مېۋە ئۇرۇقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە شىپالىق رولى

بىر قىسىم مېۋە ئۇرۇقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىمىتى ۋە شىپالىق رولى ناھايتى كۆپ.

ئۇيغۇرچە نامى مېۋە ئۇرۇقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە شىپالىق رولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلدىغان دورىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە، بىر قىسىم مېۋە ئۇرۇقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىمىتى ۋە شىپالىق رولى كۆپكەن. كۆپلىگەن كىشلەر مېۋىلەرنى دائىم ئىستىمال قىلىپ تۇرسىمۇ ھەم بەزى مېۋىلەرنىڭ دورىلىق قىمىتىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ مۇھىم ئۇزۇقلۇق ھەم دورا مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم كېسەلىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا، ئالدىنى ئېلىشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىنىڭ يۈرەك قان تۇمۇر كېسەلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى بىر قەدەر گەۋدىلىك. ئۇنىڭ تەكىبىدە تويۇنمىغان لىنولېئىك كىسلاتا قاتارلىقلار بۇلۇپ، ئۇلار قاندىكى ماي، خولېستېرىن قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كېسەللىك يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دائىم ئىستىمال قىلغاندا ئۈنۈمى بىر قىسىم دورىلاردىنمۇ ياخشىراق بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆپلىگەن تېبابەت دورىلىرىغىمۇ قوشۇلىدۇ. ئۇنى قۇرۇتۇپ قورۇپ ئىستىمال قىلسىمۇ ياكى قاينىتىپ قىيام قىلىپ ئىستىمال قىلسىمۇ بۇلىدۇ.

تاۋۇز ئۇرۇقى ئۆپكىنى تازىلاپ، سىلىقلاپ بەلغەمنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەمى تاتلىققا مايىل، تەبئىتى مۆتىدىل بۇلۇپ، ئۆپكىنى تازىلاپ، بەلغەمنى ھەيدەپ نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۆتەلنى توختىتىدۇ. تاۋۇز ئۇرۇقى تەركىبىدىكى بىر قىسىم تويۇنمىغان مايلار ئاشقازاننى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەسلەر، دائىم قەۋزىيەت بولدىغانلار مۇۋاپىق يەپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى مەزى-بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان مۇھىم دورىلارنىڭ بىرى. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىنىك ھەم ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە سېتروئىد مەزى بېزى كېسەلىكىنىڭ راكقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان لىزلېئاك كىسلاتاسى، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى قاندىكى شېكەر، مايلارنى تەڭشەشتە ۋە تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۈزۈم ئۇرۇقى قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ھەم تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقنى ئاشۇرۇپ قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. راكنىڭ، يۈرەك قان تۇمۇرلىرى كېسەلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن باشقا، يەنە ياللۇغلىنىشقا، رادىئاكتىپ نۇرلارنىڭ تەسىرىگە، مىكروبلارغا قارشى تۇرالايدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى تاننىن، فىلاۋۇن قاتارلىقلارمۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۇنى سوقۇپ ھاراققا ئارلاشتۇرۇپ ئىچسە ئۈنۈم تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.

ئانار ئورۇقىنىڭ بوغۇملارنى سىلىقلاش، ئاسراش رولى گەۋدىلىك بۇلۇپ، ئانا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى پولىفېنول، فىلاۋۇن قاتارلىقلار تېرىنىڭ ئەركىن رادىكاللار تەرپىدىن بۇزلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈز، كۆزلەرنى قورۇق چۈشۈشتىن ساقلايدۇ. قېرىلىق دېغىنىڭ بالدۇر چۈشۈشىنى، كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئانار ئۇرۇقىنى كۆپرەك يەپ بەرسە ئۇرۇق تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بوغۇمنى سىلىقلايدىغان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ بوغۇملارنى ئاسرايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#