ياقۇت

ياقۇت بولسا بىرخىل مىنېرال بولۇپ، ئۈچ ياقلىق كىرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ  قاننى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى ياقۇت
ئەرەبچە نامى ياقۇت
ئىنگلىزچە Rubiy
تونۇش بىرخىل مىنېرال بولۇپ، ئۈچ ياقلىق كىرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 红宝石
پارسچە نامى ياقۇت
ئوردۇچە نامى مانك
چىقىش ئورنى شىنجاڭدىن چىقىدۇ. تۈركىيە، يەمەن قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياقۇتياقۇت بولسا بىرخىل مىنېرال بولۇپ، ئۈچ ياقلىق كىرىستال سىستېمىسىغا كىرىدىغان بۇلۇپ، بۇ رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قىزىل ياقۇت، ئاق ياقۇت، سېرىق ياقۇت، يېشىل ياقۇت دەپ بىرقانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ، قىزىل ياقۇت بىلەن يېشىل ياقۇت خەلقئارالىق سورت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  كانلاردىن كولاپ قېزىپ ئېلىپ ساپلاشتۇرۇپ ھەر خىل رەڭلەردىن تەييارلىنىدۇ، شىنجاڭدىن چىقىدۇ. تۈركىيە، يەمەن قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.

يۈرەك ۋە مېڭنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى ئېچىش، قاننى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش،

ئەكىس تەسىرى

ھەزىمنى بۇزىدۇ.

تۆمۈر، ئاليۇمىن، ماگنىي فروم، تۆمۈر فروم، كالتسىي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ياقۇتياقۇتنى كۇشتە قىلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ، خېمىرى مەرۋايىت، مۇپەررىھى ياقۇت، داۋائى مىشكى، مۇپەررىھى ئەۋرىشىم قاتارلىق ياسالمىلارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا، يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ ياكى ياقۇتنى كۇشتە قىلىپ باشقا مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ .

دورىلىق ئورنى 

كۈشتە قىلىنغان جىسىمى .

مىقدارى

1 ~ 0.1 گرام

ساقلاش

ئىس- تۈتەك، ھور ۋە مايلاردىن خالى جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 مەستىكى رۇمى

ئورۇنباسارى 

مەرۋايىت، كەھرىۋا

مۇپەررىھى ياقۇت

يۈرەك ۋە مېڭىنىڭ ئاجىزلىقى، يۈرەك سېلىش، يۈرەك قوزغىلىش، نېرۋا ئاجىزلىقى، جۇنۇن، تۇتقاقلىق كېسىلى، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=297

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#