ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى
ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كاناي، كانايچە شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەلغەم تۆكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.
ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «شەدىد ۋەزمى قەسەيەتۇل رىبە، ۋەرمى قەسەبەتۇل رىبەھار» دەپ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرى
بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى كاناي-كانايچە شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرۇپ ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كېسەللىك تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولىدۇ. دەسلەپتە يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنى بۇرۇن پۈتۈپ، كۆپ چۈشكۈرىدۇ، بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ، يۇتقۇنچاق ئاغرىيدۇ، قىچىشىدۇ، ئاۋاز پۈتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇيۇقسىز قىزىپ، جۇغ-جۇغ پەيدا بولىدۇ، كۈچلۈك يۆتىلىدۇ، قىزىيدۇ، قىزىتمىسى ℃38 - ℃39 دىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەسلەپتە غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتەل ياكى ئاز مىقداردا بەلغەملىك يۆتەل كۆرۈلىدۇ. بەلغەمدە قان بولمايدۇ، تۆش سۆڭەك ئارقىسى يېقىمسىزلىنىپ، ئېچىشىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئېغىرلىرى ھاسىرايدۇ، دەم سىقىلىپ، ئۆپكە ساھەسىدىن ھۆل ياكى قۇرۇق خىرىپ ئاڭلىنىش بىلەن بىرگە يەڭگىل دەرىقىدە توڭۇپ تىترەش، قىزىش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش ياكى تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
1. يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدىكى كېسەللىك تۇيۇقسىز باشلىنىش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش، قۇرۇق يۆتەل بولۇش، ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەر كاناي ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك بولۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
2. جىددىي خاراكتېرلىك ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
جىددىي خاراكتېرلىك ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغىدىكى بۇرۇن يۇتقۇنچاق قۇرۇش، چۈشكۈرۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ئالامەتلىرى روشەن بولۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
3. ئۆپكە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
ئۆپكە ياللۇغىدىكى كېسەللىكنىڭ باشلىنىشى بىر قەدەر تېز بولۇش، جۇغ-جۇغ بولۇش، ماغدۇرسىزلىق كۆرۈنەرلىك بولۇش، كۆكرەك ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە دەسلەپتە ئاق كۆپۈكلۈك بەلغەم تۆكۈرۈش، كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيۇل، يىرىڭلىق، قان ئارىلاش بەلغەم تۆكۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
4. ئۆپكە سىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
ئۆپكە سىلىدىكى ماغدۇرسىزلىق، چۈشتىن كېيىن قىزىش، تەرلەش، ئىشتىھاسىزلىق، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.
3. قىزىتما پەسەيتىش يۆتەل پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قان تازىلاش مەقسىتىدە ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
زەنگار سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، زەنگار سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، زۇپا، سەرپىستان قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا زەنگار سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، زەنگار سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، يۆتەل پەسەيتكۈچى، نەپەسنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، زۇپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، سەرپىستان قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەنكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
بىنەپشە، نېلۇپەر، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زۇپا 10 گرامدىن، پىرسىياۋشان 12 گرام، چىلان 30 گرام، تەمرى ھىندى 60 گرام، سەرپىستان 20 گرام، قەنتتىن 60 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە كاشكاپ تەييارلاپ، كۈنە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
ئەرقى گۈل كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى نېلۇپەر كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن، بىنەپشە شەربىتى كۈدنە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، نىلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، سەندەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
يۆتەل پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
پىرسىياۋشان 25 گرام، چىلان 45 گرام، سەرپىستان 30 گرامدىن، بەدىيان 10 گرام، گۈلبىنەپشە 15 گرام، ئەنجۈر مونىكى 90 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى 15گرامدىن، خەشخاش پوستى 10 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
بىنەپشە، نېلۇپەر، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 20 رامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 12 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ھورىدا ھورلاندۇرۇلىدۇ.
لوئوقى سەرپىستان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15~10 گرامدىن، لوئوقى خەشخاش كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15~10 گرامدىن، لوئوقى بادان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15~10 گرامدىن، لوئوقى چىلغۇزا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، لوئوقى كەتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، زۇپا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
لوئوقى چىلغوزا نۇسخىسى: چىلغوزا مېغىزى 50 گرام، بادام مېغىزى 100 گرام، خەشخاش پوستى 15 گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 25 گرام، خەشخاش ئۇرۇقى يەتتە گرام، زۇپا ھىندى 25 گرام، گاۋزىبان، رۇببى سوس، ئۈستقۇددۇس، پىرسىياۋشان، سەرپىستان 15 گرامدىن، بادرەنجى بۇيا، بېھى ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، نىشاستە، كەتىرا ئالتە گرامدىن، زەپەر ئۈچ گرام، قەنتتىن 500 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلىنىدۇ.
لوئوقى كەتان نۇسخىسى: بادام مېغىزى 30 گرام، چىلغوزا مېغىزى، خەشخاش ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 30 گرامدىن، زىغىر 120 گرام، سەرپىستان 20 گرام، سەمغى ئەرەبى، زۇپا ھىندى 10 گرامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى بەش گرام، شۇمشا ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 10 گرامدىن، مەستىكى رومى، كەتىرا سەككىز گرامدىن، رۇببۇسۇس 10 گرام، شېكەردىن 500 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلىنىدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، مېڭە، يۈرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىر گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، مايلىق، غىدىقلىغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
2. ئاسان سەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى مىزاجىغا مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3. زۇكام بولۇشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، تاكاما چېكىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، قورقۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
4. مۇۋاپىق ئارما ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.