جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى قىسقارتىلىپ مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى، 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەنلىك ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاۋام تەشكىلاتى. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华全国台湾同胞联谊会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىسوتسىيالىزم، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرۇۋاتقان تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئالاقە باغلاش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك-بىرلىك بايرىقى ئاستىدا، تەيۋەن ئارىلى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە چەت ئەللەردىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، يۇرتداشلىق مۇھەببىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتكە كېلىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» پرىنسىپى بويىچە تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش، باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، تەيۋەن خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە ئاۋام تەشكىلاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، قېرىنداشلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش؛ ھۆكۈمەتكە دۆلەت ئىچىدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇ ۋە تەكلىپلىرىنى ئىنكاس قىلىش؛ تەيۋەنلىك، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەر خىل ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى، شۇنىڭدەك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئەجداد ئىزدەپ، تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاپ، ئادەم ئىزدەپ، سەيلە-ساياھەت قىلىپ، ئوقۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن كەلگەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ ئوبدان ئىشلەيدۇ. ئىككى قىرغاقنىڭ بىۋاسىتە «ئۈچ ئالاقىسى» ۋە سىرت بىلەن ئالماشتۇرۇش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سودا قىلىش، مەبلەغ سېلىش، زاۋۇت قۇرۇش، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ۋە ئىلىم، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا پائال ياردەملىشىدۇ.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋەكىللىرى يىغىنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ سايلاپ چىققان كېڭەش، كېڭەش ھەيئىتى سايلاش، دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، جەمئىيەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىس، جەمىئىيەتنىڭ تەكلىپ قىلغان مەسلىھەتچىسى. 

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ئىشخانىسى، ئالاقىلىشىش بۆلۈمى، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەشۋىقات بۆلۈمى، تەتقىقات ئىشخانىسى، « تەيۋەن » ژۇرنىلى تەھرىراتى ۋە تەۋەلىك مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى- جۇڭگو مەنبەسى شىركىتى. 

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئولتۇراقلاشقان ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چۈشىنىپ ۋە تەيۋەن ۋەزىيىتىنىڭ ياردەم، ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشى كېرەك؛ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ پائال ئىگىلەپ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرۇۋاتقان تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ پىكرى ۋە تەلىپىگە ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، قانۇن ۋە سىياسەت بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ يەنە ئۇلارغا ياردەملىشىپ يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلاش، قەبرە بېشىنى يوقلاش، دوستلارنى زىيارەت قىلىش، ساياھەتچىلىك، ئولتۇراقلىشىش ۋە تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش پائاليەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. 

ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلىرى 

لىن لىۋېن ( 1981-يىلىدىن 1991-يىلغىچە ) 

جاڭ كېخۇي ( 1991-يىلدىن 1997-يىلغىچە ) 

ياڭ گوچىڭ ( 1997-يىلدىن 2005-يىلغىچە ) 

لياڭ گوياڭ ( 2005 - يىلىدىن ھازىرغىچە ) 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/93767.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#