ئەڭ كۈچلۈك قارا قۇيۇن

قارا قۇيۇن
قارا قۇيۇننىڭ دائىرىسى چوڭ بولمايدۇ، ئادەتتە، بىر نەچچە ئون مېتىردىن بىر نەچچە يۈز مېتىر ئارىلىقىدىلا بولىدۇ. داۋام قىلىش ۋاقتىمۇ ئۇزاققا سوزۇلمايدۇ. ئادەتتە، بىر نەچچە مىنۇتتىن بىر قانچە ئون مىنۇتقا بارىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر نەچچە سائەتتىن ئاشمايدۇ. قارا قۇيۇننىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولىدۇ، ئۇ يېتىپ بارغانلىكى يەردە دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قارا قۇيۇن
باشقا نامى Tornado
خەنزۇچە ئىسمى 龙卷风

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز ياقىسىدا ياسايدىغان كىشىلەر ھاۋارايىدا يۈز بېرىدىغان ئاجايىپ ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. ئاسماندا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغىدىغان قويۇق بۇلۇت پەيدا بولغاندا، بەزىدە ئۇنىڭدىن بىر تال قارا قۇيرۇق سوزۇلۇپ چىقىدۇ. قەدىمكىلەر ئۇنى «ئەجدىھا» دەپ ئاتىغان. ئۇ غايەت زور ۋارونكىغا ئوخشاش ناھايىتى تېزلا دېڭىز يۈزىگە سوزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇ يۈزىدە دەررۇ سۇ تۆۋرۈكى پەيدا بولىدۇ-دە، بۇلۇت بىلەن سۇ تۇتىشىپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك تۈس ئالىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «ئەجدىھانىڭ سۇنى سۈمۈرۈشى» دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شىددەتلىك قۇيۇن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئەجدىھا» بىلەن مۇناسىتى يوق. بۇ قۇيۇن مېتېئورولوگىيىدە «قارا قۇيۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. 

قارا قۇيۇننىڭ دائىرىسى چوڭ بولمايدۇ، ئادەتتە، بىر نەچچە ئون مېتىردىن بىر نەچچە يۈز مېتىر ئارىلىقىدىلا بولىدۇ. داۋام قىلىش ۋاقتىمۇ ئۇزاققا سوزۇلمايدۇ. ئادەتتە، بىر نەچچە مىنۇتتىن بىر قانچە ئون مىنۇتقا بارىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر نەچچە سائەتتىن ئاشمايدۇ. قارا قۇيۇننىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولىدۇ، ئۇ يېتىپ بارغانلىكى يەردە دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ دولقۇن دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇلىدۇ، ئۇ 20 توننا ئېغىرلىقتىكى چوڭ پار قازىنىنى500 مېتىر نېرىغا ئاپىرىۋېتەلەيدۇ، 220 مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكى نېفىت باكىنى 15 مېتىر ئېگىزلىككە لىپپىدە كۆتۈرۈپ، 120 مېتىر نېرىغا تاشلىيالايدۇ؛ ئۇ يەنە مىڭ توننىلىغان دېڭىز سۈيىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ بەزى جايلارغا غەلىتە يامغۇر ياغدۇرىدۇ: «بېلىق ياغدۇرىدۇ» ، «بۇغداي ياغدۇرىدۇ» ، «پاقا ياغدۇرىدۇ» ۋە «تەڭگە ياغدۇرىدۇ» ؛

 ئامېرىكىدا خاتىرىلەنگەن بىر قارا قۇيۇن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور قارا قۇيۇن ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا 1925-يىلى 18 مارتتا بىر قېتىم كۈچلۈك قارا قۇيۇن چىققان، ئۇنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 96.6 كىلومېتىر بولۇپ، مىسسورى، ئىللىنوئىس، ھىندىيانا شىتاتلىرىغا يېتىپ بارغان، ئۇ 354 كىلومېتىر يول بېسىپ، كۆپلىگەن مال-مۈلۈكنى ۋەيران قىلغان، 689 ئادەم ئۆلگەن، 1980 دىن ئوشۇق ئادەم يارىدار بولغان. بۇ قارا قۇيۇن دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بىر قەدەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن ئەڭ زور قارا قۇيۇن ھېسابلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#