېت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئېھتىياجىغا قاراپ مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىم قويسا بولىدۇ.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا دائىر تەشۋىق– تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوتلاققا دائىر قانۇن– نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئوتلاقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتلاققا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش، ئوتلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقىمۇ بار.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى باشقۇرۇش، قوغداش، بەرپا قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

7-ماددا ئاپتونوم رايون تەبىئىي ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلغان چارۋىچىلارغا ياردەم پۇل بېرىدۇ، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان چارۋىچىلارغا مۇكاپات پۇل بېرىدۇ.

2-باب ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكى

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە تىزىملاپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. پايدىلىنىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئوتلاققا باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسىنى قايتا بېرىشكە بولمايدۇ، قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.

9-ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇننىڭ ئىشلىتىدىغانلىقى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى ھۆددە بېرىشكە بولىدۇ.

ئىشلىتىش ھوقۇقى بېكىتىلمىگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ رويخەتكە ئالىدۇ، قوغدايدۇ، باشقۇرىدۇ ھەمدە ھۆددە بېرىشنى بىۋاسىتە ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ، تاپاۋىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە مەخسۇس ئىسچوتتا باشقۇرۇپ، ھەممىسىنى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىدۇ.

10-ماددا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا ياكى بىرلىشىپ ھۆددە ئالسا بولىدۇ.

ئوتلاق ھۆددىگەرلىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

11-ماددا ئوتلاق ھۆددە بېرىلگەن مەزگىلدە، ھۆددە ئالغۇچى پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقنى ھۆددە بەرگۈچى تەڭشىسە بولمايدۇ. چوڭ تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن ئوتلاق ۋەيران بولۇش شۇنىڭدەك ئوتلاق ئېلىنىش، ئېلىپ ئىشلىتىلىش ياكى ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېھتىياجى بىلەن ئوتلاقتىن پايدىلىنىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئوتلاقنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئايرىم تەڭشەشكە بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئوتلاقنى تەڭشەشكە بولىدۇ:

(1) كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە قالدۇرغان زاپاس ئوتلاق؛

(2) ھۆددە بەرگۈچى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋالغان ئوتلاق؛

(3) ھۆددە ئالغۇچى ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرغان ئوتلاق؛

(4) دۆلەت مەبلىغى بىلەن بەرپا قىلىنغان يەم-چۆپ يېرىگە ئالماشتۇرۇلغان ھەمدە قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ئۆتەلگەن تەبىئىي ئوتلاق.

12-ماددا ئوتلاق ھۆددە بېرىلگەن مەزگىلدە، ھۆددە بەرگۈچى ئوتلاقنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) ئەسلىي ھۆددە ئالغۇچى ئۆلۈپ كېتىپ، قانۇنلۇق ۋارىسى بولمىسا؛

(2) ھۆددە ئالغۇچىلار چارۋىچىلىقتىن باشقا مۇقىم كىرىمى ياكى مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ئوتلاق ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كەچكەن بولسا؛

(3) ھۆددە ئالغۇچى ئائىلىسى بويىچە رايون بار شەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ، شەھەر نوپۇسى بولغان بولسا.

ھۆددە ئالغۇچىلاردىن ئوتلاقنى ھۆددە بەرگۈچىگە ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرۇپ بەرگەنلىرى ھۆددىگەرلىك مەزگىلىدە ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىشنى قايتا تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

13-ماددا ئوتلاق ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، ئىختىيارىي بولۇش ۋە ھەقلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئوبوروت قىلىشقا بولىدۇ.

ئوتلاق ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم:

(1) ئوتلاقنىڭ چارۋىچىلىققا ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛

(2) ئوخشاش شەرت ئاستىدا، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ؛

(3) ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارى بولۇشى ھەمدە ئۇ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى لازىم.

14-ماددا ئوتلاق ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوبوروت قىلىشقا بولىدۇ. ئوتلاق ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشتا ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى لازىم. ئوبوروت مۆھلىتى ئەسلىدىكى ھۆددىگەرلىك توختامىنىڭ قالدۇق مۆھلىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوبوروت قىلىشتا، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ھۆددە بەرگۈچىگە ۋە ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئوبوروت قىلغانلار ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، ھۆددە بەرگۈچى ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى لازىم.

15-ماددا مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىن ھالقىپ ئوتلاقتىن پايدىلىنىدىغان (تۆۋەندە ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىش دېيىلىدۇ) ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاق بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى ھەمدە ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىش ھەققىدە تارىختا كېڭىشىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىش كېلىشىمى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ئوتلاقنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛

(2) ئوتلاقنىڭ نامى، كوئۇردىناتى، پاسىلى، كۆلىمى، سۈپەت دەرىجىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەرىتە ماتېرىيالى؛

(3) ئوتلاقتا چارۋا بېقىش مەزگىلى، چارۋا سىغىمى؛

(4) ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئايرىلىشى؛

(5) ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلانغان خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى؛

(6) ئوتلاق ماجىراسىنى ھەل قىلىش چارىسى؛

(7) ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

16-ماددا ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئورۇنلار ياكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئوتلاقنى ئۆز ئورنى ياكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئائىلە ياكى بىرلەشكەن ئائىلىلەرگە ھۆددە بەرسە ھەمدە ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلانغان ناھىيە (شەھەر) دىكى ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىش ھۆددىگەرلىك مۆھلىتى ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ مۆھلىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

17-ماددا رايون ھالقىغان ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكىدە تالاش– تارتىش كۆرۈلسە، ئىتتىپاقلىققا، ئىشلەپچىقىرىشقا، چېگرا مۇداپىئەسىگە، ئوتلاقنى باشقۇرۇش ۋە بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر– بىرىنى چۈشىنىش، ئۆز ئارا يول قويۇش روھى بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك:

(1) بۇرۇندىن قالغان تالاش-تارتىشنى تارىخ (ئاساسلىقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تارىخ) قا ھۆرمەت قىلىش، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىغا ئېتىبار بېرىش ئاساسىدا، كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛

(2) مەمۇرىي رايون چېگراسى بىلەن ئوتلاقتىن پايدىلىنىش چېگراسى بىردەك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشنى ئوتلاقتىن پايدىلىنىش چېگراسى بىلەن مەمۇرىي رايون چېگراسىغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛

(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن كېلىشىمنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، ئىككى تەرەپ كېڭىشىش؛ كېلىشەلمىسە، ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇش، قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئەسلىدىكى كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك؛

(4) چېگراسى ئىلگىرى ئايرىلغان بولسا، ئايرىلغىنى بويىچە بولۇش، ئايرىلمىغان بولسا، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ، ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرىپ بېرىشىگە سۇنۇش كېرەك.

ئوتلاق ھوقۇقى تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئوتلاقتا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئاھالە كۆچۈرۈش؛

(2) ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىش، قاشا، ئېغىل-قوتان ۋە چارۋا بېقىش نۇقتىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى سېلىش شۇنىڭدەك باشقا مەڭگۈلۈك قۇرۇلۇشلارنى قىلىش؛

(3) ئوتلاقنىڭ پايدىلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش؛

(4) ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىش؛

(5) چارۋا بېقىش، ئوت-چۆپ ئورۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش.

3-باب ئوتلاق پىلانلاش ۋە بەرپا قىلىش

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش يىرىك پىلانى (جۈملىدىن ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى) نى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ئوتلاق بار جايدىكى ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزگەندە، ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىدىغان ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى لازىم.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتلاق بايلىقىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئوتلاقنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە ئىستاتىستىكىلاشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاق بايلىقى ئارخىپى ۋە مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشى؛ ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئوتلاق دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئوتلاقنىڭ دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشى لازىم.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق باشقۇرغۇچى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپىي تېخنىك خادىملارنى ئوتلاقنىڭ چېكىنىش قانۇنىيىتى، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى، شۇنداقلا بىيوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئوتلاق پەن تەتقىقاتىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېتىۋالمايدىغان سۈپەتلىك ئوت-چۆپ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، چارۋا نەسىلىنى ياخشىلاش ۋە يەم-خەشەك بىلەن بېقىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاق پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى پائال كېڭەيتىشى ۋە قوللىنىشى لازىم.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈنئىي ئوتلاقنى سۇغىرىش سۈيى، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئادەم ۋە چارۋىنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئوتلاق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتلاقتا سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، سۇغىرىلىدىغان ئوتلاق كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئادەم ۋە چارۋىنىڭ ئىچىملىك سۇ شارائىتىنى ياخشىلىشى لازىم.

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، ئاغدۇرماي تولۇقلاپ تېرىش، چېچىپ تېرىش ياكى ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇق چېچىپ تېرىش قاتارلىق ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى قوغداشتەك ئۇسۇل بىلەن ئوتلاقنى ياخشىلاپ، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بازىسى، يەم-خەشەك زاپىسى، ئوتلاق قاشاسى ۋە ئېغىل-قوتان قاتارلىق تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشى لازىم.

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈپەتلىك ئوت-چۆپ يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. دۆلەت مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان سۈپەتلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتمەسلىك لازىم.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كارانتىن-پىرىيوم قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، شۇ جايغا ماس كېلىدىغان سورتلۇق ئوت– چۆپ ئۇرۇقىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش،كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى لازىم. ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر كونكرېت خىزمەتلەرنى ئوتلاق خىزمىتى ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن، مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.

24-ماددا تەبىئىي ئوتلاقتا ئوت-چۆپ يېرى بىنا قىلىپ ئوت– چۆپ تېرىش ياكى يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇشنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، بەرپا قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ۋە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش؛ بەرپا قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخس ناھىيە (شەھەر)نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يولغا قويۇش لايىھەسىنى تاپشۇرۇشى، بىر دەرىجە يۇقىرى ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دەلىللىگەندىن كېيىن يولغا قويۇشى ھەمدە چارۋىچىلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

قۇملىشىش، شورلىشىش، چېكىنىپ كېتىش، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي ئوتلاقتا يەم-خەشەك يېرى بىنا قىلىشقا بولمايدۇ.

4-باب ئوتلاقتىن پايدىلىنىش

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلارنى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، چارۋىنى دېھقانچىلىق رايونىدا ئېغىل– قوتاندا بېقىش، چارۋىچىلىق رايونىدا ئىسسىقتا يايلىتىپ بېقىش، سوغۇقتا قوتاندا بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تەبىئىي ئوتلاقنىڭ چارۋا بېقىش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئوتلاقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكلىشى لازىم.

26-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىم ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. ناھىيە (شەھەر)نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا سىغىم ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئوتلاقنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

چارۋا سىغىم ئۆلچىمى ۋە چارۋا سىغىمى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ. ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمىنى بېكىتكەندە، ئوتلاقتىكى ئوت-چۆپنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ۋە رايوننىڭ سۇ– تۇپراق ساقلاش ئەھۋالىغا ئاساسلىنىش، ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلاردىن پىكىر ئېلىش ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللىتىش لازىم.

ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلار بېقىۋاتقان چارۋا سانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ھەمدە ئېلان قىلىنغان سىغىم مىقدارىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، ئوتلاقنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

27-ماددا ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈشى لازىم.

ئوتلاقتىن رايون ھالقىپ پايدىلىنىشتا، ئوتلاق بار جايدىكى ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان جايدىكى ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

28-ماددا ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئوتلاقنىڭ ھازىرقى ھالىتى: جۈملىدىن ئوتلاقنىڭ تۆت تەرەپ پاسىلى، كۆلىمى، تۈرى، دەرىجىسى، چېكىنگەن ئوتلاقنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى؛

(2) ھازىر بار چارۋىنىڭ تۈرى ۋە سانى؛

(3) تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئوتلاق چارۋا سىغىمى؛

(4) ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەدبىرى؛

(5) ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى؛

(6) مەسئۇلىيەتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى.

29-ماددا ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلار چارۋىسىنى ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە بېقىشى، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتلاق بىلەن چارۋىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى لازىم:

(1) سۇغىرىدىغان ئوتلاقنى كۆپەيتىش، ئوت-چۆپ تېرىقچىلىقىنى كۈچەيتىش، يەم-چۆپ تەمىناتىنى ئاشۇرۇش؛

(2) چارۋىنى رايون ئايرىپ بېقىشنى مەنئى قىلىش، بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش ۋە نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش قاتارلىقلارنى يىرىك پىلان بويىچە يولغا قويۇش؛

(3) نەسىللىك چارۋىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چارۋا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، چارۋىنى قولدىن چىقىرىشنى تېزلىتىش.

30-ماددا باشقىلار ھۆددە ئالغان، پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا چارۋا بېقىش ياكى ئوت –چۆپ ئورۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

31-ماددا چاتقال بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %30 كە يەتمەيدىغان بەلباغلاردىن ئەسلىدە چارۋا بېقىلىۋاتقانلىرىدا داۋاملىق چارۋا بېقىلىدۇ. چارۋا بېقىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئورمان بەلبېغىدا چارۋا بېقىشتا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش لازىم.

ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ چارۋىچىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئورۇندا چارۋا بېقىشىنى چەكلىشىگە، چارۋىچىلاردىن ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

32-ماددا ئورمان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورۇنلار ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن يىرىك پىلان بويىچە، چارۋا بېقىلىدىغان ئورمان يېرىدە ئورمان يېڭىلىماقچى ياكى تاغنى قاشالاپ ئورمان بىنا قىلماقچى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورمان يېرىدە چارۋا باقىدىغان چارۋىچىلارغا ئوتلاق تەڭشەپ بېرىشى ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشى لازىم.

33-ماددا كان ئېچىش، چارلاش ياكى يول ياساش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش، سىم تارتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئوتلاقنى ئىگىلىمەسلىك ياكى ئاز ئىگىلەش كېرەك؛ ئوتلاقنى ئېلىشقا، ئېلىپ ئىشلىتىشكە ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرتۈپ، ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. تەكشۈرتۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى بېرىش كېرەك:

(1) قۇرۇلۇشنىڭ تەستىق ھۆججىتى؛

(2) ئوتلاقنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ھەققىدىكى ئىسپات ماتېرىيال؛

(3) مۇھىت تەسىرىنى باھالاتقانلىق ھۆججىتى؛

(4) تولۇقلىما بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى.

34-ماددا ۋاقىتلىق ئىگىلەپ پايدىلىنىۋاتقان ئوتلىقى 30 گېكتاردىن تۆۋەن بولغانلارنى ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇللايدۇ؛ 30 گېكتاردىن يۇقىرى، 70 گېكتاردىن تۆۋەن بولغانلارنى ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇللايدۇ؛ 70 گېكتاردىن يۇقىرى بولغانلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇللايدۇ.

ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۆھلىتى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ ھەمدە ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن ئوتلاقتا مەڭگۈلۈك ئىمارەت سېلىش، قۇرۇلما ياساشقا بولمايدۇ؛ ئىگىلەش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، يەردىن پايدىلانغۇچى ئورۇن ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك.

35-ماددا قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئوتلاقنى ئېلىشقا، ئېلىپ ئىشلىتىشكە ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوتلاقتىن پايدىلىنىۋاتقان ئورۇنلار، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلارغا تولۇقلىما بېرىش ھەمدە ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. تولۇقلىما پۇل ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تولۇقلىما پۇلى ۋە تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلەتكەنلەر توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تولۇقلىما پۇل بېرىشى لازىم.

36-ماددا قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئوتلاقنى ئالىدىغان، ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغانلار ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرۇشى لازىم. ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش، مەخسۇس پۇل ھېسابىدا جايىغا ئىشلىتىش كېرەك.

ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىدىغانلار ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كاپالەت پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇشى لازىم. ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كاپالەت پۇلى قايتۇرۇلىدۇ؛ ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەرنىڭ كاپالەت پۇلى ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كاپالەت پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىدۇ.

5-باب ئوتلاق قوغداش

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاساسىي ئوتلاقنى ئايرىپ، بەلگە ئورنىتىپ، ئېلان قىلىدۇ.

38-ماددا ئوتلاقتا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) ئوتلاقتا يەر ئېچىش؛

(2) ئوتلۇق پاسىل بەلگىسى، قاشا، ئېغىل-قوتان، سۇغىرىش ئورنى، يايلىتىش ئورنى ۋە چارۋا يولى قاتارلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، شۇنداقلا بىيوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىش؛

(3) قالايمىقان قەبرە قاتۇرۇش؛

(4) ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن باشقا ئاپتوموبىللار يولدىن چىقىپ ئوتلاقتا مېڭىش ياكى گېئولوگىيەلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بېكىتىلگەن مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشىدە ماڭماي ئوتلاقتا مېڭىش؛

(5) ئوتلاققا پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىش ياكى تۇرمۇش ئەخلىتى، تاشلاندۇق، كېرەكسىز توپا ۋە داشقال قاتارلىق قاتتىق تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش؛

(6) ئوتلاقنى بۇزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چاشقان ئاپىتى، ھاشارات ئاپىتى ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق ئوت-چۆپ ئاپىتى قاتارلىق بىيوئاپەتنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىيوئاپەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ۋە كېڭەيتىشكە ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئوتلاق بىيوئاپەت كۆزىتىش پونكىت-نۇقتىسى قۇرۇپ، بىيوئاپەتنىڭ يامراش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، بىيوئاپەت سىگنال ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىلار ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزى پايدىلىنىدىغان ياكى ھۆددە ئالغان ئوتلاقتا چاشقان يوقىتىش، كېسەللىك، ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق ئوت-چۆپنى يوقىتىش مەجبۇرىيىتى بار.

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ كەتكەن، قۇملىشىپ كەتكەن، شورلىشىپ كەتكەن ئوتلاق ۋە ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايوندىكى ئوتلاقنى چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنىدىغان رايون ۋە چارۋا بېقىش توختىتىپ تۇرۇلىدىغان رايون قىلىپ ئايرىپ، چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، توختىتىپ تۇرۇش مۆھلىتىنى بەلگىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى لازىم.

41-ماددا ناھىيە (شەھەر) نىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز رايونىنىڭ ئوتلاق بايلىقى ئەھۋالى ۋە پەسىلگە قاراپ، رايونغا ئايرىپ نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش لايىھەسى ياكى پەسىللىك كۆچۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى لازىم.

42-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولغان، قۇملىشىپ كېتىۋاتقان ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىدىغان ئېچىلغان ئوتلاقلارنى پىلانلىق ھالدا تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇشى؛ چېكىنىپ، قۇملىشىپ، شورلىشىپ ۋە قاقاسلىشىپ كەتكەن ئوتلاقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئوڭشىشى لازىم.

43-ماددا ئوتلاقتا توپا، قۇم، تاش ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى؛ قېزىلما بايلىق ئاچىدىغانلار قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى لازىم.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن پائالىيەتلەرنى ئوتلاقتا تەستىق بىلەن قىلىدىغانلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت، رايون ئىچىدە ئىجازەت بېرىلگەن قېزىش مىقدارى ۋە قېزىش ئۇسۇلى بويىچە مەشغۇلات قىلىشى ھەمدە ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

باشقىلار پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن پائالىيەتنى قىلىشتا، ئاۋۋال ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

44-ماددا ئوتلاقتىكى تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتىنى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئوتلاق ئىگىسى، ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچى ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك.

ئوتلاقتا تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتى قىلىشتا ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ.

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقتىكى ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر، ياۋايى ھايۋانلار ۋە سورت بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى لازىم.

ئوتلاقتىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىشتا، ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى بولمىسا، ئوتلاق ئىگىدارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە يىغىش كېرەك. چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان رايون، چارۋا بېقىش توختىتىپ تۇرۇلغان رايون ۋە دائىرىلەنگەن رايون، شۇنداقلا قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردە يىغىش مەنئى قىلىنغان رايوندا ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىشقا بولمايدۇ.

46-ماددا ئوتلاق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەر ئۈستى سۈيىدىن پايدىلىنىدىغان ياكى يەر ئاستى سۈيىنى تارتىدىغانلار ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى لازىم.

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئوتلاققا دائىر قانۇن-نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاققا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

ئوتلاققا دائىر مەمۇرىي قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا رەتلىك كىيىنىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

48-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 13-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتلاقنىڭ چارۋىچىلىققا ئىشلىتىلىشىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلانغان ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 12 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

49-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 24-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يولغا قويۇش لايىھەسى دەلىللەنمىگەن ئەھۋالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يەم-چۆپ يېرى بەرپا قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

50-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 26-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتلاقتا نورمىدىن ئاشۇرۇپ چارۋا باققانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاشۇرۇپ باققان ھەر بىر ئۆلچەملىك چارۋىسى ئۈچۈن 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

51-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار ھۆددە ئالغان، پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا چارۋا باققانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھەر بىر ئۆلچەملىك چارۋىسى ئۈچۈن بەش يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ باشقىلار ھۆددە ئالغان، پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا ئوت-چۆپ ئورۇغانلارغا ئورۇغان ئوتلۇقنىڭ ھەر موسى ئۈچۈن 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

52-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ:

(1) ئوتلۇق پاسىل بەلگىسى، قاشا، ئېغىل-قوتان، سۇغىرىش ئورنى، يايلىتىش ئورنى ۋە چارۋا يولى قاتارلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، شۇنداقلا بىيوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(2) ئوتلاقتا قالايمىقان قەبرە قاتۇرغانلارنى قەبرىنى كۆچۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛

(3) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇقىم يولدىن چىقىپ ھەيدەپ، ئوتلاقنى چەيلىۋەتكەنلەرگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(4) ئوتلاققا تۇرمۇش ئەخلىتى تۆككەنلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ئوتلاققا پاسكىنا سۇ قويۇپ بەرگەنلەر ياكى كېرەكسىز نەرسە، كېرەكسىز توپا ۋە داشقال قاتارلىق قاتتىق تاشلاندۇق تۆككەنلەرنى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

53-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 40–، 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان، چارۋا بېقىش توختىتىپ تۇرۇلغان رايوندا چارۋا باققانلار ۋە پەسىللىك كۆچۈرۈش لايىھەسىگە قارىماي چارۋا باققانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ھەر بىر ئۆلچەملىك چارۋىسى ئۈچۈن بەش يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

54-ماددا ئوتلاقتا توپا، قۇم، تاشنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، ئورۇن ۋە كولاش ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا ئالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز پۇل-مېلى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

55-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتلاقتا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتى قىلىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە خىزمەت ھوقۇقى بويىچە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 12 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

56-ماددا ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن ئوتلاقتا مەڭگۈلۈك ئىمارەت سالغان ۋە قۇرۇلما ياسىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇۋەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي چۇۋۇۋېتىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن ئورۇنلاردىن ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى توشقاندا ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

57-ماددا ئوتلاققا دائىر مەمۇرىي قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ۋە دەخلى قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

58-ماددا ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرى ۋە باشقا دۆلەت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان ياكى بايقىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرمىگەن، توسمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

59-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

60-ماددا بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئالغان ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئوتلاق ھۆددىگەرلىك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقىچە كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ.

61-ماددا بۇ چارە 2011-يىل 10-ئاي 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#