بەدەۋىلەر

سىرلىق مىللەت  بەدەۋىلەر
بەدەۋىلەر چوڭ -باياۋاندىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بۇلۇپ،ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىنى ئاساسى بىرلىك قىلىپ،بىپايان دەشىت- چۆللەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلدىغان ئەرەبلەردۇر.
ئۇيغۇرچە نامى بەدەۋىلەر
تارقالغان رايۇنلار غەربى ئاسىيا،شىمالى ئافرىقا ۋە مىسىر
نۇپۇسى 700 مىڭ
خاراكتىرى قىزغىن ۋە مېھماندوست
خەنزۇچە نامى 贝都因人
دىنى ئىتىقادى ئىسلام دىنى
شۇغۇللىنىدىغان كەسپى چارۋىچىلىق
ئېنگىلىزچە نامى Bedun,Bedouins

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  ئۇلار ئاساسلىقى غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ بىپايان چۆل–جەزىرىلىرىگە تارقالغان ، مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسىدىمۇ تەخمىنەن 700 مىڭ بەدەۋى بار .

كىيىنىش ئادىتى   بەدەۋىلەرنىڭ بوي–بەستى ئېگىز كېلىدۇ، بەدەۋى ئەرلىرى ئوشۇقىغا كەلگۈدەك ئۇزۇنلۇقتىكى شارۋار ، كەڭ ئۇزۇن كۆينەك كىيىدۇ ، قىشتا سىرتىغا پىلاش ئارتىۋالىدۇ، بېلىگە تۇلۋار (ئەگمەچ قىلىچ) ياكى تاپانچا ئېسىۋالىدۇ . ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلىكى ، پۈركەنچىسى ، پىلاشلىرىغا گۈل كەشتىلىنىدۇ ، ئۇلار تۈرلۈك بېزەكلەرنى ئېسىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

   ئەنئەنىۋى بەدەۋىلەر ئادەتتە چۆل–جەزىرە ، باياۋان، تۆپىلىك (ئېدىرلىق) ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چەت بەلباغلىرىدا ياشايدۇ ، تۆگە ، قوي بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئۇلار پەسىل ۋە مۇقىم يول بويىچە قانۇنىيەتلىك ھالدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چەت بەلباغلىرىدا ئەڭ ئىسسىق ، قۇرغاق پەسىلنى ئۆتكۈزىدۇ . بازارغا بېرىپ ، چارۋا ماللىرى ياكى يىغقان دورا–دەرمەكلىرى (پۇراقلىق ماتېرىياللىرى) نى سېتىپ ، خورما ، ئاشلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ. 

تۇرمۇش ئەھۋالى    يامغۇر پەسلى يېتىپ كېلىپ ، چۆلدىكى ئوت–چۆپلەر ئۆسكەندە ، ئۇلار قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە يول ئالىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، كۆپلىگەن بەدەۋىلەر مۇقىم ئولتۇراقلىشىدىغان شەھەر تۇرمۇشىنى تاللىدى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇملۇققا بولغان چۈشەنچىسى ۋە رايون مەنزىرىسىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىغا تايىنىپ ، شەھەر چېتىدىكى بوز يەرلەرگە چېدىر تىكىپ ياكى ئاددىيلا ئۆي سېلىپ ، بۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەن ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرگە يول باشلىدى ھەمدە دېڭىز بويىغا كىچىك تىپتىكى قەھۋەخانا ، چايخانا ، ئىستىراھەت كەنتلىرىنى ئاچتى . ئۇلار يەنە خالىغان چاغدا قۇملۇققا قايتىپ كېلىپ ، ئوت–چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان تۇرمۇشىنى باشلايدۇ .   بەدەۋىلەر جاپاغا چىداملىق ، قىزغىن ۋە مېھماندوست ، ئەركىن–بىمالال، قورۇنماس خەلق بولۇپ ، قەبىلە ئەنئەن–تۈزۈملىرىدىن باشقا ھەرقانداق قانۇننى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەمدە ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلىدىن باشقا ھېچقانداق ھۆكۈمەتكە بويسۇنمايدۇ ، شۇڭلاشقا مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى بەزى بەدەۋىلەر  ھۆكۈمەت ياكى يەرلىكتىكى ئارمىيە بىلەن پات–پات كىچىك دائىرىدە توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.

   بەدەۋىلەر چېدىردا تۇرۇپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن تۇرمۇشنى كەچۈرمەكتە ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ياۋروپا–ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر بىلەن راۋان چەت ئەل تىلىدا بىمالال سۆزلىشەلەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بەدەۋى قەھۋەسىگە ئالاھىدە مېھرى بار، ئەمما مۇزدەك ، شېرىن كولانىمۇ رەت قىلمايدۇ . ئۇلار ئىنتېرنېتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ ، ئەمما جۇڭگولۇق چولپان چىڭلۇڭنى ئوبدان تونۇيدۇ . ئۇلار قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق ئارىسىدا ئەركىن مېڭىپ يۈرگەن كۆچمەن چارۋىچى مىللەتتۇر.

  بەدەۋىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/108531.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#