كۆپىكى دەريا

كۆپىكى دەريا

كۆپىكى دەريا كۆز ياشاڭغىراشنى ئازايتىش، يىرىڭلىق زەخمىنى پۈتتۈرۈش، تراخوما دانىچىلىرىنى يوقىتىش، ئاق خۇننى توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۆپىكى دەريا
ئىنگلىزچە Cuttlebone, Sepium
خەنزۇچە ئاتىلىشى 海螵蛸Hai piao xiao
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تونۇش

بۇ سىياھبېلىق ئائىلىسىدىكى ھايۋانات سېپىللا سىياھبېلىقىSepiellade) ) ((Rochebruneياكى سېپىللا سىياھبېلىقىنىڭ ئىچكى قېپى بولۇپ، بۇ بېلىقنىڭ گۆشى، قېپى ۋە قارا خالتىسىدىكى قارا سۇيۇقلۇقى «كۆپىكى دەريا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. رەڭگى ئاق، سىرتقى تەرىپى سىلىق، ئىچى قوتۇر، يىرىك، تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ.

خىيميىۋىلىك تەسىرى

بۇنىڭدا %85 ~ 80 كالتسىي كاربونات بار، يەنە مۈڭگۈزسىمان ماددا، شىلىمشىق ماددا ھەمدە ئاز مىقداردا كالتسىي خلورىد، كالتسىي فوسفات، ماگنىي تۇزلىرى بار.

چىش مىلىكىنى چىڭىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، كۆڭۈل ئېلىشىشنى پەسەيتىش. ھەزىمنى ياخشىلاش، قان توختىتىش، جاراھەت قۇرۇتۇش، كۆز ياشاڭغىراشنى ئازايتىش، يىرىڭلىق زەخمىنى پۈتتۈرۈش، تراخوما دانىچىلىرىنى يوقىتىش، ئاق خۇننى توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

سۇپۇپى كۆپىكى دەريا، زىمادى كۆپىكى دەريا.

ئورۇنباسارى

كەت ھىندى.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

قاپاق مېغىزى يېغى.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

بۇنىڭدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان كالتسىي كاربوناتتىن كىسلاتالىق ياسالمىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ، يېڭى ئېلىنغان بېلىقنىڭ ئىچىدىن بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئېھتىمال بىر خىل پولېپپىپتىد (Polipeptid) خىلىدىن ئىبارەت. كىشىلەر بۇ بېلىقنى يەپ زەھەرلەنسە، مۇشۇ ماددا ئۈچەي ھەرىكىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى تۈزەيدۇ.

ئېغىز يارىسى، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ھەر خىل جاراھەت، يارىلىنىش، سىل كېسەللىكىدىكى قان تۈكۈرۈش، 

بالىياتقۇنىڭ ئۆزلىكىدىن قانىشى، تراخوما، كۆز چاپاقلىشىش، ئۆسمە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قاناش، ھەزىم بۇزۇلۇش، قۇلاق يىرىڭلاش، سەپكۈن، داغ، مۇدۇر، ئىستىسقا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. كۇندۇر، مەستىكى، كۆپىكى دەريالاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچىشكە بەرسە، ئاشقازان يارىسى ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشقا شىپا بولىدۇ.

2. ئەرەب يېلىمى 5 گرام، ئاقاقىيا 5 گرام، ئانار گۈلى 3 گرام، كۆپىكى دەريادىن 5 گرام. قائىدە بويىچە سۇپۇپ قىلىپ كۈندە ئىككى ۋاق ئىچىپ بەرسە ئاشقازان – ئۈچەي قاناشقا شىپا بولىدۇ.

 3. موزا 5 گرام، ئانار گۈلى 5 گرام، كەت ھىندى 5 گرام، فۇفەل 3 گرام، ئاق سەندەل 5 گرام، كۆپىكى دەريا 5 گرام. قائىدە بويىچە سۇپۇپ قىلىپ ئېغىزغا سەپسە، ئېغىز يارىسىغا شىپا بولىدۇ.

 4. سۆئلەپ 30 گرام، ئاق مەۋسەل 30 گرام، تەمرى ھىندى ئۇرۇقى 45 گرام، ئانار گۈلى 20 گرام، زورۇنبات 20 گرام، ناۋات 15 گرام، كۆپىكى دەريا 5 گرام، سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، مەنىينى تۇتىدۇ، ئاق خۇن كۆپىيىشكە شىپا بولىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=451

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#